مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ08-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1617 رەت   / مەنبە: تېڭشۈن تورى

11.jpg


ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، گىلەكسېس مىسكلايىن(GlaxoSmithKline) شىركىتى ۋە ئامېرىكا جونسون-جونسون (Johnson & Johnson) شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھەر 4 ياكى 8 ھەپتىدە ئىككى خىل ئەيدىز ۋىرۇسىنى كونترول قىلىدىغان دورا ئوكۇلى ئۇرۇلسىلا، ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ئەنئەنىۋى دورىلىق داۋالاشقا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولىدىكەن.

مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 1مىليون 200مىڭ ئامېرىكىلىق ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، بۇ دەل كىشىلەرنى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ (ئىممۇنىتېت كەمچىل ئۇنىۋېرسال كېسىلى، يەنى AIDS ). باشقا ۋىرۇسلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئادەم بەدىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ باشقا ۋىرۇسلاردىن قۇتۇلالايدۇ، لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپلا قالدىڭىز، ئۆمۈرلۈك يۇقۇملىنىسىز.

نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ئەيدىز كېسەللىكى دورىلىرى قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى كەڭ كۆلەمدە ئازايتالايدۇ. ئەمما، كۈندىلىك داۋالاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن قېيىن. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى چوقۇم كۈندە دورا ئىچىشى كېرەك، لېكىن بۇ ئىشنى باشتىن ئاخىر بىردەك قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىش. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا دورا ئوكۇل سالغاننىڭ پايدىلىق يېرىنى ئوڭايلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ : پەقەت ھەر 4 ياكى 8 ھەپتىدە بىر قېتىم ئوكۇل ئۇرسىلا كۇپايە.

بۇ خىل يېڭى داۋالاش ئۇسۇلى ئىككى خىل دورىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرى كابوتېگراۋىر (cabotegravir )، يەنە بىرسى رىلپىۋىرىن (rilpivirine ). كابوتېگراۋىر بولسا ئەيدىز كېسەللىكى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان ۋىۋ شىركىتىنىڭ داۋالاش مەھسۇلاتى، ئۇ تابلېتكا ياكى ئوكۇل شەكلىدە داۋالاش ئىلىپ بېرىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەيدۇ.

ھازىر تەتقىقاتچى خادىملار قان-تومۇر دورىسىنى ئوكۇل سېلىپ داۋالاش نەتىجىسىنى كۆزىتىۋاتىدۇ، سەيشەنبە ئېلان قىلىنغىنى پەقەت 2يىللىق كىلىنىكا تەجرىبىسىنىڭ بىر قىسىمى. ھازىرغا قەدەر، ھەر 4 ياكى 8 ھەپتىدە بىر قېتىم كابوتېگراۋىر ۋە رېلپىۋىرىن دورىسى ئوكۇل قويۇلغان بىمارلارنىڭ ۋىرۇس تىزگىنلەش ئۈنۈمى ئەنئەنىۋى دورىدا داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمىگە ئوخشاش بولدى. لېكىن ئوكۇل سېلىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان بىمارلاردا تېخىمۇ كۆپ ئەكس تەسىر كۆرۈلىدۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئوكۇل سالغان ئورۇننىڭ ئەتراپى ئاغرىش.

گەرچە بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئۈمىد ئىنتايىن زور بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەش ئۈچۈن تېخى خېلى ئۇزۇن مۇساپە بار. ئەمما تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ 2020-يىلدىن بۇرۇن رەسمىي بازارغا سىلىنىشتا ئۈمىد باركەن. بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىشتە ھازىرمۇ بىر قىسىم توسالغۇلار بار. مەسىلەن، بۇ خىل دورا بۇ دورا سوغۇق ساقلىنىشى كېرەك، ئىللىق كىلىمات رايونىدا ياشايدىغان توڭلاتقۇسى يوق بىمارلار ئۈچۈن بۇ چوڭ بىر مەسىلە. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.