بۈگۈنكى كۈندە ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىشى، تور سۈرئىتىنىڭ تېزلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، داۋاملىق ھالدا ئالاقە تورىنىڭ قولايلىقلىقىدىن پايدىلىنىپ، تۈنەيدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا كېچىلىك بەزمىخانىلارغا بېرىپ، كېچىلىك ئۇيقۇسىدىن مەھرۇم قالىدۇ. مەيلى سىز قانداقلا قىلىپ، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزسىڭىز تۇرمۇشىڭىزنى مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتكۈزسىڭىز،تۇرمۇشىڭىزغا بولغان خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاقتىدا ئارام ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ياشلاردا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسەللىكى بىلەن ئۈلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، ياشلار ئارىسىدا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى ئاساسەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن كېلىپ چىقىدىكەن..
سەھەر سائەت 4 دىن 7 گىچە بولغان ئارلىق ئادەم بەدىنىدىكى سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ ھاياجانلىنىشى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا يۈرەك-قان تومۇرىنىڭ ھەرىكىتى مۇقىم بولماي قالىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئادەم ئارام ئالمىسا، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئۇندىن باشقا، ئۇزۇن مەزگىل كېچىدە ئارام ئالماسلىق يۇقىرى قان بېسىمىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياش ۋاقتىڭىزدا سالامەتلىكىڭىز بىلەن ئويناشماڭ.تۈنەش يەنە ئاياللاردا سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئاياللار كېسەللىكى دوختۇرىنىڭ دېيىشىچە، ئاياللار ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت كىچىلەپ خىزمەت قىلسا ياكى تۈنەپ باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولسا، روھىي جەھەتتە جىددىيلىشىش كۆرۈلۈپلا قالماستىن يەنە ئېغىر ھالدا خروموسومنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىغا تەسىر قىلىپ، مېڭە قىسىمىدىكى مىلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى توسۇپ، راك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن..
تۈنەش بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن يەنە، نېرۋىغىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئامېرىكا ئوخىئو شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېت تېببىي مەركىزى تەتقىقاتچىسىنىڭ قارىشىچە،تۈنەش تېلېۋىزور ۋە كومپيۇتېر كۆرگەندە ۋە ياكى تېلېۋىزور بىلەن كومپيۇتېرنى ئىتىۋەتمەي ئۇخلىغاندا ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمىكن ئىكەن. ئەسەبىيلىشىش كېسىلىدىن باشقا، ئۇزۇن مەزگىل تۈنىگەندە ئۇيقۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراش شۇنداقلا نېرۋا زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. نېرۋا كېسەللىكى دوختۇرىنىڭ قارىشىچە، ئادەمدىكى سىمپاتىك نېرۋىلار كىچىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن. كۈندۈزى ھاياجانلىنىدىغان نېرۋا ئۇخلىماي تۈنەيدىغانلارنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسىدا توختىماي ھاياجانلىنىدىغان بولغاچقا، شۇڭا كۈندۈزى يۇقىرقىدەك كېسەللىك ئەھۋالى يۈز بېرىدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر، تۈنەشنىڭ كۆزگە يەتكۈزگەن زىيىنىنى كۈندۈزى ئۇخلاش ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئاسان ئەمەس. كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ قارىشىچە، كۆزنىڭ يۈكى ئۇزۇن ۋاقىت ئېشىپ كەتسە، كۆز ئاغرىش، كۆز قۇرغاقلىشىش، ۋاقىتلىق كۆز قۇۋۋىتى چۈشۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن. ھەتتا كۆز قۇرغاقلىشىش ئەھۋاللىرىمۇ كېلىپ چىقىدىكەن. تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى، ئۇزۇن مەزگىل تۈنىگەندە ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش، مەركىزىي تىپلىق كۆرۈش تور پەردىسى كېسىلىنى پەيدا قىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىكەن...
تېرە بولسا گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىدىغان تېمىسى، ئەگەر يۈزگە ئۇششاق نەرسىلەر چىقىپ كەتسە، گۈزەللىكىمىزگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن بىزار بولۇپ كېتىمىز. تېرە كېسەللىكى دوختۇرىنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلارنىڭ تېرىسى كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ سەھەر سائەت 2 گىچە ئاسراش ھالىتىگە كىرىدىكەن، ئۇزۇن مەزگىل تۈنىگەندە بەدەن ئچىكى ئاجراتمىلىرى ۋە نېرۋا سىستېمىلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. نېرۋا سىستېمىسى بوزۇلسا، تېرىدە قۇرغاقلىشىش ئەھۋالى، ئىلاستىكلىقى ناچار بولۇش، پارقىراقلىقىنى يوقىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن، ئىچكى ئاجراتمىلار بۇزۇلغاندا، يوشۇرۇن جاراھەت ئىزى پەيدا بولۇش، دانىخورەك، سېرىق سەپكۈن، قارا سەپكۈن قاتارلىقلار پەيدا بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا، تۈنىگەندە كېچىدە تاماق يىگەندە ھەزىم قىلىش يولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاشقازان ئاغرىقى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ئاشقازان-ئۈچەي ئاغرىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.