مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى05-ئاينىڭ07-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1920 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

خەلقارا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئاپپاراتى خېلى بۇرۇنلا ھاراق بىلەن ئۇنىڭ ئىپتىدائىي ھاسىلاتى تولۇئالدېگىدنى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار قاتارىغا قوشۇپ بولغان. مەيلى ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ تېنىدە بولسۇن، ئۇنىڭ راك پەيدا قىلىش خەتىرى يەنىلا ئىنتايىن زور، بىراق كىشىلەر «جىگىرىڭ ياخشى بولسا، ھاراقنىڭ راك پەيدا قىلىش ئىقتىدارى ھالاك بولىدۇ» دەپ كەلدى، بىراق يېقىندا تاماملانغان تەتقىقات ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھاراق پەيدا قىلغان راك كېسىلى جىگەر راكى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، يەنە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، نەپەس ئېلىش سىستېمىسى ۋە تېرىنىمۇ راكقا مۇپتىلا قىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

مۇتەخەسسىسلەر 486 مىڭ راك ئاغرىقىنىڭ داۋالىنىش خاتىرىسى بىلەن تۇرمۇش ئادىتىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى:

ھاراق ئىچمەيدىغان ۋە ئازراق ئىچىدىغان ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقى راكى، بۇرۇن، كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى 5.13 ھەسسە، قىزىلۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى 4.9 ھەسسە، تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى 1.4 ھەسسە، كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى 2.6 ھەسسە، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 1.6 ھەسسە، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى 1.3 ھەسسە، جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى2.07 ھەسسە، دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 2.6 ھەسسە، ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 1.5 ھەسسە، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 1.9 ھەسسە كۈچلۈك بولىدىكەن.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.