چىمەنىستان ℃906
شېئىر ھەرقانداق ئىنساننىڭ قايسى مىللەت، قايسى ئىرق، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ۋۇجۇدىدا تەبىئىي بولىدىغان، ئۆچمەس ۋە كۆمۈلمەس سېھىرلىك سۆيگۈ. ئۇ ھەر ۋاقىت ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
بىراق، شېئىرنى ھېس قىلىش، ۋۇجۇدىدىن قېزىپ چىقىش، ئۇنى ئىپادىلەش، تەپەككۇر ئالىمىدە رەڭ بېرىپ روياپقا چىقىرىش شائىرلارنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش.
ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىرىي تۇيغۇ بارلىق ئىنسانىيەتتە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
مەيلى شائىر بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى ئادەملەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئادەم. ئادەم دېمەك−شائىر دېمەكتۇر.
شائىرلار پەقەت ئاشۇ ئادەملەر ئارىسىدىكى مەۋجۇتلۇق بىلەن خىيالەن سۆزلىشىدىغان، ۋۇجۇدىنى ئوت قاپلىغان، قەلبىدە گۈزەللىك ئالىمىنىڭ دولقۇنلۇق دېڭىزى مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدىغان، روھىي ئالىمىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئالەم، ھايات ھەققىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن چۇقانلارنى ئەڭ نازۇك، ئەڭ تاتلىق، ئەڭ شېرىن مۇزىكىلىق تىل بىلەن گۈلدەستە تىزغۇچىلاردۇر.
شېئىر شائىرلارنىڭ گۈزەللىك ئالىمىگە تويۇنغان روھىي بۇلاقلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان زەمزەم. ئۇ قاغجىرىغان قەلب چۆللۈكىدە گۈل-چىمەنلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شائىرلاردىن مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئارىسىدىن بىرسى چىققىنىدەك، مىڭلىغان شېئىرنىڭ ئارىسىدىن ياخشى شېئىردىن بىرنەچچىسى چىقىدۇ.
چىمەنىستان
چىمەنگۈل ئاۋۇت
چىلانرەڭلىك تورۇق ئاتنى مىنىپ كەلسەڭمۇ نە ھاسىل ؟
بولالمايمەن مانا ئەمدى سېنىڭ ۋەسلىڭگە مەن نائىل .
كۈنۈم ئۆتكەندە يامغۇرلۇق ئۈنۈمنى باقمىدىڭ ئاڭلاپ ،
بىلەلەيسەن سېغىنچىمنى ھايات بولساڭلا ، ئەي ئاقىل .
مېنىڭ قەھرىمگە رەڭداشتۇر ھىدىمنى سەزمىگەن شۇ يول ،
يۇشۇرمايمەن ، نېسىپ بولماس ماڭا ھابىل ۋە يا قابىل .
قىلىچلاپ ئۆز تېنىمنى ، ئاھ ، قوياشنى ئەيلىسەم سەۋدا ،
بىراق شۇ دەمدە زەنجىرلەپ دىمەس ھېچكىم مېنى قاتىل .
سۆيۈلگەن ، سۆيگىنىم راستتۇر ئۆمۈرلۈك قىسمىتىم بىرلە ،
قالارمەن ئەسلىنىپ شەكسىز چىمەنلىكتە، خۇدا ئادىل.
خاراب ئەتكىن
سۇغۇردۇڭ تەنۇ جانىمدىن جېنىمسەن ھىجرۇ كۈلپەتنى ،
ئاياغىڭغا پايانداز بىل مېنىڭدەك مىھرى غوربەتنى .
مېنى ئوت-چۆپ بىلىپ چەيلە بىرەي نالەمنى شەبنەمگە ،
ئېتىڭنىڭ كىشنىشى بىرلە بىلەيكى مىسلى بەركەتنى .
كىلىپ ئۇرغىن قىرىق قامچا قىرىق بىرتال چېچىم كۆيسۇن ،
ئۇزاق يىل كۈتكىنىم راستۇر مىسالى بىر پىراق دەرتنى .
ئاناڭ بەرگەن قىلىچ ئۆزرە بىسىدا بىرلا تال قىلمەن ،
چاناپ ئۆتكىن قولۇڭدا ئاھ خاراب ئەتكىن قاباھەتنى .
بوسۇغام ئالدىدا توختاپ ئەزىزىم دەسسىمە يەرگە ،
تۇتاي باغرىمنى سەن چۈشكىن بىلەي مەنمۇ پاراغەتنى
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم