-
2010-06-20
سۈپەت - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
سۈپەت
سۈپەت بولسا نەرسىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردۇر .تۈرك تىلدا ، خالىغان ۋاقىتتا سۈپەت بىلەن ئىسىم ئايرىلغان ئەمەس . نۇرغۇنلىغان ئىسىملار ، سۆز ياسىغاندا سۈپەتلىك رولغا ئىگە بولىدۇ . تۈرك تىلدا ئاز بىر قىسىم سۈپەت سۆزلىرىدىن باشقىسىنىڭ ئىسىم بىلەن بولغان ھالەت بەلگىسى ئېنىق ئايرىلمىغان .
تۈرك تىلدا سۈپەت دائىرىسىدىكى ئاز بىرقىسىم تۈپ سۆزلەرلا ساپ سۈپەت بولۇپ كىلىدۇ .
بۇ سۆزلەر 1 . مەنە ۋە ئىشلىتىلىشىدە ، نەرسىلەرنىڭ خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر ، بۇ خاسلىق سۈپەتلىرى دىيىلىدۇ .
2. مەلۇم بىر نەسىنىڭ مەلۇم باشقا بىر نەرسە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلدۇرىدىغان سۆزلەر ، بۇ مۇناسىۋەت سۈپەتلىرى دىيىلىدۇ . -
2010-05-13
يەھۇدىيلارنىڭ قانچىلىك بايلىقى بار ؟ - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
يەھۇدىيلارنىڭ قانچىلىك بايلىقى بار ؟
دۇنيانىڭ 36% بايلىقىنى ئىگەللىگەن يەھۇدىيلارنىڭ پۇلى تەخمىنەن قانچىلىك ؟
بېل گەيتىس ، ۋولىن باففىتلار دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشلەردىنمۇ؟ياۋوپا ۋە دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان خەلقئارا بانكا روسچىلىد جەمەتى بانكىسىنى باش قىلىپ ، ئامىرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى يەھۇدىي بانكىرلىرىغا نەزەر سالايلى .
پۇل ۋە باكىنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرى دۆلەتلەر دەسلەپ تارقاتقان پۇل ۋە زايوملارنى چۈشىنىۋالايلى ، شۇ مۇناسىۋەت قايتىدىن
logs/61761651.html
يەرشارىلاشقان سەرمايە تېمىسىغا نەزەر سېلىپ zf زايوملارنى چۈشىنەيلى .ئالدى بىلەن ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
Federal Reserve System ئامىرىكا زاپاس پۇل سېستىمىسى ، 1913 - يىلى ئامىرىكا زاپاس پۇل قانۇنىغا Federal Reserve Act ئاساسەن ئامىرىكامەركىزىي بانكىسىنىڭ مەسئۇللىقىدا قۇرۇلغان . ئامىرىكا مەركىزىي بانكىسى بولسا ئامىرىكا زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆزى شۇدۇر . Federal Reserve Board
زاپاس پۇل كومىتىتى يەتتە كىشىدىن تەركىپ تاپقان (بىر رەئىس ، بىر مۇئاۋىن رەئىس ،بەش نەپەر ھەيئەت ئەزا بولۇپ ، ئامىرىكا ئەلباشى ئېلان قىلىدۇ ، پارلامىنىت ئارقىلىق سايلاپ چىقىلىدۇ ، ۋەزىپەئۆتەش مۇددىتى رەئىس ۋەمۇئاۋىن رەئىسنىڭ 4 يىل ، ئۇدا بولسا بولىدۇ ، قالدى ھەيئەت ئەزالارنىڭ 14 يىل ) . -
2010-05-11
-
2010-05-08
تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى living level - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى
مەلۇم جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپىقىرىش تەرەققىيات باسقۇچىدا ، ئاھالىلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشتا كىرەكلىك بولغان تاۋار ۋە ئەمگەك مۇلازىمەتنى ئىستىمال قىلىش ۋە ئىشلىتىش دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ .
تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ مەزمۇنى :
1. ئەمەلىي كىرىم سەۋىيەسى ، 2. ئىستىمال سەۋىيەسى ، 3. ئىستىمال قۇرۇلمىسى ، 4. ئەمگەكنىڭ ئىجتىمائىي شارائىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى 5. ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنىڭ دەرىجىسس ،سۈپىتى 6. دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئىگەلىگەن سانلىق نىسبىتى 7. سەھيە ساغلاملىقى ۋە مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ... -
2010-05-06
-
2010-05-03
ياشلىق ئۈگەن
ياشلىق تىرىش-تىرماش، ھارماي ئۈگەن،
ئىلىمنىڭ دىڭىزى قاينام ھەم چوڭقۇر.
نادانلىق ئۇ، ھەممىنى بىلدىم دىگەن،
كۆرۈپ ... ۋاراقلاپ بىر قۇر.
ئىلىم-مۆجىزىلەرنىڭ سىرىن ئاچقۇچى،
بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن ئوقۇ ئون يىل!
كۆزلا ئەمەس ئالدىڭدا نۇر چاققۇچى.
قاراڭغۇنى يورۇتقان بۇ يورۇق دىل.
ھەر بىر ھادىسە يوشۇرۇن سىر ساقلايدۇ،
توقۇلمىلىرى ئۇنىڭ ئاجايىپ. -
2010-05-03
4. ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
12. ئىش ئورنىڭىزدا ئۆزئارا ھەمكارلىقتا بولۇڭ
ھەمكارلىشىش(باغلىنىش) بولسا ئىش ھاياتىنىڭ ئۇلى.
بەزى ئىش ئورۇنلىرىدا گۇمان ۋە نەپرەتلەر بىلەن تولغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر مۇشۇنداق بىر يەردە ئىشلىسىڭىز، بۇ يەردىن چىقىپ كەتسىڭىز توغرا يولنى تاپقان بولىسىز. بۇ يەردە ئىشلەۋېرىپ تىركىشىشنىڭ ئۆزى، ئۆزىگە كېسەل يۇقتۇرۇۋالغاندەك بىر ئىش. بۇنداق كېسەل ئادەمنى كاردىن چىقىرىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ كۆپى ھەمكارلىشىشنى چاكار، يالاقچىلارغا خاس بىر ئىش دەپ قارايدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خاتا قاراش. ئەپسۇس، ھەمكارلىشىش ناھايىتىمۇ ياخشى بىر ئارتۇقچىلىق ۋە ئېسىل بىر خىسلەت.
دۇنيادىكى چوڭ بايلاردىن بىرى بولغان كارنىگ ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ئەڭ ياخشى ئۈلگە ياراتقان ئىدى. ئۇ شۇنداق قىلغان؛ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان ئادەملەرنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن، دوستلىرىنى خاتىرىلەيدىغان بىر خاتىرە دەپتەر تۇتۇپ، ئۇلارنى خاتىرىلەپ ماڭغان، شۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى ئۆزىنى ئاشكارىلىماستىن ئۇلارغا پۇل ئەۋەتىشنى ئۆزىگە بىر ۋەزىپە قىلىپ بېكىتكەن. ئۇنىڭ بۇ دەپتەرنى تۇتۇشى ھەمكارلىشىش ئەخلاقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بۇنىڭغا قانائەتلىنىپ قالماستىن يەنە ئۆزىگە ھەمكارلىشىۋاتقان ئىشچىلاردىن 43 كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى ھاياتىدا مىليونېر قىلىۋەتكەن.
كارنىگنىڭ بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ سىرى باشقىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا. -
2010-05-03
3. ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
9. سالامەتلىككە دىققەت قىلىڭ
سالامەتلىكنى قوغداش ئۈچۈن بىرىنچى قىلىدىغان ئىش، ۋۇجۇدىڭىزنى بىلىشىڭىز ۋە ئۇنى تونۇشىڭىز لازىم. چۈنكى ئادەملەر ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىرى ناھايىتى ئاز. ئىنساننىڭ بەدىنى بىر موتورغا ئوخشايدۇ. ئۆزىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىچى بىلەن تېشىنى پاكىز تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. بەدەندىكى ئورگانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ۋەزىپىلىرى بار. بۇ ئورگانلاردىن بىرەرسى بۇزۇلسا، ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇدىغان زاپاس بىرى يوق. مۇشۇ سەۋەبتىن مېيىپ بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئىنسانلار سالامەتلىككە دىققەت قىلىشى لازىم. ئىشلەش، ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە خىزمەت قىلىشنى ئويلىغان ھەر بىر ئادەم سالامەتلىكىنى قوغداشنى بىلىشى ۋە ئۆگىنىشى لازىم. سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىسا، مىڭلارچە ئادەملەر قىلىۋاتقان ئىشلاردا ئارقىدا قالىسىز. خوجايىنلار بۇ ئەھۋالغا قاراپ «سالامەتلىگىڭىز ياخشى بولسۇن-دە، ئۇ چاغدا مائاشىڭىزنى ئۆستۈرىمىز» دەيدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە بىرمۇنچە ئادەملەر، سالامەتلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ، بۇلارنى يېرىم ساغلام ئادەملەر دەپ ھېسابلايمىز. بۇلار تەن ساغلاملىقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. قېرىش سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلار، ئومۇمى ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ ئاران 3٪ ئىگىلەيدۇ، سالامەتلىكنى قوغداشنى بىلمىگەنلىكتىن ئۆلىدىغانلار 97٪ ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بىزنى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ئەمەلىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەربىر ئىنسان 65 ياشقىچە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىيالايدۇ. داڭلىق سودىگەرلەردىن جوھن ۋاناماكەر 84 ياشقىچە ياشىغان بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىگەن. گلاندستونە 86 ياشتىمۇ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. 95 ياشتىكى بىر ئىنجىنېرنىڭ ئىش ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ چىرتيوج سىزغانلىقىنى كۆرگەنمەن. -
2010-05-03
2. ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
5. ئۈستىڭىزگە ئالىدىغان ۋەزىپىڭىزنى ئارتتۇرۇڭ
جاسارەت -- غەلىبىگە باشلايدىغان بىردىن-بىر سۆز. قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن قەت`ئى نەزەر جاسارەتلىك بولۇڭ.
ئۈستىڭىزگە ئالدىغان ۋەزىپىنى ئارتتۇرۇشقا تىرىشىڭ، قورقۇنچاق ئىنسانلار تەدبىرلىك ۋە بىخەتەر ياشايدۇ دەپ خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرۈپ قويماڭ. قورقۇنچاقلار ھاياتتىن لەززەت ئالالمايدۇ. مۈشكۈل ئىشلارنى باشقا ئېپچىققان كىشىلەرنىڭ ئېرىشكەنلىرى دوستلۇقلاردىن مەھرۇم قالغانلار.
يېڭىدىن ئىشقا كىرگەن بىرمۇنچە كىشىلەر، بۇ كۈننىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشال بولۇپ ئۆيلىرىگە قايتىدۇ ۋە سورىغانلارغا «خۇداغا شۈكرى، بەكمۇ ئاسان ئىش ئىكەن!» دەيدۇ.
بۇ سۆز ، ئالغا بېسىشنى خالىمايدىغان، مەغلۇبىيەتكە نامزات بولغان كىشىلەرنىڭ دەيدىغان سۆزى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ تەھلىكىلىك سۆزلەرنىڭ بىرى.
بۇ خىلدىكى ئىنسانلار ئاز ئىشلەپ، كۆپ ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. بۇنداق ئىدىيە ئىنساننى مۇۋەپىقىيەتكە باشلىمايدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ بەتەر بىر خاتا چۈشەنچە بولمىسا كېرەك.
«خۇداغا شۈكرى ، بەكمۇ ئاسان بىر ئىش ئىكەن ! » دېگەن سۆزنى دەيدىغان بىر ياشنىڭ ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر پۈتۈن پەلسەپەسىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن بۇ كۈلپەتنى مۈرىسىدىكى يۈكتەك كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ. ئەگەر ئۆزىگە ئەجدادىدىن بىرەر مىراس قالغان بولسا ئىدى، بىر ئىشقا قولىنىمۇ تەگكۈزمەستىن، ئىشسىز، زەئىپلىكتە ياشىغان بولاتتى. -
2010-05-03
1.ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
ئىنسان ، تۇيغۇ ۋە پىكىر قىلىش جەھەتتە ناھايىتى ئىلغار بولغان ۋە مۇرەككەپ بولغان بىر مەخلۇقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېسسىياتىغا ۋە ئاڭلىرىغا خىتاپ قىلىپ ۋە روھىي بايلىقىنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنى قەدىرلەش، ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغۇزۇش ئارقىلىق ئىنسان رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
بۇ ئەسەر ئىشىك باقاردىن سودا-سانائەتچىگىچە بولغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر مۇكەممېل كىتاب. بۇ كىتاب ئىنسان ھاياتىغا ھارارەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ. ئىنسان نېمە بولسا بولسۇن ئۇ بىر جەۋھەردۇر. ھاياتتا ئەڭ ئاددى بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانغان ئادەممۇ ئۇ ئىشنىدىن غەلىبە قىلىپ ، كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئىمكانلىرىنى يارىتىدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى قىلىۋاتقان ئىشتىكى پۈتۈن ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ۋە بۇ ئىمكانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ كىتاب سىزگە ئۇ ئىمكانلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ، ھاياتتا يالغۇز ئالغا بېسىشنىلا -
2010-05-02
تۈركچە نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى - [تەرجىمە يازمىلار ]
ۇ قانداق ناماز؟
نەسرىددىن ئەپەندىم تاھارەت ئېلىۋاتسا بىر پۇتىغا سۇ يەتمەپتۇ. ناماز ئوقۇغاندا بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئوقۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەسجىد جامائىتى:
ئەپەندىم بۇ قانداق ناماز؟ دەپ سوراپتۇ.
نەسرىددىن ئەپەندىم:
بىر پۇتى تاھارەتسىز ناماز، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. -
2010-05-02
تۈركچە ئۆگىنىشكە پايدىلىق بولغان تور بەتلەر
تۈركچە ئۆگىنىشكە پايدىلىق بولغان تور بەتلەر
1. سۆزلۈك ئۆگىنىش : ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە ئىككى تىل سېلىشتۇرمىسىدا
سۆزلۈك ۋە دىئالوگ ، تۈركچە ۋە خەنزۇچە ئىككى تىل سېلىشتۇرمىسىدا
-
2010-05-02
پۇقرالارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۇچى GNHGross National Happiness - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
پۇقرالارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۇچى GNHGross National Happiness
كىشلەرنىڭ ئۆزى تېنىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىغا نىسبەتەن بەھرىمان بولۇش ۋە بەھىرلىنىش ھېس تۇيغۇسى بولۇپ، كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىدىكى بىر خىل كۆرسەتكۈچنى كۆرسىتىدۇ، . . ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنى چۈشىنىشى ئوخشىمايدۇ ، مەسلەن :بەزى شەھەرلىكلەر : بەخىت بولسا يۇقىرى مائاش ، تاۋار ئولتۇراق ئۆيگە ئىگە بولۇشنى بەخت دەپ قارىسا ، بەزىلەر : بىر شىركەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۆز ماركىسىنى يارىتىشنى بەخىت دەپ قارايدۇ .
بەخىت تۇيغۇسى بولسا ، قانائەتلىنىش ، خوشاللىق ، قىممەت قاراشنىڭ ئورگانىك بىرىكمىسىدۇر -
2010-05-01
-
2010-04-30
ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
--ئۇنى كۆردىڭمۇ؟ ئۇنىڭ نىمە دەپ يۈرگەنلىگىنى
بىلەمسەن ؟---دەپ سورىدى بوۋاي ،ئاق ساراي ئالدىدا بىر
قولىدا بايراق تۇتۇپ، ئادەملەرگە بىر نىمىلەرنى
سۆزلەۋاتقان ئايالنى كۆرسىتىپ،-- ئۇ،شەرقى جەنۇبى
ئاسىيادىكى
شەرقى تېمورلۇق ئايال ئىكەن.مەن تەخمىنەن خېلى يىللاردىن
بۇيان ھەر كۇنى دىگۇدەك بۇ ئايالنى مۇشۇ ئورنىدا
كۆرۈۋاتىمەن.ئۇ شۇ ئورنىدا شەرقى تېمور بايرىقىنى
لەپىلدىتىپ، نەچچە سائەتلەپ تۇرىدۇ.كىشىلەرگە شەرقى
تېمور خەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللىق ئارزۇ -ئارمانلىرىنى
سۆزلەپ چۈشەندۈرىدۈ.تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى
تارقىتىدۇ.دىمەك مۇشۇ يەرگە كەلگەن ھەرقانداق كىشى
مەيلى ئۇ قايسى دولەت پۇقراسى بولۇشتىن قەتىي نەزەر بۇ -
2010-04-30
ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
بىلەمسەن ئوغلۇم؟--- دىدى بوۋاي قوشۇمىسىنى سەل تۈرۈپ
جىددى ھالەتتە--- مەن ئۇنداق ھەر نىمە دىگۇچىلەرگە،
مازاق قىلغۇچىلارغا ھېچ نارازى بولمۇدۇم.چۈنكى
،ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ يەنىلا مەلۇم مەنتىقىلىق ئاساسى
بار ئىدى.ھەقىقەتەنمۇ خەرىتىدە نامى بولمىغان
مىللەتنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ.مىللەت ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كىملىگى
بىلەن ئەمەس بەلكى ئۇ مەۋجۇت ھالىتى بىلەن يەنى ھازىرقى
دۇنيادا تۇتقان سىياسى ئورنى بىلەن ئۆزىنىڭ كىملىگىنى
ئىپادىلەيدۇ.ئۆزىنىڭ سىياسى ھاياتىغا كاپالەتلىك
قىلالمىغان مىللەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدىنىي ئورنى
بولمايدۇ.سىياسى ئورنى بولمىغان مىللەت ئۇ قانچىلىك
ئىقتىدارلىق ياكى تۆھپىكار بولۇشتىن قەتىي نەزەر ھامان
باشقىلار تەرىپىدىن ئىتىۋارغا ئېلىنمايدۇ! تارىخ -
2010-04-30
ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
بىز كۆپ مۇڭداشتۇق.بوۋاي ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ
ئامېرىكىغا كېلىپ قالغىنىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئېغىر ئۇھ
تارتىپ،بىر ھازا سۈكۈت ئىچىدە كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ
تۇرغاندىن كېيىن، ئەسلىمىسىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئەيتىشىچە
:ئۇ قەشقەرلىك بولۇپ،ئۆسمۇرلىك ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىرگە
ئەنجانغا چىقىپ تىرىكچىلىك قىلغان ئىكەن.20-ئەسىرنىڭ
باشلىرىدا ئەنجان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا
شەرق شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا
تارىلىشىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولۇپ،ھەر يىلى ياز
ئايلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى بولۇپمۇ
قەشقەردىن كۆپلىگەن مۇساپىرلار تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ،
،مەزكۇر شەھەرگە كېلىپ توپلاشقان ۋە كېيىن تەرەپ-تەرەپكە
تارقىلىپ تۈرلىك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان .ئۇلارنىڭ
ئىچىدە تىجارەتچىلەرمۇ،كاسىپلەرمۇ،دېھقانلارمۇ بار
بولغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز يۇرتلىرىدا
تىرىكچىلىك قىلشتىن مەھرۇم بولغان كەمبەغەللەر
ئىدى.قاتمۇ قات زۇلۇم،مىللى كەمسىتىشلەر ۋە باستۇرۇشلار
ئۇلارنى ئۆز تۇپراقلىرىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلاردىن
ھاياتلىق يولىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى. -
2010-04-30
ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
مانا ،خېلىدىن بېرى ئاقساراي ئالدىغا جايلاشقان باغچىدىكى ئورۇندۇقلارنىڭ بىرىدە ئامېركا قوشما شىتاتلىرى ئەلباشىنىڭ تۇرالغۇ جايى ۋە خىزمەت ئىدارىسى ھېسابلانغان ئاق سارايغا قاراپ ئولتۇرىمەن.ئاق رەڭ بىلەن بېزەلگەن ئۈچ قەۋەتلىك بۇ بىنا ئۆزىنىڭ دۇنياغا مەشھۇرلىقى ۋە غايىۋانە ھەيۋىتىنى ھېساپقا ئالمىغاندا تولىمۇ ئاددى ساددا بولۇپ، كىشىگە ھېچقانداق سىرلىق، شۇبھىلىك شۇنداقلا دەبدەبىلىك تۇيغۇ بېرەلمەيتى.ئاق ساراي بىناسى خېلى چوڭ گۇزەل باغچە ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ،ئۇنىڭ ئالدى تەرىپى ۋاشىڭگىتون مۇنارى تەرەپكە قاراپ تۇرسا ،ئارقا تەرىپى ئەپچىلغىنا باغچىغا يۇزلىنىپ تۇراتتى.پۇتۇن ساياھەتچىلەر مانا مۇشۇ تەرىپىگە كېلىپ ئاق ساراي مەنزىرسىنى تاماشا قىلاتتى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر مانا مۇشۇ تەرىپىدە بولاتتى.ئاقساراينىڭ بۇ تەرىپىنىڭ ئالدى پىشايۋىنى ئۇچ جۇپ تۈۋرۈكتىن تۇرغۇزۇلغان ،پىشايۋاننىڭ ئالدى ماڭلىيى ئۈچ بۇرجەك بولۇپ،ئۇستىدە ئامېركا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بايرىقى لەپىلدەپ تۇراتتى.دەرىزىلىرى كىچىك ۋە ئىگىز بولۇپ،بىنانىڭ ئالدىدىكى گۈللۈك بىلەن
-
2010-04-30
ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
دوستلارغا
ھۆرمەتلىك دوستلار مەن ئامىركىغا كېلىپ يېڭى ئوقۇش
ھاياتىمنى باشلىغاندىن كىيىن، تېخىمۇ كۆپ خىياللارنى
سۈردۈم.ئىلگىرى موسكۋادىكى "قىزىل مەيدان"دا ياكى
كىرمىل سارىيى ئالدىدا يۈرۈپ خىياللار دۇنياسىغا غەرق
بولغان بولسام مانا ئەمدى ئاق ساراي ئالدىدا خىيال
قۇشلۇرۇمنى ئۇچۇرۇپ يۇرىمەن.مەن سىلەرنىڭ مېنىڭ بىلەن
بىرگە خىيال سۇرىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىپ،"ئاق ساراي
خىياللىرى"نى ھەر بىرىڭلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى
سەرىپ قىلىشقا ھاۋالە قىلدىم.بەلكى "موسكۋا خىياللىرى"نى
ئوقۇغان بولسىڭىزلەر دىمەك بۇ بىزغا ئوخشاش مۇساپىر
قېرىندىشىمىز يەنىلا ئاشۇ خىياللىرىنىڭ داۋامىنى
سۇرىۋىتپتۇ! دىمەك ئۇنىڭ خىياللىرى تۇگىمەيدىكەن دىگەن
ئويغا كېلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل .قەدىرلىك
دوستلار ئەمىليەتتە بۇ ھەممىمىزگە ئورتاق خىياللاردۇر! ئۇ
بىزگە ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان!!!> -
2010-04-27
دۇنيادىكى مىللەتلەر ، تىللار ، دۆلەتلەرنىڭ سېلىشتۇرمىسى - [تۈركىي مىللەتلەر ]
دۇنيادا تەخمىنەن 2000 مىلەت بار . بۇلار224 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان .بۇلار 193 دۆلەت 31 رايون .
دۇنيادا تەخمىنەن 2000 مىلەت بار ،بۇلار مەدەنىيەت ئورتاقلىقى جەھەتتىن 61 چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە :
نوپۇسنىڭ كۆپ - ئازلىقىغا قاراپ ، نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتتىن 7- سى بار، ئۇلار : خەنزۇ ، ھىندى ، ئامىرىكان ، روس ، ياپون ، بىرازىلىئان ، بىنگاللاردىن ئىبارەت. نوپۇسى 10 مىليوندىن يۈز مىليونغىچە بولغان مىللەت 60 ، نوپۇسى بىر مىليوندىن 10 مىليونغىچە بولغان مىللەت 202 ، نوپۇسى 100 مىڭدىن بىر مىليونغىچە بولغان مىللەت 92 . نوپۇسى بىر مىليوندىن ئارتۇق مىللەت 200 دىن كۆپ ، بۇلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ 96% تىن ئارتۇق ، قالدى 4% يەتمىگەن قىسىمىنى 1800دىن ئارتۇق مىللەت تەشكىل قىلىدۇ .
دۇنيادا 5 نوپۇس چوڭ دۆلىتى بار . ئۇلار جوڭگو 13.386(يۈز مىليون ) ، ھىندىستان 11.66 (يۈز مىليون ) ، ئامىرىكا 3.07 (يۈز مىليون) ، ھىندونوزىيە 2.14 (يۈز مىليون ) ، بىرازىلىيە 1.99 (يۈز مىليون) .
نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تىز بولغان
5 نوپۇس چوڭ دۆلىتى بار . ئۇلار جوڭگو 13.386(يۈز مىليون ) ، ھىندىستان 11.66 (يۈز ...
