firefox 4.0 نىڭ نامى ھەقىقىي نۇسخىسى چىقماي تۇرۇپلا خىلى چىقىپ قالدى. ئۇنىڭ ماختىگۈچىلىك نەرە بارلىقىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭلار. ماڭا ئەڭ يارىغان يېرى ئارايۈزىنى ناھايىتى پاكىز ئىشلەپتۇ.
Windows نۇسخىسىنى ftp چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ftp://ftp.mozilla.org/pub/mozilla.org/firefox/releases/4.0/win32
لىنۇكس نۇسخىسىنىڭ ftp چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ftp://ftp.mozilla.org/pub/mozilla.org/firefox/releases/4.0/linux-x86_64
يۇقىرىدىكى ئىككى ئۇلىنىشتىن قايسى تىل قۇلايلىق بولسا شۇ تىلنى تاللاپ قاچىلاپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
ئەگەر ئۇبۇنتۇ 10.04 ياكى 10.10 ئىشلىتىۋاتقانلار، تۆۋەندىكى ئىككى بۇيرۇق ئارقىلىق ئەسلىدىكى firefox نەشرىنى كۆتۈرسەك بولىدۇ (firefox نى قايتا قوزغىتىمىز).
نىمە ئۈچۈن توردا ناخشا ئاڭلىغىلى بولمايدۇ
ياكى بىرەر قىستۇرما قاچىلامدۇق
ياردەم قىلسىڭىز
سىز قايسى تورغا چىقىپ ناخشا ئاڭلىيالمىدىڭىز؟
مەن كۆرۈپ باقاي
تۇردىكى سۇرەتلىك فىلىملەر قۇيۇلمايدۇ ..ناخشىلارمۇ قۇيۇلمايدۇ..قىستۇرما قاچلاڭ دەيدۇ قاچلاي دىسەم قاچلانمايدۇ
سىز بۇ بۇرۇق بىلەن قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ.
sudo apt-get install adobe-flashplugin
ئەگەر يەنە بولمىسا http://get.adobe.com/flashplayer/ بۇ ئۇلىنىشتىن firefox نىڭ flash قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. tar.gz بولسا، ئۇنى يىشىپ libflashplayer.so نى root ھوقوقى بويىچە /usr/lib/mozilla/plugins/ نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ.
توردىكى mp3 ناخشىلارنى قۇيالمىدى
مەسىلەن http://www.ulinix.cn
ئۇبۇنتۇدا firefox نىڭ بۇ قىستۇرمىسىنى مىنىڭكىدىمۇ تاپالمىدى. سىز google chrome ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ.