مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى06-ئاينىڭ12-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2099 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەت ئىچىدە دولانا چېيى ئىچىپ بەرسە، ھەزىم قىلىشنى تېزلەتكىلى، شۇنداقلا ئۇرۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، بىراق ئاچ قورساق ئىچىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. كۈندە بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە ئىچسىلا بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل چاي ئاشقازىنى ناچار كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ماش كەلمەيدۇ.

دەملەش ئۇسۇلى: دولانا يوپۇرمىقىدىن 500 گرام، قۇرۇق نېلۇپەر يوپۇرمىقىدىن 200 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن 200 گرام ئېلىپ تالقانلاپ، ئۇنى ئونغا بۆلۈپ كۈندە بىر بۆلەكنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

سەبدەگۈلنىڭ توكسىن ھەيدەش ئۈنۈمى ياخشى، ئۇچقاتنىڭ ئورۇقلىتىش رولى بار، شۇڭا بۇلارغا دولانانى ماسلاشتۇرۇپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئورۇقلاش ۋە توكسىننى ھەيدەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

دەملەش ئۇسۇلى: دولانانى سوقۇپ، سەبدەگۈل بىلەن ئۇچقاتقا قوشۇپ چاي دەملەپ ئىچسىلا بولىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.