Yalghuzluq

كۆزۈم ئۇيقۇغا بېرىشىغا بېشىمدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى. قىززىق بازاردا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ۋارا-چۇرۇڭىغا ئوخشايتتى. لېكىن، كىملەرنىڭ نىمە دەۋەتقانلىقىنى بىلەلمىدىم.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتەي دىدىميۇ مىدىرلىيالمىدىم. پۇت-قۇلۇمدا ماغدۇر دىگەن نەرسىدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى.  ئالدىنقى قېتىممۇ بىر نەچچە قېتىم مۇشۇنداق بۇلۇپ قېلىپ تىۋىپقا كۆرۈنسەم تۇمۇرۇمنى تۇتقاندىن كىيىن نىرۋىڭىز زىيادە ئاجىزلاپ كىتىپتۇ. شۇڭا جىن ھەپىلىشىپ قاپتۇ.كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرماڭ ! ھەم سىزنى بىئارام قىلىۋاتقان بىر ئىش باردەك قىلىدۇ. ئارتۇق ئىشلارنى ئويلىماڭ ! دىگەن ئىدى.

يەنە ئاشۇ جىنلارنىڭ غەلۋىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ كىتىشگە قانچە ئۇرۇنغانسىرى پۇت-قۇلۇم شۇنچە جانسىز بۇلۇپ كەتتى. مىڭەم ۋاژىلداپ ياغدەك قايناتتى. پۈتۈن بەدەنلىرىم سىقىراپ ئاغرىپ كەتتى. تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان بىرخىل قورقۇنۇچتا يۈرۈگۈم دۈپۈلدەپ سېلىپ كەتكەن ئىدى. خېلى ئۇرۇنغان بولساممۇ ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم. رازىيە ! رازىيە دەپ ۋارقىرىدىم. ئۇنى يېنىمدا باردەكلا ھېس قىلاتتىم. ھېچكىم نىمە بولدى دەپ يېنىمغا كەلمىدى. ئۆزۈمنىڭ نەدە ياتقىنىمنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم. بۇ قېتىم راسلا ساراڭ بۇلۇپ قالىدىغىنىمغا ئىشەندىم.

قاياقتىندۇر ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئەزان بىلەن تەڭ كاللامغا ئايىتەلكۇرسىنى ئۇقۇش ئىسىمگە كىلىپ ئاياققا چۈشۈرشۈمگە پۇت-قۇلۇم بۇشاپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەمدەك ماغدۇرۇم قالمىغان ئىدى. ئەتىراپقا قارىدىم نەرازىيە نە باشقا ئادەم بولسۇن ! مەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سەرگەردان مۈشۈكتەك يالغۇز ياشاپ كىلىۋاتقان ئۆي شۇ ئىدى.
دېرىزىنى ئېچىپ پەسكە قارىدىم يولدا ماشىنىلار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بىنالارنىڭ چىراقلىرى يۇلتۇزلاردەك جىمىرلاپ تۇراتتى. جىمى ئادەم قىزغىنلىققا، شاد- خۇرامىلققا چۆمگەن ئىدى. كىملەردۇر بالىسى بىلەن يەنە بەزىلەر ئايالى، ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئوينىشىۋاتاتتى، چاق-چاقلىشىۋاتاتتى. ئۇلاردا يالغۇزلۇق، غېرىپلىق دىگەنلەرنى بايقىغىلى بولمايتتى.
ئۆي ئىچى گۆرۈستانلىقتەك قاراڭغۇ، تىپ-تىنىچ ئىدى. كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردۇم، تامغا رازىيە يازغان بىرپارچە شىئىرنى چاپلاپ قويغان ئىدىم. شىئىرغا قاراپ ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلىۋەتتىم.

مىنىڭ گۇناھىم نېمە ؟ سىنى كۆرۈپ قالغانلىقىم، تۇنۇپ قالغانلىقىم گۇناھمۇ ؟ ئەمما كۆڭلۈمنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدا مىنىڭ ھەقىقەتەن سەۋەنلىكىم يوق ! باشتىلا مەن ئۆزۈمنى جېق قاچۇرغان! نەسەب، مال-دۇنيا، ئابروي جەھەتتىن سىنىڭ ئائىلەڭگە مەڭگۈ تەڭلىشەلمەيدىغانلىقىمنى بىلگەندىلا كۆڭلۈمنى تىزگىنلىگەن ئىدىم. ئەمما ياراتقۇچىنىڭ نىمە ھىكمىتى باركىن مەن قاچۇرغانسىرى شۇنچە باغلاندى. يۈرۈگۈمنى قاپتەك قىلىپ ساڭا ئېغىز ئاچتىم ھەتتا ماقۇل دىسەڭلا قانچىلىك دىسەڭ شۇنچىلىك ساقلايمەن دېدىم. ئەمما ئاخىرى ساڭا ئەھۋال ئېيتقۇدەكمۇ يول قالدۇرمۇدۇڭ !
بىر يىل بۇلۇپتۇ مانا مۇشۇنداق مازاردىكى شەيىختەك ياشاۋاتقىلى، تۇلا خىيال قىلىپ مىڭەمدىن كىتەي دىدىم. ھازىرغا كەلگەندە سەندىن ئۈمۈدۈممۇ قالمىدى. ئۇزۇنغا بارمايلا ئۆزۈمنىڭ ساراڭ بۇلۇپ قالىدىغىنىمغا ئىشىنىپ قېلىۋاتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئەزان ۋاقتىغا توغرا كەلمىگەن بولسا بۇ قېتىم ئورنۇمدىن ساراڭ بۇلۇپ تۇراتتىم.  ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىنى ساراڭ بۇلۇپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىساڭ بلوگىمغا ياكى يەتتە قىزلىرىمغا كىرىپ قاراپ باقارسەن شۇۋاقىتتا نىمىشقا ساراڭ بۇلۇپ قالغىنىمدىن خەۋەر تاپالايسەن !

بۇ كىچە زادى بەرداشلىق بىرەلمەيدىغاندەك قىلاتتىم. ساپما كەشنى كىيىپلا پەسكە چۈشۈپ ماشىنىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۈيى تەرەپكە ماڭدىم. ئۇنىڭ ئۈيىدە يوقلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن ماڭا بىردىن بىر تەسەللى ئىدى.
چوڭ يولغا چىقىشىمغا رادىئودىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ «ئۇنىتالمىدىم» دىگەن ناخشىسى چىقىشقا باشلىدى.

دىلرەباھىم كۆزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
بال ھەسەلدەك سۆزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
بۇ ھىجرانىنى يۈرەگىمگە سېلىپ كەتكەن
شۇ جىلۋىگەر يۈزلىرىمنى ئۇنتالمىدىم

ئېتىلالماي تۇرغان يۈرەككە بۇلۇپ بەردى ماشىنىنى يولنىڭ ياقىغا توختىتىپ بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىردىم رولغا مۇشتلىدىم. بېشىمنى ئۇردۇم

خازان بولدى سىنى باغلا كۈرەلمەستىن
تاڭ شامىلى ساچلارىڭنى سۈيەلمەستىن
تولغىنىمەن نەقىلارىم بىلەلمەستىن
گۈل زىبايىم بويلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم

ئاسىي يۈرۈگۈمگە نەچچىنى مۇشتلىدىم، كۆينىكىمنى سېلىپ تاشلاپ تاتىلىدىم، ئۆچۈڭ نېمە ؟ ئاچچىقىڭ نېمە ؟ مىنى قىيناشقا ھەققىڭ نىمە ؟ ھەممىگە چىدايمەن . لېكىن سىنىڭ ئاغرىپ كىتىشىڭگە چىدىمايمەن. نەچچە قېتىم بەرداشلىق بىرەلمەي مۇشۇ ئاغرىغانچە جېنىم چىقىپ كەتكەن بولسىچۇ دەپ قالدىم. چىدىغۇسىز ئاغرىيسەنۇ يەنە ساق قالىسەن. مەقسىدىڭ داۋاملىق مىنى قىيناش بولسا كېرەك ! ئۆزۈڭ ئاغرىيسەن لېكىن يۈرەك ئاغرىشنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ئۆزۈڭ بىلمەيسەن !

توختىمايدۇ يامغۇرلىرى نادامەتنىڭ
گۈلى سۇلدى ئېچىلماستىن ساداقەتنىڭ
يىگانىمەن چۆللىرىدە مۇھەببەتنىڭ
ئىزىڭ قالغان يوللىرىڭنى ئۇنتالمىدىم

ئادەم پەلەكنىڭ ئالدىدا بىر ئۇيۇنچۇق ! كۆڭۈل بەرمەسلىككە تىگىشلىك بولغىنىغا كۆڭلۈڭ كىتىدۇ تۇتۇپ قالالمايسەن. ئۇنتۇشقا تىگىشلىكنى ئۇنتۇماقچى بۇلىسەن ئۇنتىيالمەيسەن ! بىر قېتىم جامالىنى سەدىقە ئورنىدا سورايسەن ! كۆرەلمەيسەن !
ئەي رەببىم ساڭا ئاسى بولغۇم يوق ! كۇپىرى سۆزلەپ قېلىشتىن قورقىمەن. ئەمما يۈرۈگۈمنىڭ غالجىرلىقى تۇتقاندا ئۆزۈمنى باشقۇرالماي قالىمەن. مىنى ئەپۇ قىلغىن ! مىنىڭ مۇشۇنداق ئازاپ ئىچىدە ياشىشىمنى سەن راۋا كۆرگەن بولساڭ ئۇنى ماڭا مەڭگۈ نىسىپ قىلمىغىن ! يۈرۈگۈم كۆيۈپ كاۋاپ بولغۇچە سەۋىر قىلىمەن !
ئۇرۇندۇقنى كەينىگە قۇيۋېتىپ كۈزۈمنى يۇمۇپ بىردەم تىنىچ ياتتىم. ئىچىم خېلى بۇشاپ قالغان ئىدى. كۆينىكىمنى تېپىپ كەيدىم لېكىن مەيدەمدىن قان تەپچىرەپ چىقىشقا باشلىدى. كۆينەكنى ئۆرۈپ قارىسام يۈرۈگۈمنى تاتىلاپ قان قىلىۋېتىپتىمەن ! بەلكىم ئېچىشىپ كەتكەندۇ لېكىن ئىچكى ئاغرىقنىڭ ئالدىدا سىرتقى ئاغرىق بىلىنمەيدىكەن .
ماشىنى كەينىگە ياندۇرۇپ قايتىپ كەلدىم.

يازما ئاپتورى:

ھېچكىمنىڭ قۇرت-قوڭغۇزدەك نام-شىانسىز ياشاپ ئۆلۈپ كەتكۈسى بولمىسا كېرەك. يازغانلىرىم قەلبداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلالىسىكەن دەيمەن. . . يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىن كۆرەلەيسىز. ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 4 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. پاراسەت
    ۋاقىت: 2013- يىل 2- ماي 00:10 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئازاب ئادەمنىڭ ئارزۇ قىلغانلىرىغا ئېرىشەلمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدىكەن.ۋاز كېچىش پەلسەپىلىرىنى شۇنچە يادلىساممۇ ،يەنە بۇ پەلسەپە ئەمەلىيىتىمگە چىقالماي،مېنى شۇنچىلىك بىئارام قىلماقتا.ھەر قېتىم شۇنچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولغانلىرىدا،ئۆزۈم بىلەن سائەت-سائەتلەپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن.بىر چاغ بولغاندا ئېسىمنى يىغىپ ،«سەۋر قىل كۆڭلۈم،چىدا يۈرىكىم….»دېگەنچە ئىشىمغا كىرىشىپ كېتىمەن.

  2. ئۇيغۇرقىزى
    ۋاقىت: 2012- يىل 16- ئىيۇن 16:44 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    زوقلۇق :lol: :lol: :lol: :lol:

  3. ئۇيغۇرقىزى
    ۋاقىت: 2012- يىل 16- ئىيۇن 16:43 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    زوقلۇق

  4. ۋاقىت: 2012- يىل 10- ئىيۇن 21:52 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    يازمىلىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇردۇم ، بولسا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشساق ؟سىزمۇ بلوگىمغا كەپ تۇرسىز !

جاۋاب بىلنۇر

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*