بېيجىڭ، 19-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: 13-ئۆكتەبىر تۇنجى «دۇنيا قان نوكچىسى كېسەللىك كۈنى» دە، كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر بېيجىڭدا بىرلىكتە تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىپ، ھەممەيلەننى ۋېنا تومۇرىدا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش كېىسلىنى داۋالاشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى، ھەمدە«قوزغىلىپ»، قان نوكچىسى كېسىلىنىڭ ئاسارىتىدىن مۇداپىئەلىنىشكە مۇراجىئەت قىلدى. قان نوكچىسى ۋېنا تومۇرىدا قان نوكچىسى پەيدابولۇش ۋە ئارتېرىيە تومۇرىدا قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئارىسىدا ۋېنا تومۇرىدا قان نوكچىسىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئارتېرىيە تومۇرىدا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش نىسبىتىدىن يۇقىرى ، ئىككىسىنىڭ نىسبىتى 4:1 بولىدۇ. ئامېرىكىدا ۋېنا تومۇرىدا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يىلىغا 900مىڭ قېتىمدىن ئاشىدىكەن، بۇنىڭ ئارىسىدا 296 مىڭ 400 كېسەللىك مىسالى ئۆلگەن بولىدىكەن. ياۋروپادا يىلىغا 500 مىڭ ئادەم ۋېنا تومۇرىدا قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش كېسىلى بىلەن ئۆلىدىكەن، بۇ سان ئەيدىز كېسىلى، سۈت بېزى راكى، مەزى بېزى راكى ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سادىر بولغان قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپ ئىكەن. جۇڭگو بىناكارلىق- قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، دۆلەتلىك سەھىيە -پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قان نوكچىسى ۋە قان توختىتىش نۇقتىلىق لابوراتورىيەسىنىڭ مۇدىرى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك قان تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى يۈەن جاڭچيۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قان نوكچىسى ھاسىل بولۇشىدا ئاساسلىق ئۈچ سەۋەب بار، بۇ دوختۇرخانىدا ئۇزاق يېتىش، ئوپېراتسىيە قىلىنىش، ئۇزاق مىدىرلىماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، دوختۇرخانىدا ئۇزاق ياتقان ئۈچتىن ئىككىدىن ئارتۇق بىمارنىڭ پۇتىدىكى ۋېنا تومۇرىدا قان نوكچىسى پەيدا بولىدۇ؛ يانپاش ياكى تىز بوغۇم ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلاردا، بولۇپمۇ راك كېسلىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بىمارلارنىڭ ۋىنادا تومۇرىدا قان نوكچىسى ئاسانلا پەيدا بولىدۇ. ياتاق ئۆيدىن ئۇزاققىچە چىقمايدىغانلار ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىققاندا ئۆز ۋاقتىدا ھەرىكەت قىلمايدىغانلارمۇ ئاسانلا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خادىمى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇدا تۆت سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇش بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. بۇ كېسەلدىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى- ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.