11-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تۇدۇڭخابا رايونلۇق مەركىزى دوختۇرخانا، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، داۋانچىڭ رايونلۇق مەركىزى دوختۇرخانا قاتارلىق 4 دوختۇرخانىدا بىر تۇتاش ھالدا ئاساسلىق بولمىغان دورىلارنى «نۆل باھا پەرقى» دە سېتىش يولغا قويۇلغان. بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن داۋالىنىش خىراجىتى سۇغۇرتا دوختۇرخانىلىرى دائىرىسىدىكى مەزكۇر 4 دوختۇرخانىدا داۋالانغاندا، دورىلارنى زاۋۇت باھاسىدا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.