ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • تاڭ سېڭ بىلەن تاتىھاگاتونىڭ سۆھبىتى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئەلقىسسە.

    تاڭ سېڭ غەرپتىن نوم ئەكىلىپ ئارىدىن 100 يىللار كېيىنكى بىر كۈندە، تاتىھاگاتو (ساكيامونى)نىڭ ھوزۇرىدا مېھمان بولۇپ قاپتۇ، تاتىھاگاتو تاڭ سېڭنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى ئىلگىرلەشلىرىنى بىلىپ بېقىش مەقسىدىدە ئۇنىڭدىن بەزى سۇئاللارنى سوراپتۇ. سۆھبەت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

    ــــ ھەممىگە مەلۇمكى، سىلىنىڭ ئەينى دەۋردىكى مۇۋەپپەققىيەتلىرى ۋۇكوڭ، باجىئې، شاسېڭ قاتارلىق 3 نەپەر قابىل شاگىرتلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. سىلىدىن سورايدىغىنىم، سىلى قايسى شاگىرتلىرىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىلا؟

    تاڭ سېڭنىڭ جاۋابى غەيرى بولۇپ، ئۇ باجيېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تاڭ سېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن:

    ــــ باجيېنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى ئۇ بەك ئوماق. ئۇ بار يەردە كۈلكە بار. نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى ھورۇن دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ھەر قېتىم نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرغاندا بولسۇن ياكى باشقا ئىش قىلسۇن، سىلى ئۇنىڭدىن ئازراقمۇ قۇسۇر تاپالمايدىلا. ئەمما ئۇنىڭ ئىچى سەل تارراق، دائىم باشقىلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، جىق ئىشلىۋەتكەنلىكىنى پەش قىلىدۇ، ئازراق زىيان تارتىپ قېلىشقا چىدىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەل ئۇيقۇغا ئامراق. شۇڭا خەقلەرگە شۇنداق تەسىر بەرگەن بولۇشى مۈمكىن.

    خەتكۈچ:
  • بۇ ھىكايىنىڭ باش قىسمىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئوقۇڭ:

    logs/40551156.html

     

    3. كەسىر سانلار پادىشاھلىقى ئەۋەتكەن سېرىك ئۆمىكى

    ھەربىلەرنىڭ ئويۇن كۆرسىتىشى ئاخىرلىشىپ تۇرۇشىغا سىرتتىن داقا-دۇمباقلارنىڭ قىزغىن ئاۋازى ئاڭلاندى. نۆل پادىشاھ ئەمدىلا ئادەم چىقىرىپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ تەمشىلىۋىدى،  5 نىڭ ئالدىراپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.

    ـــــ مەرىپەتلىك پادىشاھى ئالەمگە مەلۇم بولسۇنكى، كەسىر سانلار پادىشاھلىقى، نۆل پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ، تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر سېرىك ئۆمىكى ئەۋەتىپتۇ، ــــ دەپ خەۋەر قىلدى.

     

     

  • «ئاق كەپتەر» ئۇسلۇبى تارقىتىلدى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:

     

  • 2009-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھان سۇئالىنىڭ جاۋابلىرى

  • 2009-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھان سۇئالى

  • 2009-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا تەبىئي پەن ئىمتىھان سۇئالىنىڭ جاۋابلىرى

  • 2009-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا تەبىئي پەن ئىمتىھان سۇئالى

  • بلوگ بىزەشتىكى يەنە بىر ھۈنەر - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    سورىغان بىلىم ئالار، ئۇيالغان كىيىن قالار!  بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ، بىلمىگەننى تارتىنماي سوراڭ!

     

    بلوگىمنىڭ باش بېتىدىكى ھەر بىر تېمىنىڭ ئاستىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇقۇرىدىكى خەتكە دىققەت قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. بۇنى تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق چىقىرىشقا بولىدۇ:

    خەتكۈچ:
  • ياردەم سورىغۇچىلار سەمىگە - [ياردەم سوراش ئورنى]

    بلوگگېر دوستلارنىڭ بلوگ ھەققىدە ياردەم سورىغان سۇئاللىرىنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىشى ھەم ئوخشاش سۇئال ۋە جاۋابنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بلوگگېر دوستلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلەرنى تىز ھەل قىلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم. بلوگگېر دوستلارنىڭ ئىلگىرى سورىغان بىر قىسىم مۇھىم ياردەم سۇئاللىرى ھەم ئۇنىڭ جاۋابلىرىنى بۇ تېما ئاستىغا بىر-بىرلەپ يۆتكەپ كېلىمەن. بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق مەزمۇندىكى ئىنكاسلارنى يازغاندا، ئىنكاسنى ماس كەلگەن تېما ئاستىغا يوللىشىنى، ئەگەر ئىنكاسقا ماس كېلىدىغان تېمىنى تاپالمىغاندا، ئىنكاسنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېما مەزمۇنى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىنكاسلار  بۇنىڭدىن كېيىن بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ ھەم جاۋاب بېرىلمەيدۇ. مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىر قىسىم سەزگۈر بلوگگېرلار ئاللىقاچان بىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئوخشاش بىر تېما ئاستىدىمۇ ئاللىقاچان جاۋاب بېرىلىپ بولغان سۇئالنى قايتا سورايدىغان، تېما مەزمۇنىنى ئوقۇپلا، ئاستىدىكى ئىنكاسلار ۋە جاۋابلارنى ئوقۇمايدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ. ئوخشىمىغان تېما ئاستىدا ئوخشاش سۇئال سوراش ئەھۋالىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.  شۇڭا يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • بۇ ھىكايىنىڭ باش قىسمىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئوقۇڭ:

    logs/38768926.html

     

    باش قوماندان بايراقىنى ئىگىز كۆتۈرۈۋىدى مەيدان سىرتىدىن 30 يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى. 30 مۇنبەرگە قاراپ ھەربى سالام بەرگەندىن كېيىن، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىلىپ تۇرۇپ «ئېچىل» دەپ ۋاقىراش بىلەن تەڭلا يەرگە يىقىلىپ بىر دومۇلىۋىدە، ئاجايىپ ئىش يۈز بەردى. ئورنىدىن تۇرغان 30 بولماستىن، بەلكى 2، 3، 5 لەردىن ئىبارەت ئۈچ سان بولدى. بۇ ئاجايىپ نومۇر پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن چاۋاكلار بىلەن ئالقىشلىشىغا ئىگە بولدى. نۆل پادىشاھنىڭ خوشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يىتىپ:

    ـــــ بۇ پەۋقۇلئاددە ماھارەت نىمە دەپ ئاتىلىدۇ؟ ــــ دەپ سورىدى.

    ـــــ بۇ «ئۆزىنى پارچىلاش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پەۋقۇلئاددە ماھارەت جاھاننى ھەيران قالدۇرغان سۇن ۋۇكوڭنىڭ ياردىمىدىن كەلگەن. ئەينى زاماندا سۇن ۋۇكوڭ ئەرشنى قالايمىقان قىلغاندا، ئاسمان خۇداسى ئۇنىڭغا قارشى نۇرغۇنلىغان ئىلاھى لەشكەرلىرىنى ئەۋەتىدۇ.

  • خانىم-قىزلارغا سوۋغات ـــــ «گۈلپەرى» ئۇسلۇبى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    بلوگ ئۇسلۇپلىرىنىڭ ئىچىدە خانىم-قىزلارغا ماس كەلگۈدەك ئۇسلۇپلارنىڭ كام بولۇش ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، «گۈلبەرگى» ئۇسلۇبىدىن كېيىنكى يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ «گۈلپەرى» نى ئىشلەپ چىقتىم. بۇ ئۇسلۇپ كىشىگە بىر خىل ئازادە، يورۇق، رومانتىك كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ.

    ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:

  • فېرمات

    Pierre Fermat 费尔马

    فېرمات فرانسىيىنىڭ ئاتاغلىق ماتېماتىكى، 1601-يىلىدىن 1665-يىلىغىچە ياشىغان. ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ سانلار نەزەرىيىسى، ئانالىتىك گېئومېترىيە ۋە ئوپتىكا قاتارلىق ساھەلەردىمۇ تۆھپىلىرى بار. ئۇ سانلار نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان «فېرمات چوڭ تېئورېمىسى» 1994-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى (دۈشەنبە) ئەنگليە ماتېماتىكا ئالىمى ۋېللىس (安德鲁·怀尔斯) تەرىپىدىن ئارىدىن 357 يىل ئۆتكەندە ئاندىن ئىسپاتلاندى. فېرمات ماكسىمۇم، مىنىمۇم قىممەتلەرنى تېپىش مەسىلىسىدە دىففېرېنسىئال ئىدىيىسىنى نيۇتون، لېيبنىزلاردىن خېلى بۇرۇنلا قوللانغان.

     

    فورى

    Joseph Fourier 傅立叶

    فورى فرانسىيىنىڭ ئاتاغلىق ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىمى، 1786-يىلىدىن 1830-يىلىغىچە ياشىغان. ئۇ ئىسسىقلىقنىڭ ئۆتۈشۈش نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ «ئىسسىقلىق ئانالىزى نەزەرىيىسى» دىگەن ئەسىرى بار، بۇ، ماتېماتىكىلىق نەزەرىيىنى فىزىكىغا تەدبىقلاشنىڭ بىر ئۈلگىسى. فورى ئىسسىقلىقنىڭ ئۆتۈشۈشى مەسىلىسىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بويىچە تەتقىق قىلغاندا، فۇنكسىيىنى ترىگونۇمېترىك فۇنكسىيىدىن تۈزۈلگەن قاتار ئارقىلىق ئىپادىلەپ