chush selish

ئەسما كەينىڭىزگە يېنىڭ ! چۆكۈپ كىتىسىز، سۇ بەك چوڭقۇر ھەم جېقكەن، يېنىپ كىلىڭ!
ئەمما ئەسما كەينىگىمۇ قاراپ قويمىدى، ئاۋازىمنى ئاڭلىمىدىمۇ يا ئاڭلىسىمۇ پەرۋا قىلمىدىمۇ بىلمىدىم.
ئالدىدىكى چەكسىز كەتكەن دېڭىزسۇيىگە ھۇشۇقىغىچە كىرىپ قاراپ تۇرغان ئەسمانىڭ ياغلىقىنى شامال يىنىك يەلپۈپ تۇراتتى. ئەسما  ئالدىدىكى دېڭىزدىن بىرەنەرسىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقاندەك كۇزى چەكسىز دېڭىزنىڭ چېتىگە قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى. دېڭىزنىڭ سۈيى سۈپ-سۈزۈك بولسىمۇ يا تەكتى يا چېكى كۆرۈنمەي ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرەتتى.


يېنىغا بېرىپ قۇلىدىن تارتىپ ياندۇرۇپ كەلمەكچى بۇلۇپ ئالدىمغا بىر قەدەم ئېلىشىمغىلا پۇتۇم قاپ-قارا لاۋىغا پېتىپ قالدى.  نەگە دەسسىسەم شۇيەرگە پېتىپ قېلىۋالاتتى. ئۇياق بۇياققا مېڭىپمۇ باقتىم يەنىلا ئوخشاش بار ئاۋازىم بىلەن  چاقىرىپ باقتىميۇقۇلىقىغا كىرگەندەك ئەمەس.  ئۇنى ھازىر ياندۇرۇپ كىلىۋالمىسام مەڭگۈ ئايرىلىپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا بۇلۇپ تىپىرلاۋاتاتتىم.
كەيپىم ناھايىتى ناچار تۇردۇم باشقا سەۋەپتىن ئەمەس كىچىدە كۆرگەن ئاشۇ چۈشنىڭ تەسىردىن ئىدى. ئەسما بىرنەچچە قېتىم ئۇچۇر يازغان بولسىمۇ جاۋاپ قايتۇرمۇدۇم. ئۇمۇ كىچىدىن كۆرگەن چۈشۈمنىڭ نەتىجىسىنى بىلەلمەي تەقەززا بۇلاۋاتاتتى. دەي دىسەم ئىنىقلا ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇردا اللە تەرپىدىن سېلىنغا بىر توسمىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلايتتىم. دىمەي دىسەم ئۇنىڭغا بىر جاۋاپ بىرىشىم كىرەك.
اللەنىڭ ئىرادىسى ھامان ئادەم ئويلىمىغان يەردىن چىقىدۇ. مەن ئۇنى يېنىمغا ئەكىلەلمەي، ھايات سەپىرىمىزنى بىريولغا ئەكىرەلمەي ئاۋارە ئىدىم. ئەمما اللە بولسا ئىككىمىزنى ئايرىپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈپتۇ. شۇنداقلا بۇ ئىشنى ماڭا بىشارەت قىلىپ يەتكۈزۈپتۇ. باشقا ۋاقىتتا ئەمەس ئۇنىڭ ئىككىلنىۋاتقان ئىشىغا ئىستىخارە قىلىپ بەرمەكچى بۇلۇپ چۈش سالغاندا يەتكۈزۈپتۇ.
ئىنسان نىمىلەرنى ئارزۇ قىلمايدۇ، نىمىلەردىن مەھرۇم قالمايدۇ. ئۈزۈمنى خۇددى بېشىدىن مەھكەم باغىلىنىپ، مەجبۇر سۆرەپ مېڭىلغان تايچاققا ئوخشاتقۇم كەپ قالدى. مىنىڭچە بولغاندا ئۇنى ئەشۇ چەكسىز دېڭىزئالدىدىن ياندۇرۇپ كەلگۈم بولمىسا ئەشۇ دېڭىزغا بىللە چۆككۈم بارئىدى.
اللەنىڭ ماڭا بەرگەن بىشارىتى باشقىلارنىڭ ئامانىتى، باشقىلارنىڭ تەقدىرى. بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلسام اللەنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلمىگە خىيانەت قىلغان بۇلىمەن، لېكىن يۈرۈگۈمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىۋاتاتتى. ئوتتۇرمىزغا توسمىنى ئۆزۈم سالىمەنمۇ؟ ئىككىمىزنىڭ تەقدىرىمىزنىڭ قۇشۇلمىغىننى مۇشۇ ئېغىزىم بىلەن دەيمەنمۇ ؟ ئەقىل بىلەن ھېسيات ئوتتۇرسىدا ياڭاقچىلىك بۇ يۈرەك يانچىلىپ كىتىۋاتاتتى.
ئاخىرى چۈشنى ئۆزپېتى يەتكۈزۈش لېكىن تەبىرىنى يەشمەسلىك قارارىغا كەلدىم.
-سىز سۇلىرى سۈپ-سۈزۈك، چەكسىز كەتكەن بىر دېڭىزنىڭ ئالدىدا ھۇشۇقلىرىڭىزغىچە سۇغا كىرىپ دېڭىزغا قاراپ تۇرۇپسىز.
-ۋاھ سۈزۈك سۇنى ئىلىم دەيدىكەن نىمە دىگەن ياخشى يەنىچۇ
-مەن تەخمىنەن 50 مىتىر كەينىڭىزدە تۇرۇپتىمەن، سىزنى ئالدىغا ماڭسا سۇغا چۆكۈپ كىتەتتى ياندۇرۇپ كەلسەم بۇلاتتى دەپ چاقىرىپ توۋلاپ كەتتىم ئەمما سىز قاراپمۇ قويمىدىڭىز
-مىنى ياندۇرۇپ نىمە قىلاتتىڭىز مەن ئاشۇ چەكسىز كەتكەن ئىلىمگە پەرۋانە مىنى ھېچكىم ياندۇرالمايدۇ. تۈگۈدىما ؟
-ئاۋازىمنى ئاڭلىتالماي ياندۇرۇپ كەلمەكچى بۇلۇپ يېنىڭىزغا ماڭسام پۇتۇم لايغا پېتىپ قېلىپ ماڭالمىدىم.
-ئەسلى سىزدىن يىراق تۇرسام بۇلىدىكەندە
بۇ گەپنى ئاڭلاپ پىشانەمدە بىر نەچچە تەرتامچىسى پەيدا بولدى، مەن ئەنسىرگەن ئىش، ئەنسىرگەن گەپ دەل مۇشۇ ئىدى. ئەپسوس مەن يەشمىسەممۇ يىشىلدى.
پىچاق ئالدىغا ئۈزى كەلگەن قوچقاردەك، ئۆلۈم خېتىنى كۈتۈرۈپ كەلگەن سېيت نوچىدەك ئۆز يۇلۇمنىڭ دەرۋازىسىنى ئۆزۈم ئەتتىم. نە ئامال اللەنىڭ ئەمىرى شۇنداق ئىكەن خىيانەت قىلىپ بولمايدۇ.
-توغرا ماڭا يېقىن كەلسىڭىز مەن توي قىلايلى دەپ تۇرۋالىمەن، داۋاملىق ئۇقۇش ئىشىڭىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
تەقدىرگە تەن بەردىم. ئۆزۈمنىڭ ھېسياتىنى، قايرىپ قۇيۇپ اللەنىڭ ئەمىرىنى ئۆزپېتى يەتكۈزدۈم كۆڭلۈم بىرئاز جايىغا چۈشتى. ئىنساننىڭ سۆيگۈسىدىن مەھرۇم بولساممۇ اللەنىڭ سۆيگۈسىنى ساقلاپ قالدىم.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. مەدىينە
    ۋاقىت: 2012- يىل 20- نويابىر 06:37 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    :?: :?: :?:

    • ۋاقىت: 2012- يىل 20- نويابىر 07:23 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      خوش كەپتىلا بۇندىن كىيىم بۇ ئىسىمنى قوللانسىلىمۇ بولغۇدەك ماس كېلىدىكەن. بەرىبىر مەدىينىلىك بولغاندىكىن :mrgreen:

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*