بالىلارنىڭ قانچىلىك ساغلاملىقى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلارغا بېغىشلىغان مۇھەببىتىگە مۇناسىۋەتلىك.
كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىق ئەھۋالى بىلەن ئۇلار ئېرىشكەن مېھىر-مۇھەببەت ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت باركەن .
ئالىملار ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان . بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى بالىلار بەختلىك ئائىلىنىڭ بالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ئۇلار ئادەتتە يېتەرلىك كۆيۈنۈش ۋە دىققەتكە ئېرىشەلەيدىكەن. ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر بولسا يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە ئائىلىسى ئىناق ئەمەس ، مېھىر-مۇھەببەت كەم بالىلاردىن تەشكىللەنگەن .
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجىگە قارىغاندا بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ ئىممۇنېت كۈچى ئومۇمەن ئىككىنچى گۇرۇپپىنىڭكىدىن يۇقىرى چىققان . تەتقىقاتچىلار يەنە بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى سىكانېرلاش ئارقىلىق بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ مېڭە ھەجىمىنىڭ ئىككىنچى گۇرۇپپىغا قارىغاندا چوڭراق ئىكەنلىكىنى بايقىغان .
ئالىملار بۇنىڭغا ئاساسەن بالىلار مېھىر-مۇھەببەتكە قانچىلىك قېنىپ چوڭ بولسا شۇنچىلىك ساغلام بولىدۇ دېگەن تونۇشقا كەلگەن .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.