سىرتقا چىققاندا قوللىرىمىزنى يۇيۇش ، بىرەر نەرسىلەرنى پاكىزلاش قولايسىز، شۇڭا ھازىر ھۆل قەغەز كۆپلىگەن كىشىلەر يېنىدىن ئايرىمايدىغان زۆرۈر بۇيۇمغا ئايلاندى. گەرچە ھۆل قەغەزنىڭ تۈرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما تەركىبى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ھۆل قەغەزنى تاللاپ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلمىغاندا ساغلاملىققا زىيان يېتىدۇ. يېقىندا كۆپلىگەن ئوقۇرمەن «ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى» گە تېلېفون قىلىپ، ھۆل قەغەز تەركىبىدىكى پىروپىلېن گىلىكولنىڭ ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەن. مۇخبىر شۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارەت قىلىپ، ھازىر گۇاڭجۇ بازىرىدا سېتىلىۋاتقان قىسمەن ھۆل قەغەزلەرنىڭ تەركىبىدە ھەقىقەتەن تۆۋەن زەھەرلىك پىروپىلېن گىلىكولنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. تىببىي ئىلىم پروفېسسورى مۇنداق دېدى: پىروپىلېن گىلىكول تەركىبلىك ھۆل قەغەزنى ئۇزاق ، يۇقىرى زىچلىقتا ئىشلەتكەندە تېرە ياللۇغى ھۆل تەمرەتكىسى پەيدا قىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى: ھۆل قەغەزنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچمىدە بۇ خىل خىمىيەلىك ماددا چەكلەنمىگەن، ئىستېمالچىلار سېتىۋالغاندا بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشى لازىم.
1. پىروپىلېن گىلىكول تۆۋەن زەھەرلىك خىمىيەلىك ئېرىتكۈچ. بازارلاردا داڭلىق ماركىدىكى ھۆل قەغەزلەر ئىنتايىن كۆپ. «ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى زىيارەت قىلىش جەريانىدا گۇاڭجۇدىكى ھەر قايسى تاللا بازارلىرىدا دائىم ئۇچراتقىلى بولىدىغان ھۆل قەغەز ماركىسىنىڭ 10 دىن ئاشىدىغانلىقىنى، ھەر قايسى داڭلىق ماركىلىق ئوخشىمىغان تىپ ۋە نومۇرلۇق ھۆل قەغەزلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ھازىرقى ھۆل قەغەزلەر ئىككى تۈرگە بۆلىنىدىكەن، بىرى، ئادەتتىكى ھۆل قەغەز، يەنە بىرى بوۋاق بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ھۆل قەغەز . مۇخبىر ھۆل قەغەز قېپىنىڭ ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈشتىن ھەر تۈرلۈك ھۆل قەغەزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى، توقۇلمىسىز رەخ، نەملىك ساقلاش دورىسى، باكتېرىيەگە تاقابىل تۇرۇش سۇيۇقلۇقى ھەمدە باشقا ماتېرىياللارنىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەسلىكىنى بىلگەن. نۇرغۇن ھۆل قەغەزگە باشقا تەبىئىي تەركىب – ئېۋكالىت دەرەخ يوپۇرمىقى جەۋھىرى، مايچېچەك مېيى، ئالوي جەۋھىرى قېتىلغان بولۇپ، بۇلار نەملىكنى ساقلاپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا كۆپلىگەن ئىستېمالچى پىروپىلېن گىلىكولدىن ئېھتىيات قىلىپ قالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر خىل تۆۋەن زەھەرلىك خىمىيەلىك ئېرىتكۈچ بولۇپ، بىر خىل سۈزۈك، رەڭسىز، يېپىشقاق ھەمدە نەمرەك ياغ ئىسپرت سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقاندا خۇش پۇراق ماددىلاردا ياخشى ئېرىيدۇ ھەمدە نەملىكنى ساقلاپ، باكتېرىيەگە تاقابىل تۇرۇش رولىغا ئىگە. شۇڭا نەم قەغەز، گىرىم سۈرتۈش مېيى، يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدەك گىرىم بۇيۇملىرىنى دائىم ئىشلىتىش لازىم. «ياڭچېڭ گېزىتى» مۇخبىرى ئوندىن ئارتۇق ھۆل قەغەزنىڭ ئاساسلىق تەركىبىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە پىروپىلېن گىلىكول تەركىبلىك ھۆل قەغەزنىڭ گۇاڭجۇ بازىرىدا ئاساسىي ئېقىمدا ئەمەسلىكىنى بايقىغان.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.