مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ23-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1599 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

WiFi رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى زادى قانچىلىك؟ مۇتەخەسسىسلەر بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:« WiFi  رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىر كۈچى ئارىلىق بىلەن تەتۈر تاناسىپ، يەنى ئادەمنىڭ ئۆيدىكى سىمسىز روتېر بىلەن بولغان ئارىلىقى قانچىلىك يىراق بولسا، قوبۇل قىلىدىغان WiFi  رادىئاتسىيىسى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. ئادەم بەدىنى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بىخەتەر رادىئاتسىيە دائىرىسى ئون ۋات/ كۋادرات مېتىر، بۇ WiFi  رادىئاتسىيىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە سالىدىغان زىيىنى يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە WiFi  رادىئاتسىيىسى تەسىر كۆرسىتىدىغان دەرىجىدە كۈچەيسە، پەقەت ئادەمنىڭ تېرىسىگىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا WiFi  ھامىلىگە زىيان سالالمايدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«ئەمەلىيەتتە WiFi دىن باشقا، بىز دائىم ئىشلىتىدىغان يان تېلېفون، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ ھەممىسى رادىئاتسىيە قويۇپ بېرىدۇ. ئەمما ئۆلچەش ۋە كلىنىكىلىق تەتقىقات نەتىجىسى بۇنداق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى قويۇپ بەرگەن رادىئاتسىيىنىڭ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش، ھامىلە غەيرىي يېتىلىپ قېلىش ھەم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ زىيادە تۆۋەن بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى رەت قىلدى».


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.