-
2010-04-25
بالىلار ئويۇنى ئويناپ تۈركچە ئۆگىنىش
بۇ ئادىرىسقا كىرىپ ئويۇنلارنى چۈشۈرۋېلىڭ ، توردا ھازىر ھالەتتە ئوينىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
تۈركىيەنىڭ بالىلار ئويۇنى تور بېتى بولۇپ ، تۈرك تىلىنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقانلارغا تىل ئۆگىنشىتە ماس كىلىدىغان ئويۇنلار كۆپ .بۇ باش بەت ئادىرىس
http://www.ttcocuk.com/oyna/oyunlar.aspx
تىل ئۆگىنشىكە ۋە بالىلارنىڭ ئۆگىنىشگە مۇۋاپىق بولغان ئويۇنلار سەھپىسى
-
2010-04-24
يەھۇدىيلار ۋە دۇنيادىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ ، قايتا رەتلىنىدۇ .
كىتاب ئەھلى ئىچىدىكىلەر ئىجىل ۋە تەۋراتنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ، بۇلارغا ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ ، ئۆز ئىختىيارىڭىز ، مەن بۇلارنى سىزنى مۇشۇلارغا ئەزا بولسۇن ۋە ياكى ئېتقادىنى ئۆزگەرتىپ مۇشۇلارغا ئېتقاد قىلسۇن دەپ يازغىنىم يوق .
كىتاب ئەھلى بولغان ئەرەبلەر ۋە يەھۇدىيلارنىڭ قويۇق دىنىي تۈسكە ئىگە بولغان دىنىي مىللەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىڭىز كىرەك ، دۇنيادا قۇدرەت تاپقان دۆلەت ئامىرىكا ، ئامىرىكىدا قۇدىرەت تاپقىنى يەھۇدىي ، شۇنداقلا دۇنيادىمۇ قۇدرەت تاپقان مىللەت ھەم يەھۇدىي ، شۇڭا يەھۇدىي ۋە يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنى چۈشىنىشمۇ ئەلۋەتتە كىرەك . دۇنيانىڭ سىياسىي تەرتىپ ئىشلىرىنى ۋە تەرەققىيات -
2010-04-23
تۈركىي مىللەتلەر - [تۈركىي مىللەتلەر ]
تۈركىي مىللەتلەر
تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر : جەمئىي 7 .
1. تۈركىيە ، ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، تۈركىمەنىستان ، ئەزەربەيجان ، قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ،تۈركىي ئۆز ئەرك زىمىنلىرى : جەمئىي 24 .
1. ئۇيغۇر ئۆز ئەرك دىيارى ، ئاجارىستان ، ئالتاي ئۆز ئەرك جۇمھۇرىيىتى ، ئادىگالار دىيارى (كۇزەي كاپكاز رايونىدا) ، باشقىرىتىستان ، چىچىنىستان ، چۇۋاشىستان ،داغىستان ، يۇنانىستان گاگائۇز دىيارى ، خاكاس تۈركلىرى دىيارى(روسىيە تەۋەسىدە) ، قالمۇقىستان ، قاراقالپاقىستان ، قاراچاي - چېركەس دىيارى ، قابارداي - بالقار دىيارى (كافكازدا) ، قىرىم -تاتار دىيارى ، نوغاي دىيارى، ياقۇتىستان ، تۇۋا ، ئىنگۇشىستىيە، تاتارىستان ، ناخچىۋان ، تايمىر، تۈرك ۋە كايىك ئادالارى ، كۇزەي ( ئوسېتىيە) ،
جۇمھۇرىيەت ۋە ئۆز ئەرك رايونى بولمىغان تۈركىيرايونلار : .
ئالتاي تۈركلىرى ،ئاخىسكا تۈركلىرى ، ئارناۋۇت تۈركلىرى ،بورچالى تۈركلىرى،، چېركەسلەر، گاگائۇز تۈركلىرى (مولداۋىيە)، گىرىت ۋە ئىگە تۈركلىرى ، كۆكچاي تۈركلىرى ، خازار تۈركلىرى، خالاجىستان تۈركلىرى، خىرۋاتىستان تۈركلىرى ، گەنسۇ ئۇيغۇرلىرى ، قارايىم -
2010-04-23
يەھۇدىيلار .1 - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
يەھۇدىيلار كىمدۇر ؟
1924 -يىلى سىتالىن سوۋىت جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى مىللەتلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مىللەتكە تەبىر بەرگەن ،
مىللەت
ئەمدى قارايدىغان بولساق سىتالىننىڭ كۆز قارشى ئىدىيەسى بويىچە ئايرىسا ، دۇنيادا يەھۇدىي مىللىتى بولماسلىقى مۇمكىن ، ئۇنداقتا كىم يەھۇدىيدۇر ؟
يەھۇدىي دىگەنلىك1. ئاتا - ئانا جەمەتى ئىچىدە خالىغان بىر تەرەپنىڭ ئەجدادلىرى يەھۇدىي بولغان بولۇش . يەنى شۇ شەخىس قان تومۇرىدا ئېقىۋاتقان مەلۇم نىسبەتتە يەھۇدىي قېنى بار بولۇش ،
2. يەھۇدىي دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار
مانا مۇشۇ ئىككى شەرتكە ئاساسەن يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي پۇشتى ھېسابلىنىدۇ ، بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ يەھۇدىيلار دەپ ئاتايمىز .يەھۇدىيلارنىڭ 2000 يىللىق سۈرگۈن ھاياتىغا نەزەر
-
2010-04-23
-
2010-04-23
ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى
ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى بولسا باراۋەر ھالدا ئولتۇراق ئۆيدە ئولتۇرۇشتىكى ئىقتىسادى قىينچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ . يەنە شۇنداقلا ئولتۇراق ئۆي بايلىقى بازىرىنىڭ كۆپۈكسىمان بازارغا ئايلىنىش كۆرسەتكۈچىنى كۆرسىتىدۇ .
ئۇنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى بولسا : تاۋار ئۆينىڭ ئوتتۇرچە باھاسى (ھەر كىۋادىرات مىتىر ) \ كىشلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئايلىق كىرىمى = ئولتۇرۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى . يەنى ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى تاۋار ئۆينىڭ ئوتتۇرچە باھاسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ، كىشلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئايلىق كىرىمى بىلەن تەتۇر تاناسىپ. -
2010-04-22
ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كۆرە ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئىرقتىكلەر ئارلاشمىسىدىن بولغان كىشلەرنىڭ نىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مىللەت ۋە ئىرىقتىكىلەر ئارلاشمىسىدىن بولغان كىشلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىدىن يۇقىرى بولغان .
يەنە شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئىرىقتىكىلەرنىڭ ئارلاشمىسىدىن بولغان كىشلەرنىڭ روھىي كىسەل بولۇش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان .
باشقا تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كۆرە : ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان پەرزەنىتلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئانا سۈتى بولمىغان سۈتلۈك يىمەكلىكلەر بىلەن بېقىلغان پەرزەنىتلەرنىڭكىگە قارىغاندا 3--10 نومۇر يۇقىرى بولغان .
1. يىمەكلىك : گۆش ۋە چىلانغان يىمەكلىك ۋە چىرىگەن يىمەكلىكلەرلەرنى كۆپ يىگۈچىلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان .
2. يۇقىرى مايلىق يىمەكلىك: كانادا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتتىن بايقىشىچە ، يۇقىرى مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا زىيىنى بولغان ، تەجىربىلەردىن ئىسپاتلىشىچە ، يۇقىرى مايلىق ھايۋان چاشقان گۆشىنى ئىستىمال قىلغاندا ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن .
3. تاماكا ۋە ھاراق : كۆپ مىقداردا ھاراق ئىستىمال قىلىش ۋە تاماكا چىكىش ئادەم چوڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرىدىكى ئاقسىلنىڭ بىركىشىگە -
2010-04-22
ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى( emotional quotient ) - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى( emotional quotient )
ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولسا ، تونۇش ، كونترول قىلىش ۋە ئۆز ھېسىياتىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ .
ھېسىي ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بولسا ھېسىياتنىڭ سۈپىتىنىڭ پەرقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .
ھېسىي ئىقتىدار ئەقلىي ئىقتدارغا ئوخشىمايدۇ ، پىسخولوگلار مۇنداق دەپ قارىغان، ھېسىي ئىقتىدارى يۇقىرى ئادەمنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار بولغان : ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىقتىدارى كۈچلۈك ، تاشقى مىجەز ھەم خوشال ، ئاسان قورقۇش ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇسىغا كىرىپ قالمايدىغان ، ئىش - كەسىپلەرگە چوڭقۇر كىرىشەلەيدىغان ، ئەستايىدىل ، ھېسداشلىققى كۈچلۈك ، مۇھەببەت تۇرمۇشى مول ، يالغۇز ياكى كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا تۇرغاندا ئوخشاشلا ئۆزىنى تەبىي تۇتالايدۇ . -
2010-04-20
ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ( Intelligence Quotient ) - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ( Intelligence Quotient )
ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولسا ، ئىنسانلارنىڭ ئوبىيكىتىپ شەيئىنى تونۇ ش ۋە ئۆز بىلمىدىن پايدىلىنىپ رىئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى .
1905-يىلى ،فىرانسىيەلىك پىسخىلوگ سىمون ، تۇنجى ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىققان .
IQ=MA÷C.A×100,
IQ = ئەقلى يېشى \ ئەمەلىي يېشى * 100 يەنى ئەقلى يېشىنى ئەمەلىي يېشىغا بۆلۈپ 100 گە كۆپەيتىمىز .
سىناق جەدۋىلى جەمئىي 30 سۇئال چىقىرىلغان ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى چۈشىنش ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر.
1916 -يىلى ئامىرىكىلىق ۋېسلى يەنە بىر خىل ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىققان . ئۇ ياشلار ، قۇرامىغا يەتكەنلەر ، بالىلار ، 4--6.5 ياشقىچە بولغان بالىلار غىچە ئايرىم --ئايرىم تۈزۈپ چىققان .
130 تىن يۇقىرى بولغانلار ئالاھىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق . 120--129 ئالاھىدە ئەقىللىق ، 110 --119 ئەقىللىق ،
80--109 ئەقلىي نورمال ، 70--79 ئەقلى تۆۋەن ، 70تىن تۆۋەنلەر ئەقلى ئىقتىدارى كەمچىل.
ھازىرقى زاماندىكى تىپىك ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش ئىچىدە ، ئاساسىي نوپۇسنىڭ ئوتتۇرچە ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 100 ،
مۇئەييەن سىتاتىستىكا پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 70 تىن تۆۋەن بولغانلار 3% ، 70--79 بولغانلار 6% ، 80--89 بولغانلار15% ، 90 --110 بولغانلار46% ، 110--119 بولغانلار18 % ، ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 120--139 بولغانلار11% ، 140 تىن يۇقىرى بولغانلار 0.5%
-
2010-04-14
تۈركچە ئېغىز تىلى -3 - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
قەيەرلىكسىز
Ali : Merhaba Helga. Nasılsın?
Helga : Teşekkür ederim, iyiyim. Sen nasılsın Ali?
Ali : Sağol, ben de iyiyim.
henry : Merhaba, ben henry. Ben Amerikalı'yım. Sen nerelisin Ali?
Ali : Ben Türk'ü...ئەلى: ياخشىمۇسىز ھېلگا ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
ھېلگا : رەھمەت ، ياخشى ، سېنىڭ ئەھۋالىڭ قانداق ئەلى؟
ئەلى : رەھمەت ، مەنمۇ ياخشى .
ھېنرى : ياخشىمۇسىز ، مەن ھېنرى. مەن ئامىرىكىلىق . سەن قەيەردىن ئەلى ؟
ئەلى : مەن تۈركىيەلىك ، سەن قەيەردىن ھېلگا؟
-
2010-04-14
ئىسىمنىڭ ياسىلىشى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
ئىسىمنىڭ ياسىلىشى
بىر قىسىم ئىسىم ۋە پېئىللارغا ئۇلانمىلارنىڭ قوشۇلىشى ئارقىلىق يېڭى ئىسىم ياسىلىدۇ .
1. ئىسىمدىن ئىسىمنىڭ ياسىلىشى
باشقا ئىسىمدىن يېڭى ئىسىم ياسالغان ۋاقىتتا كۆپ قوللىنىدىغان ئۇلانمىلار تۆۋەندىكىچە : (مۇھىملىرى)
(1) ci ,cı, cu , cü سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەردىن كىيىن ئۇلىنىپ كىلىدۇ .
-
2010-04-14
-
2010-04-13
قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامى
ئەسلى مەنبەسى
http://bbs.danglik.com/read.php?tid-2264.html
-
2010-04-13
مەن دېمەك سەندۇر،سەن دىمەك مەندۇر - [تەرجىمە ناخشىلار ]
بىز ھەرچاغ ھەرزامان ئۇچرىشالمايمىز ،
ئەمما قەلىبلەر ئۇچرىشار دائىم .
سۆيۈش سۆيۈلۈش بۇ بىر ھەقىقەت ،
تەقدىرىمىزگە پۈتكەن تەڭرىمىز .
مەن دىمەك سەندۇر ،سەن دىمەك مەندۇر ،
ئۆزگىلەر بىزگە ھەم كېرەكمەستۇر ،
مىنىڭ بارلىقىم ،مىنىڭ ھاياتىم ،
ساڭا تەئەللۇق ،ساڭا تەقدىمدۇر .
-о-о-о-о-о
Пусть говорят, мы редко видимся с тобой,
В сердце всегда ты со мной, ты со мной,
Пусть говорят, что не судьба нам быть вдвоем,
Люди твердят об одном, об одном. -
2010-04-12
-
2010-04-11
كىلىشلەر - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
كىلىشلەر تولدۇرغۇچى سۆزگە قوشۇلغان ئۇلانمىنىڭ ياردىمىدە ئىپادىلىنىدۇ .
تۈرك تىلىدا ئالتە كىلىش بار .
1. باش كىلىش ھېچقانداق ئۇلانما ئۇلانمىغان ، ئەسلىدىكى تۈپ سۆز بىلەن ئوخشاش كىلىش .
مەسلەن :
talebeler gidiyorler ئالىي ئوقۇل ئوقۇغۇچىلىرى مېڭىۋاتىدۇ .
kitabım burdadır مېنىڭ كىتابىم بۇ يەردە .
kitabınız nerederdir سىزنىڭ كىتابىڭىز قەيەردە ؟ -
2010-04-09
تەۋەلىك مۇناسىۋىتى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
سۆزلەر سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقاندا ،
بىرىنجى شەخىس بىرلىك + m
بىرىنجى شەخىس كۆپلۈك + miz , mız , muz , müz قوشۇلىدۇ .
ئىككىنجى شەخىس بىرلىك + n
ئىككىنجى شەخىس كۆپلۈك + nız , niz , nüz ,nuz قوشۇلىدۇ
ئۈچىنجى شەخىس بىرلىك + sı , si , sü ,su
ئۈچىنجى شەخىس كۆپلۈك + sı , si , sü ,su قوشۇلىدۇ .
مەسلەن :
-
2010-04-09
lar , ler نىڭ ئىشلىتىلىشى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
lar , ler نىڭ ئىشلىتىلىشى
تۈرك تىلدا كۆپلۈك سانلار بولسا lar , ler نىڭ قوشۇلۇش ياردىمى ئاستىدا تۈزۈلىدۇ ، lar , ler ئىسىمغىلا قوشۇلۇپ قالماي ، ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلىنىڭ ئۈچىنجى شەخىس شەكىلىگىمۇ قوشۇلىدۇ .
lar , ler نىڭ قوشۇلۇش شەكىلى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشىغا ئاساسەن بولىدۇ . سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش a , ı , o , u بولغاندا lar ، سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش ü ، ö ، i ،e بولغاندا ler قوشۇلىدۇ .
قوشۇلىدۇ .
-
2010-04-09
تۈركچە ئۆگىنەيلى -3 - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلى بىرىنجى شەخىس بىرلىك شەكىلى بولسا ، سۆزلەرگە ım ,im , um , üm نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ ، تۈرك تىلىدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئۇلىنىپ كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا ، y قوشۇپ ئۇلىنىپ كېلىدۇ .
مەسلەن : ben askerim.
ben talebeyim
. .....
