ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۈستەل ئارايۈزى بېزەش > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇغا Gnome3 قاچىلاش
ئېلان قىلىنغىلى619 كۈن بولدى / ئۈستەل ئارايۈزى بېزەش / 65 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,949+

ئۇبۇنتۇ ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە Gnome3 ئۇبۇنتۇ 11.10 دىن باشلاپ رەسمىي ئىشلىتىلىدىكەن. بىراق ئۇبۇنتۇ 10.10، 11.04 ئىشلىتىلىۋاتقانلار بىۋاسىتە PPA مەنبەسىدىن قاچىلاپ ئىشلىتەلەيمىز.

ئۇنى قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاسان بولۇپ مە تۆۋەندە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.

  • ئۇبۇنتۇ 11.04 كە قاچىلاش

ئالدى بىلەن ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزىنى (Ubuntu Software Center) ئېچىپ software sources (نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى نەشرىدە بۇ يەرنى تاپالماپتۇ) نى تاللايمىز.

Other Software دېگەن ئورۇندىن Add نى باسىمىز.

ھەمدە ئېچىلغان كۆزنەككە gnome3 نىڭ PPA مەنبەسى ppa:gnome3-team/gnome3 نى قوشىمىز (ھەر قانداق PPA مەنبەسىنى مۇشۇنداق قوشساق بولىدۇ).

ئەمدى بۇ كۆزنەكنى ئېتىۋەتسەك ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى بىر يېڭىلىنىدۇ.

ئەمدى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن Gnome3 نى تاللاپ gnome-shell، gnome-tweak-tool نى قاچىلىساقلا بولىدۇ (Gnome3 نىڭ باشقا قىستۇرمىلىرىنى لازىم بولغان يەنە مۇشۇ يەردىن قاچىلىساق بولىدۇ)

ئەگەر بۇ ئۇسۇلنى ئاۋارىچىلىك بىلگەنلەر تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساقمۇ ناھايىتى ئاسان.

sudo add-apt-repository ppa:gnome3-team/gnome3
sudo apt-get update
sudo apt-get dist-upgrade
sudo apt-get install gnome-shell

قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن سىستېمىدىن چېكىنىپ قايتا كىرىپ، كىرىش كۆزنىكىنىڭ (ئابونت نامى مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزىدىغان يەردىن) Gnome3 نى تاللاپ كىرسەكلا بولدى. Gnome3 نى قاچىلىغاندا بۇرۇنقى Untity ئېكران يۈزىگە كىرەلمەيمىز.
ئەگەر Gnome3 نى ئۆچۈرمەكچى بولساق تۆۋەندىكى بۇيرۇقى ئىشلىتىمىز.

sudo apt-get install ppa-purge
sudo ppa-purge ppa:gnome3-team/gnome3
  • ئۇبۇنتۇ 10.10 غا قاچىلاش ئۇسۇلنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش

قاچىلاش بۇيرۇقى

sudo add-apt-repository ppa:ubuntu-desktop/gnome3-builds
sudo apt-get update
sudo apt-get install gnome-desktop3

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 65 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 6 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 2 پارچە. دەلىللەنگىنى: 57

  1. مۇخلىس : 2011-يىل 8-ماي22:12 جاۋاب

    ئۇستەل يۇزى مۇھىتىنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەم قايسىنى ئىشلىتىشنى بىلمەي قالىدىكەن

    • نۇرئەلى : 2011-يىل 13-ماي22:45 جاۋاب

      ياقتۇرغاننى ئشلىتڭلا مۇخلىسجان … :grin:

  2. نۇرئەلى : 2011-يىل 13-ماي22:31 جاۋاب

    مەن قاچىلىغاندىن كېيىن خەت شەك(ئۇيغۇرچە) ياخشى كۆرۈنمدى… :shock:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 14-ماي14:34 جاۋاب

      خەت شەكلىنى ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرماپسىز

  3. ئىبرايىم : 2011-يىل 8-ئىيۇن23:12 جاۋاب

    مىنىڭ ubuntuيۇمتال مەركىزىمدىن چاتاق چىققان چىغى، يىڭى يۇمتاللارغا ئىرىشىدىغان يەردە ھىچنىمە يوق(چۆگىلەۋاتقان سەل ساقلاش مەنىسىدىكى سۈرەتتىن باشقا)،ئامالى بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلا :sad: .كومپىيۇتىر تازىلىغۇچ(电脑清洁工 )مۇ ئىچىلمايدۇ. بەكلا جىلە قىلدى ئادەمنى :twisted:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 8-ئىيۇن23:19 جاۋاب

      ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغاندا sudo apt-get update ۋە sudo apt-get upgrade بۇيرۇقى بىلەن ئۇبۇنتۇدىكى دېتال ئۇچۇرىنى، شۇنداقلا تىزىملىكىنى يېڭىلاش كېرەك. مۇشۇ باسقۇچنى باسقانمىتىڭىز؟
      电脑清洁工 ئېچىلمىغان بولسا سىز تېرمىنالدا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزۈپ سىناپ بېقىڭ قانداق خاتالىق ئۇچۇرى بار؟
      /usr/share/computerjanitor/computer-janitor-gtk

  4. ئىبرايىم : 2011-يىل 9-ئىيۇن23:12 جاۋاب

    /usr/share/computerjanitor/computer-janitor-gtk ماۋۇ بۇيرۇقتا بىر تالاي ئىنگىلىزچە نەرسە چىقىپ كەتتى، كۆرۈپ چۈشىنەلمىدىم.

  5. ئىبرايىم : 2011-يىل 9-ئىيۇن23:13 جاۋاب

    يۇقىرىدا دىيىلگەن 2 باسقۇچنى باسمىغان ئىكەنمەن

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×