«كانادا بىيونىكىلىق ئەينەك تەتقىق قىلىپ چىقتى، 10 سېكۇنتتا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ»، «2017-يىلىغا بارغاندا دۇنيادا يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كۆز قالمايدۇ» دېگەن خەۋەرلەر ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقىلىشقا باشلاپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، لازېر نۇرلۇق ئوپېراتسىيە قىلىشقا پېتىنالمايۋاتقان كىشىلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كانادادىكى بىر شىركەت يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «Ocumetic» ناملىق بىيونىكا ئەينەك تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا 2017-يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن. بۇ خىل بىيونىكىلىق ئەينەك ئوكۇل سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆزگە كىرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 10 سېكۇنتتىن كېيىن، بۇ خىل ئەينەك كۆز قارىچۇقى ئىچىدە كېڭىيىپ، ئەسلىدىكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى 1.0 دىن ئىككى ھەسسە ياخشىلىيالايدىكەن.
بۇ ماقالىنى ئەڭ دەسلەپتە «ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە، كانادا Ocumetic پەن-تېخنىكا شىركىتى 3 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 8 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، Ocumetic بىيونىكىلىق ئەينەكنى تەتقىق قىلىپ چىققان ئىكەن.
ئالاقىدار خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن جەريانغا 8 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن، ھەمدە ناركوز قىلىش ئوكۇلى ئۇرۇش ھاجەت ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭدىكى سىرت مەزكۇر ئەينەكنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ھېچقانداق ئەكس تەسىرى بولماي، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.