ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ 11.04دىكى Home سىن بەلگىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش
ئېلان قىلىنغىلى590 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 1,023+

ئۇبۇنتۇ 11.04 ئىشلىتىۋاتقانلار مۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەن بۆلىشى مۇمكىن. يەنى ئۆزىمىزنىڭ Home مۇندەرىجىسىگە كىرمەكچى بولساق، ئېكراننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى natty غا يېڭى قوشۇلغان Lancher نىڭ، ئەڭ ئۈستىدىكى Home ھۆججىتىنىڭ سىن بەلگىسىنى بېسىپ ئاچىمىز. بۇنداق قىلغاندا بىۋاسىتە Home مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى، كىنو، مۇزىكا، چۈشۈرۈش مۇندەرىجىسىگە كىرىش سەل ئاۋارىچىلىك.

ھەر قېتىم كىنو كۆرمەكچى بولسام، ئالدى بىلەن Home غا كىرىپ ئاندىن Vedio مۇندەرىجىسىنى ئېچىىش سەل ئاۋارىچىلىك بىلىنىپ خېلى ئېتىشىپ بۇ ئۇسۇلنى تېپىپ چىقتىم (مەن سەل ھۇرۇن…).

ئالدى بىلەن تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقىنى كىرگۈزىمىز.

gksudo gedit /usr/share/applications/nautilus-home.desktop

ئېچىلغان كۆزنەكتىكى ھەممە مەزمۇننى ئۆچۈرۈۋېتىپ ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى كودنى كۆچۈرىمىز.

[Desktop Entry]
Name=Home Folder
GenericName=Home Folder
X-GNOME-FullName=Home Folder
Comment=Open your favourite folders in Nautilus
Exec=nautilus %U
Icon=user-home
Terminal=false
Type=Application
Categories=GNOME;GTK;Core;
StartupNotify=true
X-GNOME-Bugzilla-Bugzilla=GNOME
X-GNOME-Bugzilla-Product=nautilus
X-GNOME-Bugzilla-Component=general
X-Ubuntu-Gettext-Domain=nautilus

X-Ayatana-Desktop-Shortcuts=Home;Documents;Downloads;Pictures;Music;Videos;

[Home Shortcut Group]
Name=Home
Exec=nautilus
OnlyShowIn=Unity

[Documents Shortcut Group]
Name=Documents
Exec=nautilus Documents/
OnlyShowIn=Unity

[Downloads Shortcut Group]
Name=Downloads
Exec=nautilus Downloads/
OnlyShowIn=Unity

[Pictures Shortcut Group]
Name=Pictures
Exec=nautilus Pictures/
OnlyShowIn=Unity

[Music Shortcut Group]
Name=Music
Exec=nautilus Music/
OnlyShowIn=Unity

[Videos Shortcut Group]
Name=Videos
Exec=nautilus Videos/
OnlyShowIn=Unity

ئەمدى Launcher نىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى Home غا مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەكسەك، رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىر ئاز قۇلايلىق.

بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن Launcher دىكى ھەر بىر سىن بەلگىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قۇلايلىق قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ. كاللا ئىشلىتىشكە ئامراق ھەۋەسكارلار يۇقىرىدىكى كودنى تەتقىق قىلىپ ئۇرۇنۇپ باقساڭلار بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟