مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى10-ئاينىڭ04-كۈنى  كۆرۈلىشى: 516 رەت   / مەنبە: نۇر تورى

ئادەتتە كىشىلەر خورەك تارتىش كېسەللىك ئەمەس، پەقەت باشقىلارنىڭ ئۇخلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەت ئەللىكلەر بۇنى كېسەللىك دەپ قارىماقتا. 1985-يىلى پارىژدا دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم خورەك ئۈستىدە تەتقىقات يىغىن ئېچىلدى، بۇ ئۇخلىغاندا خورەك تارتىش ۋە ئاچچىقلىنىشلارنىڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە خورەك تارتىشقا كۈندۈزى ئۇيقۇسىراش، روھسىزلىنىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، قان بېسىمى ئۆرلەش ھەتتا يۈرەك سوقۇشتىن توختاش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېيجىڭ شەھەرلىك دوختۇرخانا قۇلاق، بۇرۇن، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى خورەك تارتىش بىلەن نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش بىرلىشىپ كەتكەن كېسەللىكلەرنى داۋالاشنى باشلىدى، بەزى بىمارلار داۋالىنىشتىن ئىلگىرى كۈندۈزى ئۇيقۇسىراپ، ھەتتا خىزمەت قىلىۋېتىپ ياكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ ئۇخلاپ قالغان. ئۇلاردا ماغدۇرسىزلىق، روھسىزلىق، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، بېشى ئاغرىش، بېشى قېيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، داۋالانغاندىن كېيىن ياخشىلىنىپ كەتكەن.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.