مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1346 رەت   / مەنبە: ئەرقال تورى

تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كۆزىتىش ئارقىلىق روھى ھالىتى ئۇزۇن مەزگىل ياخشى بولالمىغان ئادەملەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارنىڭ كۈنسايىن تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنداق ئادەملەرنىڭ روھى ھالىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلمىسە ئۇلار ئاستا-ئاستا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.  


بۇ قارىشىنى دەلىللەش ئۈچۈن مەخسۇس  تەجرىبە ئىشلەنگەن بولۇپ تەجرىبىگە 75 ئادەم قاتناشقان .بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 30 نەپىرى روھى بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقانلار قالغان 45 نەپىرى نورمال ئادەملەردىن تەشكىللەنگەن . تەجرىبىدە تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىلاردىن بىر قاتار سانلارنى ئەستە ساقلىشىنى تەلەپ قىلىپ  كەينىدىن قانچىلىك  ساننى ئەستە ساقلىۋالغانلىقىنى سورىغان.تەجىرىبە نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە روھى ھالىتى نورمال قاتناشقۇچىلار تېخىمۇ كۆپ ساننى ئەستە ساقلىۋالغان.


ئالىملار بۇ تەجرىبىدىن يەنە ھەر تۈرلۈك ئاغرىق  مەنبەلىك  ئازابلا ئەمەس يەنە  ئىشلارنى دائىم يامانغا بۇراپ ئويلاشتىن پەيدا بولغان كەيپىيات ناچارلىقىمۇ ئۇزۇنغا داۋاملاشسا ئادەمنى ئۇنۇتقاق قىلىپ قويىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئىشلارنى يامانغا بۇراپ ئويلاش كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ  بىراق ھە دېسىلا ئىشلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى خىيال قىلىپ ئۆزىنى بىئارام قىلىش ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشقان تەقدىردە روھى ئازاب  پەيدا قىلىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە دائىملىق  روھى ئازاب تاشقى ئامىللارنىڭ غىدىقلىشى بىلەن كۆرۈلگەن كۆڭلىدىكى بىئارامچىلىقلارنى  سۆزلەپ چېقىرۋەتمەي ئىچىدە ساقلىۋالدىغانلاردا كۆرۈلدىكەن. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.