مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى12-ئاينىڭ24-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1996 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

دۆلىتىمىز جىگەر راكى ئاغرىقلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەت، دۇنيادا ھەر يىلى يېڭىدىن ئېنىقلانغان ۋە ئۆلۈپ كېتىۋاتقان جىگەر راكى ئاغرىقىنىڭ %54 ى دۆلىتىمىزدە. جىگەر راكى ئاغرىقلىرى ئىلگىرى ئاۋۋال ئوپىراتسىيە قىلىپ، ئاندىن داۋالاش ۋە نىشانلىق داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلاتتى، ئوپېراتسىيە قىلمايمۇ داۋالىغىلى بولىدىغان ئۇسۇل يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ ساندىكى ئاغرىقلارنىڭ «نىشانلىق نۇقتىسى» بولمىغاچقا، نىشانلىق داۋالاشتا دورىلارنىڭ ئۈنۈمى تازا بولمايتتى.

بېيجىڭ «شىسكې» ئۆسمە ئىلمىي تەتقىقات فوندىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «جىگەر راكىنى oxaliplatin تەركىبلىك سېستىما بىلەن خىمىيىلىك داۋالاش لايىھەسى جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ قالغان ئاغرىقلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بارغان ئاغرىقلارنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىش پۇرسىتى يوق، نىشانلىق داۋالاش ناھايىتى قىممەت، ئەمما بۇ خىل خىمىيەلىك داۋالاش لايىھەسى ئۇلارنى ئۇزاقراق ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ».

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.