شىنخۇا تورى 28- نويابر خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى 27- نويابر مۇنداق دېگەن: ھازىر ھەر يىلى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلۈر 15 يىل ئىلگىرىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى. خەلقئارا جەمئىيەت دەرھال ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ياشلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.بالىلار فوندى جەمئىيىتى شۇ كۈنى بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقىملىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەيدىز ئاللىقاچان ئافرىقا قىتئەسىدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق قاتىلىغا ئايلاندى، ھەمدە پۈتۈن يەر شارىدىكى ياشلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئىككىنچى چوڭ سەۋەبكە ئايلاندى. ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر توپىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆلگەنلەر سانىدا ئازراق تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، ئەمما ياش ئۆسمۈرلەر بىردىن-بىر ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان كىشىلەر توپى بولۇپ قالدى.دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئەيدىز كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقان كۆپلىگەن ياش ئۆسمۈرلەر بوۋاق ۋاقتىدىلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان، ئۇلار ئاز دېگەندە 10~15 يىل ئىلگىرىلا بۇ خىل كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سەھرايى كەبىر چۆللىكىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن، بولۇپمۇ كىچىك قىزلارنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىركەن، 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %70 تى قىزلاركەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايوندىكى پەقەت %10 ياش ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.