مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2625 رەت   / مەنبە: ئەرقال تورى

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئامېرىكا نىيۇيورك، نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىلىم مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغىچە بولغان دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ چىراي ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنى تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىمار مىسسىسىپى ئىشتاتىدىن كەلگەن Patrick Hardison ئىسىملىك ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى بولۇپ، 2001-يىلى بىر قېتىملىق ئوت ئۆچۈرۈشتە چىراي قىسىمى ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان، كۆز قاپىقى، لەۋ، قۇلاق، بۇرنىنىڭ كۆپ قىسىمى، چېچى ۋە قاش-كىرپىكلىرىنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ كەتكەن. 100 دىن ئارتۇق داڭلىق دوختۇر، سېسترا قاتارلىق خىزمەتچى خادىملار 26 سائەت جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئوپېراتسىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان.

52450cecxa1f5e9d98000&690.jpg

 رەسىمدە Patrick Hardison نىڭ ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلىرى.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.