ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
Ubuntu 12.04 دە java مۇھىتى ھازىرلاش
ئېلان قىلىنغىلى233 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / 58 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,392+

Ubuntu نى يېڭى قاچىلىغاندىن كىيىن JAVA مۇھىتى سىستېما بىلەن بىرگە قاچىلانمايدۇ. ئەگەر سىستېمىغا JAVA مۇھىتى ھازىرلىمىساق JAVA ئۈستىگە قورۇلغان دېتاللارنى ئىشلىتەلمەيمىز. مەسىلەن پروگراممىرلار جىق ئىشلىتىدىغان IDE eclipse. يەنە تېخى جاھاننامىدە JAVA ئۈستىگە قورۇلغان كىچىك App لەرنىمۇ ئىشلىتەلمەيمىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا JAVA پروگراممىلىرى تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

Ubuntu 10.10 دىن بۇرۇن SUN JDK ئۇبۇنتۇ ئورگان مەنبەسىدە تەمىنلىنەتتى. يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئاسانلا قاچىلاپ ئىشلىتەتتۇق. 2010 يىلى Oracle كېڭىيىپ SUN نى قوشۇۋالغاندىن كىيىن. ئوچۇق كودلۇق OpenJDK ئۇبۇنتۇدا SUN JDK نىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى.

OpenJDK قاچىلاش

OpenJDK مېنىڭچە SUN JDK گە %100 دېگۈدەك ئوخشايدۇ. Ubuntu 12.04 گە بىۋاسىتە قاچىلاش ئىشلىتەلەيمىز.
قاچىلاش بۇيرۇقى:

sudo apt-get install openjdk-7-jre

ياكى بۇ يەرنى بېسىپ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قاچىلاڭ.

SUN JDK قاچىلاش

بۇرۇن Ubuntu دا JAVA ئۈستىگە قورۇلغان دېتاللارنى، جاھاننامىدىمۇ JAVA ئۈستىگە قورۇلغان APP لەرنى جىق ئىشلەتمىگەچكىمۇ، ئىشقىلىپ SUN JDK ياكى Open JDK ماڭا ئوخشاش بىلىنەتتى، بىراق يېقىندىن بىرى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن JAVA ئۆگىنىۋاتقان، JAVA پروگراممىسىنى تەڭشىگەندە(调试) مەسىلە كۆرۈلدى. ئەگەر SUN JDK نى قاچىلاپ ئىشلەتكۈسى بارلار ئالدىن بىلەن Open JDK نى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن قاچىلايمىز. تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزگەندە كۆرۈنگەن بارلىق بوغچىلارنى ئۆچۈرۈۋەتسەڭلار بولىدۇ. مۇشۇ بۇيرۇقتا ھېچنېمە كۆرۈنمىگەندە ئاندىن SUN JDK نى قاچىلاشقا باشلايمىز.

sudo dpkg -l|grep openjdk

1. SUN JDK نى بۇ يەرنى بېسىپ، Linux x86 ياكى Linux x64 نىڭ (32 بىت ياكى 64 بىت) tar.gz نى چۈشۈرىمىز.
2. tar.gz پرېسلانغان ھۆججىتىنى يېشىمىز.
3. /usr/lib مۇندەرىجىسى ئاستىغا jvm مۇندەرىجىسىدىن بىرنى قۇرمىز. (ئەگەر ئەسلىدە بۇ مۇندەرىجە بولمىسا)
4. تېرمىنالنى ئېچىپ tar.gz ھۆججىتىنى يەشكەن مۇندەرىجىگە cd بۇيرۇقى ئارقىلىق كىرىمىز.
5. ھۆججەتنى /usr/lib/jvm/ مۇندەرىجىسى ئاستىغا كۆچۈرىمىز.

sudo mv jdk1.7.0_04 /usr/lib/jvm/

5. JDK قاچىلايمىز. ئەگەر باشقا بۇيرۇقلارغىمۇ ئېھتىياجلىق بولساق قوشۇۋالساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە 6 باسقۇچنى تەڭ قىلىمىز.

sudo update-alternatives --install /usr/bin/javac javac /usr/lib/jvm/jdk1.7.0_04/bin/javac 1
sudo update-alternatives --install /usr/bin/java java /usr/lib/jvm/jdk1.7.0_04/bin/java 1

6. مۇھىت (环境变量)بەلگىلەيمىز (ياخشى تەرجىمە قىلالمىدىم، ئۇيغۇرچىدا نېمە دەيمىز؟). بۇ ئۇسۇل profile ھۆججىتىنى تەھرىرلىگەندىن ئاددىي.

sudo update-alternatives --config javac
sudo update-alternatives --config java

7. ئەگەر تېرمىنالدا بۇ بۇيرۇقنى كىرگۈزگەندە، java نەشرى كۆرۈنسە قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولدى دېگەن گەپ.

java -version

SUN JDK قاچىلاشنىڭ يەنە بىر ئاسان ئۇسۇل PPA مەنبەسىدىن قاچىلاش، ئۈچ بۇيرۇق بىلەنلا ھەممە ئىش تاماملىنىدۇ.

sudo add-apt-repository ppa:webupd8team/java
sudo apt-get update
sudo apt-get install oracle-java7-installer

JAVA ئەپلىرىنى جاھاننامىدە نورمال ئىشلىتىش (firefox, chrome قاتارلىق)

ئەگەر Open JDK ئىشلەتكەنلەر بولسا، icedtea-7-plugin بوغچىسىنى قاچىلىساقلا بولىدۇ.

sudo apt-get install icedtea-7-plugin

SUN JDK ئىشلەتكەنلەر، تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزىمىز. 32بىتلىق Ubuntu ئىشلەتكەنلەر amd64 نى i386 غا ئۆزگەرتىپ ئاندىن يۈرگۈزۈڭلار.

mkdir ~/.mozilla/plugins
ln -s /usr/lib/jvm/jdk1.7.0_04/jre/lib/amd64/libnpjp2.so ~/.mozilla/plugins

JAVA نىڭ جاھاننامىدە نورمال ئىشلىگەن ئىشلىمىگەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىغا كىرىش ئارقىلىق تەكشۈرىمىز. نورمال بولسا «Your java is working» دەپ كۆرۈنىدۇ.

http://java.com/en/download/testjava.jsp

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 58 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 0 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە. دەلىللەنگىنى: 58

    ئىنكاس يېزىش

    سۈرىتىڭىز يوقما؟