مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ08-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1414 رەت   / مەنبە: ئەرقال تورى

d01373f082025aafac91adedf9edab64034f1a70.jpg


پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى خەۋىرى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، ياپونىيە كۇنىتاچى ئايلانما ئەزا كېسەللىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دىيامېتىرى ئاران 0.6 مىللىمېتىر كېلىدىغان سۈنئىي قان تومۇر ياساپ چىققان. بۇ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئىنچىكە سۈنئىي قان تومۇر ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، مېڭە ۋە يۈرەك قان-تومۇرىغا كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيەسى ساھەسىدە قوللىنىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىت» تور بېكىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلار يېرىلغاندا، پولىئېستېر ماتېرىياللىق سۈنئىي قان تومۇر كۆچۈرۈلىدىكەن، لېكىن، قان ئاسانلا سۈنئىي تومۇرنىڭ ئىچكى دىۋارىدا ئۇيۇشۇپ قالىدىكەن، ئەگەر سۈنئىي قان تومۇر بەك ئىنچىكە بولسا ئاسانلا توسۇلۇش يۈز بېرىدىكەن. بۇ مەسىلە ئىزچىل سۈنئىي قان تومۇرنىڭ ئىشلىتىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر ئىككى يىل ئىچىدە كىلىنىكىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، 5 يىلدىن كېيىن ئومۇملاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ. ۋاقتى كەلگەندە، بۇ خىل سۈنئىي قان تومۇر مېڭە، يۈرەك قاتارلىق قىل قان تومۇر كۆپ جايلاشقان ئورۇنلارغا سۈنئىي قان تومۇر كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.