ئوزۇقشۇناسلار مۇنداق دېيىشتى:«دائىم ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ جىگىرىنى ياغ قاپلاش خەۋپى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، يەنە يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، بۇنداق ئادەملەرنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى نورمال ئادەمنىڭكىدىن %27 يۇقىرى بولىدۇ».
ئوزۇقشۇناسلار يەنە مۇنداق دېيىشتى:«دائىم ناشتا قىلمىسا، قورساقتا توپلىشىۋالىدىغان ياغ ۋە خولېستېرىن كۆپىيىپ، ئادەم ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپى كۈچىيىدۇ. كىچىكىدىن تارتىپلا ناشتا قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان، چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ ناچار ئادىتىنى تاشلىمىغانلار 30 ياشلارغا كەلگەندە، ئۇلاردا يۈرەك كېسىلىنىڭ تەرەققىياتى تىز بولىدۇ، چۈنكى ناشتا قىلىشنى خالىمايدىغانلار ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ، شۇنداقلا كۆپ چېنىقمايدۇ».
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.