didar

كىيوتودىكى بىربىمارئېغىرئاغرىپ سەكراتقاچۈشۈپ قالغىنىدا، دوسلىرى ئۇنى خوككايدۇ، كيۇسيۇ، ئامېرىكاقاتارلىق جايلاردىن يوقلاپ كېلىدۇ. دوستلىرى ئۇنىڭ كارۋىتى ئەتىراپىغا يىغىلىشقاندا، ئۇجېنىنىڭ بارىچە دوستلىرىنىڭ سىيماسىنى قەلبىدە مەڭگۈلۈك ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ . . .


ئەمىلىيەتتە، ئۇنىڭ ساغلام ۋاقتىدا دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان نۇرغۇن ۇرسەتلىرى بارئىدى، لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەربىلەن، ھەممەيلەن ھەرتەرەپتە ئالدىراش يۈرۈۋېرىپ، كۆرۈشۈشكە پۇرسەت چىقىرالمىدى. ئادەم ئاغرىپ قالغاندا ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۈۋەنلەپ، مىڭىسى قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ، بەزىدە يېنىدىكى ئادەملىرىنى تۇنىيالمايدۇ، ھەتتا يېقىن دوستلىرىنىمۇ پاك-پاكىزئۇنتۇپ قالىدۇ. يەنە بەزىلەر تېنى ئاجىز بولغاچقا، دوستلىرى بىلەن مۇڭداشقۇدەك، دىدارلاشقۇدەكمۇ ھالى قالماي، كۈنبۇيى ھۇشسىز ياتىدۇ.
ئەگەرسېغىنغان ئادىمىڭىزبولسا ھېچ ئىككىلەنمەي بېرىپ كۆرۈشۈڭ. تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ بولسىمۇ كۆرۈشۈڭ، ھەتتاكى دېڭىز-ئوكيانلاردىن ھالقىپ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگە بېرىپ بولسىمۇ كۆرۈشۈڭ. ئەگەر خىياللارقىلىپ ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بارمىسىڭىز، نۇرغۇن يىللارنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولىسىز.
بىزھەردائىم«دىدارغەنىمەت»كۆزقارىشى بىلەن ياشىشىمىز كېرەك. بۇيەردە ئېيتىلىۋاتقان «غەنىمەت»بىرئۆمۈرنى،«دىدارلىشىش» يۈزكۆرۈشۈشنى كۆزدە تۇتقان بۇلۇپ، ئىنسان ئۆمۈردىكى ھەربىرمەزگىلنىڭ قايتىلانمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ھەربىرقېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ بىرلاقېتىم بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇسۆز بىزگە ھەربىرقېتىملىق ئۇچرىشىشنى بىرپۇرسەت دەپ بلىپ، بۇقايتا قولغا كەلمەيدىغان پۇرسەتتە ئەتراپىمىزدىكى ئادەم ۋە مۇھىتقا بارلىق زىھنىمىزبىلەن بىرلىشىمىزكېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
مەيلى كىم بىلەن كۆرۈشۈشتىن قەتئىينەزەر، بۇ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچرىشىش پۇرسىتى بۇلىشى مۇمكىن. يىراقتىكى دوستلاربىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ قولغاكەلمىكى تېخىمۇ تەس. شۇڭا، بىزسېغىنغان ئادەملىرىمىزبىلەن ھەربىرپۇرسەتتە كۆرۈشىشىمىز، كۆرۈشكەندە ئۆزئارا قەلب ئالماشتۇرۇپ مۇڭداشمىقىمىز زۆرۈر.
ھەرۋاقىت شۇنەرسە ئېسىڭدە بولسۇنكى، «دىدارغەنىمەت»
تەرمىلەرژورنىلى2012-يىللىق 8-سان

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*