
-
تاڭ سېڭ بىلەن تاتىھاگاتونىڭ سۆھبىتى - [ھېكايە-شېئىرلار]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...ئەلقىسسە.
تاڭ سېڭ غەرپتىن نوم ئەكىلىپ ئارىدىن 100 يىللار كېيىنكى بىر كۈندە، تاتىھاگاتو (ساكيامونى)نىڭ ھوزۇرىدا مېھمان بولۇپ قاپتۇ، تاتىھاگاتو تاڭ سېڭنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى ئىلگىرلەشلىرىنى بىلىپ بېقىش مەقسىدىدە ئۇنىڭدىن بەزى سۇئاللارنى سوراپتۇ. سۆھبەت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ــــ ھەممىگە مەلۇمكى، سىلىنىڭ ئەينى دەۋردىكى مۇۋەپپەققىيەتلىرى ۋۇكوڭ، باجىئې، شاسېڭ قاتارلىق 3 نەپەر قابىل شاگىرتلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. سىلىدىن سورايدىغىنىم، سىلى قايسى شاگىرتلىرىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىلا؟
تاڭ سېڭنىڭ جاۋابى غەيرى بولۇپ، ئۇ باجيېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تاڭ سېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن:
ــــ باجيېنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى ئۇ بەك ئوماق. ئۇ بار يەردە كۈلكە بار. نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى ھورۇن دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ھەر قېتىم نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرغاندا بولسۇن ياكى باشقا ئىش قىلسۇن، سىلى ئۇنىڭدىن ئازراقمۇ قۇسۇر تاپالمايدىلا. ئەمما ئۇنىڭ ئىچى سەل تارراق، دائىم باشقىلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، جىق ئىشلىۋەتكەنلىكىنى پەش قىلىدۇ، ئازراق زىيان تارتىپ قېلىشقا چىدىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەل ئۇيقۇغا ئامراق. شۇڭا خەقلەرگە شۇنداق تەسىر بەرگەن بولۇشى مۈمكىن.
ــــ بىر ياخشى رەھبەر بولۇشتا، چوقۇم ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. قول ئاستىدىكىلەر ئاز ھەم ساز بولۇشى، قابىل بولۇشى كېرەك، ـــــ دەيدۇ تاڭ سېڭ.
ــــ ئىقتىدار جەھەتتىن باجيې سىلىنىڭ باشقا ئىككى شاگىرتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتەك كەمچىلىكلىرى بار تۇرۇغلۇق، سىلى نېمىشقا ئۇنى يەڭگۈشلىۋەتمەيدىلا؟ ـــــ دەپ سورىدى تاتىھاگاتو چۈشەنمەي.
ــــ شۇنداق، باجيې ئارىمىزدىكى ساپاسى ئەڭ تۆۋەن بىرسى. ئەمما، ئەڭ قابىل ئەزالاردىن تەشكىل تاپقان قوشۇننىڭ ئىش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقۇرى چەككە يېتىشى ناتايىن. بىر قۇدرەتلىك قوشۇندا چوقۇم ئەزالار ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ۋە ئىش تەقسىماتىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. سىلى ئوبدان كۈزەتسىلە شۇنى ھېس قىلالايدۇلاركى، ئالىمادىس كەلگەن خەتەرلەردە باجيې خەۋەر يەتكۈزىدۇ، ئۇرۇشۇپ يېڭەلمىسە بىرىنچى بولۇپ قاچىدىغىنى يەنىلا باجيې. ئېسىمدە قېلىشىچە بۇرۇن بىر سانغۇن ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ دائىم ئەڭ قورقۇنچاق ئەسكەرلەرنى تاللاپ پوستقا قويىدىكەن. باشقىلار بۇنى چۈشەنمەي سورىغاندا ئۇ سانغۇن: "ناۋادا مەن ئەڭ باتۇر ئەسكەرلىرىمنى پوستقا قويسام، ئۇلار دۈشمەننى كۆرسە چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا قورقۇنچاق ئەسكەرلەر بولسا دەرھال قېچىپ، چوڭ قوشۇنغا خەۋەر يەتكۈزىدۇ" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. مانا بۇ ئەزالارنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەشنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر ـــــ دېدى تاڭسېڭ مەمنۇنلۇق بىلەن ــــ ئۇنىڭ ئۈستىگە، باجيېنىڭ يۈزى قېلىنراق، ئەيىپلەشلەردىن ئانچە خىجىل بولۇپ يۈرمەيدۇ. ناۋادا بىرەر ئىشىمىز بۇزۇلۇپ قالسا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيەتنى باجيېغا ئارتىپ قويالايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇ مەسىلىلەرنى ئىچكىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىشتا ۋاقت تېجىلىپ قالىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ، چۈنكى ئۇ مىڭ قىلمىسا باجيېدىن ئىقتىدارلىق ئىكەنمەن دەپ قارايدۇ.
ـــــ مېنىڭچە، ــــ تاڭ سېڭ تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇرۇپ ھاياجان ئىچىدە گېپىنى داۋاملاشتۇردى ـــــ مېنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى ئۇ خوشامەت قىلىشنى بىلىدۇ. بەزىدە رەھبەر بولغان كىشى شۇنداق خوشامەتچىلەرگە مۇھتاج بولۇپ قالىدىغان ئىشمۇ بولىدۇ، بايقىدىلامىكىن؟ ھەرقانداق رەھبەرنىڭ قېشىدا شۇنداقراق ئادەمدىن بىرى بارلا بار. چۈنكى رەھبەر بولغان ئادەم داۋاملىق ئىگىز پەشتاقتا ئولتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، بەزىدە تۆۋەن قاتلامغا چۈشۈپ، باشقىلارنىڭ پىكىرلىرىنى، تەنقىدلىرىنى ئاڭلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەردە يېنىڭىزدا ياخشى گېپىڭىزنى قىلىدىغان بىرەرسى بولمىسا، بەكمۇ يىتىمسىراپ قالىسىز.
تاڭ سېڭنىڭ گېپى تاتىھاگاتونى كۈلدۈرىۋەتتى. ئۇ:
ــــ شاگىرتلىرى سۇن ۋۇكوڭغا قانداقراق قارايدىلا؟ ئۇ سىلىنى جىق خەتەرلەردىن قۇتقۇزىۋالغان ھە؟ ــــ دەپ سورىدى.
ــــ ھىمم... ئۇ چاغدا شۇنداق بىر ئاساسلىق شەخستىن بىرى بار ئىدى ــــ پەلەككە تەڭداش ئەۋلىيا سۇن ۋۇكوڭ. چەمبىرەك ئەپسۇنى بولغاچقىمىكىن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى زىل. بەجايىكى ھازىرقى تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ جوڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىگە ئوخشاش. تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتى، ـــــ دېدى تاڭ سېڭ ئالدىرىماي، ـــــ ھەر قېتىم خەتەرگە يولۇققىنىمدا ئۇ مېنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ، نۇرغۇن قېتىملاردا ئۇ مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. ئەمما ئىش بېسىققان ھامان مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان دۈشمەنلىك قارىشىم ئەسلىگە كېلىدۇ. چۈنكى مەن ھەسەتخورلۇقى كۈچلۈك ئادەممەن.
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دېگەن ھەرقانداق ئادەمدە ھەسەتخورلۇق بولىدۇ.
تاتىھاگاتو تاڭ سېڭنىڭ چېيىنى لىقلاپ قويدى. ئۇ ئالدىرىماي بىر ئوتلىۋېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
ـــــ غەرپكە ساياھەت كىنو ئەمەس. باشقىلار مەندىن رول تالاشماسلىقى كېرەك. چۈنكى مەن ئاساسلىق رولدا. مەن بۇ قوشۇننىڭ رەھبىرى، شۇنداقلا غەرپتىن نوم ئەكىلىش ۋەزىپىسى ماڭا يۈكلەنگەن. ئۇلار پەقەت مېنىڭ ياردەمچىم خالاس. ياردەمچىنىڭ تۆھپىسى رەھبەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتسە قانداق بولغىنى؟ ئەپسۇس، سۇن ۋۇكوڭ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپ قالغان. ئۇ دائىم ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىدۇ، ھالقىلىق جايلارغا كەلگەندە "قەھرىمانلىقى" تۇتۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ شۆھرىتى ھەقىقەتەن مېنىڭكىدىن يۇقۇرى، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ نورمالسىزلىق. نېمىلا دېگەن بىلەن نومنى مەن ئەكەلدىم ئەمەسمۇ!
ــــ ئۇنداقتا خاراكتىر ۋە ھېسسىيات جەھەتتە ئىككىلىرىنىڭ ئارىسىدا زادى قانداق توقۇنۇش باركىن؟
ــــ ئورتاقلىق دېگىنىمىزدە، بىرىنچىدىن، ئىككىلىمىز چۇس ئادەملەر، ئىككىنچىدىن ئىككىلىمىز راھىب. پەقەت مۇشۇ نۇقتىدىنلا بىر بىر-بىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتەلەيمىز. ئەمما، سۇن ۋۇكوڭ تېگى- تەكتىدىن بىر سەھرالىق تومپاي مايمۇن، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاھىل. چۈنكى ئۇ مۇكەممەل ئائىلە تەربىيەسى كۆرمىگەن. باشقۇرۇلغۇچىنىڭ مىجەزى جاھىل بولىدىكەن چوقۇم رەھبەر بولغۇچى بىلەن باشقۇرۇلغۇچى ئوتتۇرىدا زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ. "ئىككى قوشقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىماپتۇ" دېگەن گەپ بار. ئەگەر بىرەر مەسىلىدە ئارىمىزدا ئىختىلاپ بولسا، زادى كىم كىمنىڭكىنى ئاڭلىشى كېرەك؟ ئەلۋەتتە رەھبەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاش كېرەك. چۈنكى رەھبەر دېگەنلىك قوماندان دېگەنلىك، ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىدا رەھبەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر. مەيلى رەھبەرلىك جەھەتتىكى خاتالىق، ياكى ئادەم ئىشلىتىشتىكى خاتالىق بولسۇن، نەتىجە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن رەھبەر بولغۇچى جاۋابكار دېگەن گەپ. جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى مىسالغا ئالايلى، ئەگەر كوماندا ئەزالىرى ئۇتتۇرۇپ قويسا تېرنېر بولغۇچى گۇناھنى كوماندا ئەزالىرىغا ئارتىدۇ. بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس، ساپاسىزلىق. چۈنكى كوماندا ئەزالىرىنى ئۇلار ئۆزلىرى تاللىغان، ئۆزلىرى مەشقلەندۈرگەن-دە؟ گەپنى تۈز قىلسام، مەن بىر ناھايىتى ياخشى رەھبەر. نوم ئەكىلىش ئىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى. ئەگەردە رەھبەر بولغۇچى بۇيرۇق قىلسا، قول ئاستىدىكىلەر ئىجرا قىلمىسا، ئاخىرىغا كەلگەندە مەسئۇلىيەت شۇ قول ئاستىدىكىلەرگە ئارتىلىدۇ-دە؟ ھەقىقي مەنىدىكى باشقۇرۇلغۇچى، رەھبەر ئۇنى تىك ھاڭغا سەكرە دېسىمۇ سەكرىشى كېرەك، پەقەت بۇيرۇقنى تەل- تۆكۈس ئىجرا قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا مەسئۇلىيەت كەلمەيدۇ. ئەمما ۋۇكوڭ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالمىغان. شۇڭا مەن ئۇنى سەھرالىق تومپاي مايمۇن دەيمەن. راستنى دېسەم ئۇنىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئادەمنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرىدۇ. نەچچە قېتىم مەن ئۇنى كۈدە-كۆرپىسىنى كۆتەرگۈزۈپ ھەيدىۋىتەي دەپ ئويلىغان.
تاتىھاگاتو تاڭ سېڭغا قاراپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدى ۋە:
ـــــ ئىككىڭلارنىڭ زىددىيىتى پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنىڭ ئىشىدا بەك كۈچىيىپ كەتكەنغۇ دەيمەن ھە؟ ــــ دەپ سۇئالىنى داۋاملاشتۇردى.
تاڭسېڭ گېلىنى قىرىپ قويۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
ـــــ ھىمم..... ئۇ چاغ مېنىڭ يۈزۈم قاتتىق تۆكۈلگەن ـــــ دېدى تاڭ سېڭ تاماكىسىنى قاتتىق بىر شورىۋېتىپ، ـــــ ئۇ چاغدا مەن قاراپ تۇرۇپلا ئۇنىڭغا يېڭىلىپ قالغان، ئويلىسام ھازىرمۇ ئاچچىقىم كېلىدۇ. ئادەم دېگەندە ئازراق بولسىمۇ ھېسسىيات، يۈز خاتىرە بولىدۇ، گەرچە دۈشمەنلەردەك قاراشساقمۇ بەرىبىر بىز بىر يولدا كېتىۋاتقان سەبداشلار تۇرساق؟ ئۇ قېتىم مەن ئۇنى قوغلىغاندا مېنىڭ راستلا ئاچچىقىم بەك كەلگەن. ئۇ تىزلىنىپ يېنىشلاپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالغاندا يۇمشاپ قالاي دەپ قالغان بولساممۇ، ئەمما چىشىمنى چىشلەپ "ھەي~! بۇ بىر پۇرسەت، بۇ قېتىم ئۇنى ھەيدىۋەتسەڭ ئۇ تاغقا بېرىپ مايمۇنلىقىنى قىلىۋەرسە، نوم ئەكلىشنىڭ شەرىپى ساڭىلا قالىدۇ" دەپ ئويلاپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئۇنى ھەيدىۋەتتىم. بىراق ئۇ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. سىلى ئويلاپ باقسىلا، قايسىبىر پادىشاھ ۋەزىيەتنى كونتروللاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن كۆزىگە قادالغان مىقلارنى يوقاتمىغان؟ شۇلارنى ئويلاپ مەن ئۇنى قايتا چاقىرتتىم. نومنى ئەكىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى سىلىگە راسا چېقىپ، ئەدەبلىمەيمەنمۇ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. شۇڭا يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ چاقىرتتىم شۇ.
ـــــ چەمبىرەك ئەپسۇنى مەسىلىسىگە بولغان قاراشلىرى قانداقكىن؟
ـــــ بۇ مەسىلە ئىككىمىز ئارىسىدىكى يادرولۇق مەسىلە. مەن دائىم دەل پەيتىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئۆزەمنى تېتىتىپ قويىمەن. ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ ئىچىمدە خوش بولۇپ كەتسەممۇ، ئەمما تېشىمدا قەستەن ئازابلىنىۋاتقاندەك بولۇۋالىمەن. شۇ چەمبىرەك ئەپسۇنى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىشى، نومنى ئەكىلىپ بولغاندىن كېيىن مەندىن ئۆچ ئېلىشى تۇرغان گەپ. ئەمما ئۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى، چۈنكى بۇ جەھەتتە ئۇ مېنىڭ قولۇمغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ. قايتىپ كېلىشىمىزگىلا مەن ئۇنىڭغا ئىلاھىي ئۇنۋان بېرىشنى سىلىدىن ئۆتۈندۈم. بۇنداق بولغاندا ئۇ قالايمىقان ئىش قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇ مىجەزىدىن ئىش تېرىپ تۇرۇشى ئېنىق، ئۇنداق ۋاقتلاردا سىلى ئۇنى ئەدەبلەپ تۇرىلا ئەمەسمۇ؟ ھى، ھى، ھى، ھى.
تاڭ سېڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:
ـــــ قەھرىمانلار ئەزەلدىن باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىلغان. ئۇ بىر قەھرىمان، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا مەن يەڭگۈچى.
«ئىزدىيارى تور بېكىتى» دىن ئېلىندى.
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !

بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
مەنمۇ بىلوگىمدا ئەدىبى ئەسەرلەر سەھىپىسىنى قۇرسام بولغۇدەك، قارىسام بىلوگىڭىزدىكى بۇ خىلدىكى تىمىلارمۇ كىشىگە باشقىچە زوق بېغىشلايدىكەن