ياننىنىڭ مۇزىكىللىرىنىڭ سىھرى كۈچى ئۇنىڭ ھەربىر مۇزىكىسىنى تەبىئەتكە باغلىۋەتكەنلىكىدە. ئۇنىڭ ھەربىر مۇزىكىسىنى جاھاننىڭ شاۋقۇن-سۆرەنلىرىدىن ئۈزىڭىزنى تارتىپ، مۇزىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ ئاڭلىغىنىڭىزدا قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى، دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇن-دولقۇلىرىنى، دەرەخ يۇپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرىنى، بۇران، يامغۇر، مۆلدۈر ھەممسىنى ھېس قىلالايسىز. مۇزىكىنى تىڭشاشقا تىل كەتمەيدۇ قەلب كىتىدۇ. سىزدە بىر قۇشقاچنىڭ سايرىشىدىن ئۇنىڭ نالە قىلغىنىنى ياكى كۈيلەۋاتقىنىنى ھېس قىلالىغۇدەك قەلب بولمىسا مۇزىكا ئۇ پەقەت ناغرا-سۇناينى قۇرۇق تاراڭلىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
نىمىشقا مۇزىكا كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ، روھى كىسەللەرنى داۋالايدۇ دەيدۇ ؟ چۈنكى، مۇزىكا ئۇ خۇددى خىيالغا ئوخشاش تۇسالغۇسىز جىسمىڭىزغا سىڭىپ كىرىپ ھەربىر ھۆجەيرىللىرىڭىزنى ئويغىتىپ مۇزىكىغا سىڭدۈرۋەتكەن تەبىئەت دۇنياسىغا تارتىپ چىقىپ كىتىدۇ ياكى تەبىئەت دۇنياسىنى ھەربىر ھۆجەيرىڭىزگىچە باشلاپ كىرىدۇ. ئۇ خۇددى خوش-خەۋەرگە ئوخشاش نىرۋىللىرىڭىزنى جانلاندۇرالايدۇ. ناخشىنىڭ تەسىرى ئىختىيارى بۇلىدۇ. نىمىگە دەۋەت قىلغىنىنى، نىمىنى كۈيلىگىنىنى ھېس قىلالايسىز چۈنكى ئۇ سىز بىلدىغان تىل بىلەن دەپ بىرىدۇ. ئەمما، مۇزىكنىڭ تەسىرى ئىختىيارىسىز بۇلىدۇ. تەسىر قىلىش، ياكى قىلماسلىقنى بەلگىلىيەلمەيسىز. خۇددى پىژغىم ئىسسىقتا تۇرۇپ ئىسسىقلىغۇم دىسىڭىزمۇ قىززىپ كىتىۋاتقاندەك.
مۇزىكا توغۇرلۇق مۇنداق بىر ھىكايىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
مەشھۇر ئېمپىراتۇر زۇلقەرنەيىننىڭ مۇڭگۈزى بارئىكەن. بۇنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. بىركۈنى چېچىنى چۈشۈرۈشكە ساتىراچ چاقىرىپتۇ، ساتىراچ چېچىنى چۈشۈرۋېتىپ مۇڭگۈزى بارلىقىنى بايقاپ قاپتۇ. ئىسكەندەر ناۋادا بۇ سىرنى باشقىلارغا ئېيتىپ قويسا بېشىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. لېكىن بۇ ساتىراچ بۇ گەپنى ئىچىگە پاتتۇرالماي بەك دىگۈسى كەپ كىتىپ جاڭگالغا كىرىپ بىر قۇدۇققا بېشىنى تىقىپ تۇرۇپ «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بارئىكەن» دەپ توۋلاپتۇ. بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىدىن كۆكلەپ چىققان قۇمۇشتا بىر پادىچى نەي ياساپ چېلىپتىكەن ئاھاڭدىن« ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بارئىكەن» دىگەن ئاھاڭ چىقىپ باشقىلار بىلىپ كىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سىر، سىر بولماي قاپتۇ . بۇ ھىكايىدىمۇ بىرى باشقىلارنىڭ سىرىنى ساقلاش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرسە يەنە بىرى مۇزىكا تىلىنىڭ كۈچىنى جانلىق تەسۋىرلىگەن بۇلىشى مۇمكىن.
ئەگەر سىرىمنى باشقىلار بىلىپ كەتمىسۇن دىسىڭىز ئۆزىڭىزدىن باشقىلارغا ئاشكارلىماڭ ! ئاشكارلىغان ئىكەنسىز يېيىلىپ كەتكەندە سىرىمنى ساقلىماپتۇ دەپ خاپا بولماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئىچىگە پاتمىغان ئۆزىڭىزنىڭ سىرى، ياتنىڭ قۇرسىقىغا قانداقمۇ پاتسۇن !
«قەلب سىزىمى ئۇ دەل تەبىئەت تىلىدۇر(روھچىن)»
….
….
….
….
….
….
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم