كۈندىلىك تۇرمۇشتا دورىنى خاتا يەۋالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قالىدۇ، ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ئالدى بىلەن دورىنى ئېنىقلاش، ئاندىن قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك.
ئەگەر كۆپ مىقداردا تىنچلاندۇرغۇچى، ئۇخلاتقۇچى دورىلارنى خاتا يەۋالسا بارماق، قول، چوكا ياكى باشقا غىدىقلىغۇچى ئەسۋابلارنى كانايغا تىقىپ قۇستۇرۇش كېرەك. ئەگەر دېھقانچىلىق دورىلىرىنى خاتا يەۋالسا %5لىك سوپۇن سۇيۇقلۇقى 2-%5لىك شۇلتا سۇيۇقلۇقى بىلەن ئاشقازاننى يۇيۇش لازىم. چۈنكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كىسلاتا خاراكتېرلىك بولغاچقا، ئاشقازان ئوڭاي سۈمۈرۈۋالىدۇ، شۇڭا ئىشقارلىق سۇيۇقلۇقلار ئارقىلىق ئاشقازاننى يۇيۇپ تېز قۇتقۇزۇشتا تىرىشىش لازىم. ئەگەر سىرتقا ئىشلىتىدىغان يود خاتا ئىچىۋېلىنسا گۈرۈچ سۈيى، ئاش سۈيى ۋە تەركىبىدە كراخمال بولغان سۇيۇقلۇقلار بىلەن ئاشقازاننى يۇيۇش لازىم. كراخمال يود بىلەن بىرىكىپ يېشىل رەڭلىك بىرىكمە ماددىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئەگەر بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندىن كېيىن كېسەل كىشى قايتا- قايتا قۇسقاندا يېشىل رەڭ يوقىلىپ، ئىچكەن سۇيۇقلۇق ئۆز رەڭگىدە كەلسە، ئاشقازان تازىلانغان ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورىلار، لىزول خاتا ئىستېمال قىلىنغان بولسا، كېسەل كىشىگە كالا سۈتى، دۇفۇ سۈيى، تۇخۇم ئېقى، گۈرۈچ، ياغ قاتارلىقلارنى ئىچۈرۈش ئارقىلىق دورىنىڭ ئاشقازان توقۇلمىلىرىنى بۇزۇۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
يۇقىرىدىكى ئۇسۇللارنى قوللانغاندا كېسەل كىشىنى ياتقۇزۇپ تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش شۇنىڭدەك خاتا ئىستېمال قىلىنغان دورىنىڭ قۇتىسى ياكى خالتىسىنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تېزدىن قۇتقۇزۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.