نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر كېچىدە جىددىي قوزغىلىپ قالىدۇ، دوختۇر بولمىغان شارائىتتا ئائىلىدىكى كىشىلەر كېسەل ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىشى زۆرۈر.
يۈرەك مەنبەلىك زىققا قوزغىلىپ قالغاندا ياستۇقنى ئېگىز قويۇپ، بىمارنى يۆلەندۈرۈپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئىككى پۇتىدىن تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ قويۇپ، دەرھال ئىككى پۇت، بىر قول ياكى ئىككى قول بىر پۇتىنى كەڭرەك تانا بىلەن ھەر بەش مىنۇتتا بىر قېتىم نۆۋەت بىلەن باغلاڭ، شۇنداق قىلغاندا يۈرەككە قۇيۇلىدىغان قاننى ئازايتقىلى بولىدۇ-دە، يۈرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
مېڭىگە قان چۈشۈش ئالامىتى كۆرۈلگەندە بىمارنى تۈپتۈز ياتقۇزۇپ، ھەرگىز مىدىرلاتماڭ، بىمارغا ۋارقىراپ گەپ قىلماڭ، دوختۇرخانىغا ئاپارغىچە مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىڭ.شۇنداق قىلغاندا كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
يۈرەك سانجىقى قوزغىلىپ قالغاندا بىمار ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك، دەرھال نىتروگلىتسېرىن تابلېتىنى تىلىنىڭ ئاستىغا قويۇپ شورىتىش بىلەن بىللە شى شياڭ باۋشىنۋەن كۇمىلىچىنى ئىچكۈزۈش كېرەك.
ئۆت سانجىقى قوزغىلىپ قالسا، بىمارنى تۈپتۈز ياتقۇزۇپ، ئىسسىق سۇ قاچىلانغان گرېلكىنى قورساقنىڭ يۇقىرى ئوڭ تەرىپىگە قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، بارماق بىلەن بىمارنىڭ ئىككى پۇتىدىكى زۇسەنلى پەللىسىنى بېسىڭ، شۇنداق قىلغاندىلا بىمارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى ئازراق يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قوزغالغاندا سۇ ئىچكۈزمەڭ ھەمدە بارماق بىلەن زۇسەنلى ۋە خې گو پەللىلىرىنى بېسىڭ. شۇنداق قىلغاندا ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.