180325swi7fmb606kd6zg3

ئىنسان تىنىغا ئەڭ ئېغىر ھاقارەت قىلىنغان بىر بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. تارىختىن بۇيان بۇنچىلىك ئېغىر ھاقارەت قىلنىپ باقمىغان.

 ئىچىملىكلىرىمىز ، نىمىلەردىن ياسالغانلىقىنى بىلىپ بولمايدىغان رەڭلەر بىلەن تەڭشىلىۋاتىدۇ.

 شىكەر قاتقان ئىچىملىكلەر ياخشى ئىچىملىك سانىلىۋاتىدۇ چۈنكى نۇرغۇن ئىچىملىكلەر شىكەرگىمۇ يېقىن كىلەلمەيدۇ.

 يىمەكلىكلىرىمىز دورا ۋە سۈنئى ئۇسۇللاردا تەييار بۇلىۋاتىدۇ. تۇخۇ دېگەن تۇخۇمدىن چىقىپ، تۇخۇنىڭ باغرىدا چوڭ بۇلىدىغان نەرسە ئىدى. ئەمما، ھازىر خاشۇدىن چىقىپ، توك ساندۇقتا، دورا بىلەن 50 نەچچە كۈندە تەييار بۇلىدىغان بولدى.

 شۇنداق بىز دورا يەپ چوڭ بولغان تۇخۇ، بۇرنىدىن ئاشقازىنىغا نەيچە كىرگۈزۈپ 24 سائەت ئاشقازىنىغا سۇ چىڭقاپ سەمىرتكەن كالا، نەدىن، قانداق قويدىن ئېلىنغانلىقىىن بىلگىلى بولمايدىغان قويلارنىڭ گۈشى بىلەن ئۇزۇقلىنىۋاتىمىز. دورا ئەسلى كېسەل داۋالايدىغان نەرسە ئىدى بىراق ھازىر قوي سەمىرتىدىغان، تۇخۇ يۇغۇنىتىدغان، كالا سەمىرتىدىغان، بىر تۇخۇغا نەچچە پاچاق چىقىردىغان، قۇدۇرەتىلىك نەرسىگە ئايلىنىپ كەتتى.

باللىرىمىزنىڭ سۈت پاراشۇكلىرىدىن ئادەم يەيدىغان نەرسىلەر ئەمەس ئادەم ئۆلتۈردىغان نەرسىلەر چىقىۋاتىدۇ. دېھقانلىرىمىز پاختا تېرىشتىن باش ئالالمايدۇيۇ

كىيىملىرىمىزگە سۇلياۋ تالالىق كىيىملەرنى كىيۋاتىمىز.

دىيارىمىزدا نىمە جېق؟ تاللا بازىرى؟ مېھمانخانا؟ئاشخانا ؟ ياق دوختۇرخانا، ئېنسانلارنىڭ كېسەل داۋالاش ئىختىدارىدىن كىسەللەرنىڭ تەرەققى قىلىش ئىختىدارى ئېشىپ كەتتى.

ھەممە ئادەم ساقسىز  بۇ دۇنيا غايەت زور بىر كېسەلخانىغا ئايلىنىپ كەتتى. يىڭىدىن پەيدا بولغان كېسەللەرنى ئايرىپ بۇلالماي، جاھىل كېسەللەرگە دورا تېپىپ بۇلالماي، نۇرغۇن مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچىلارنىڭ بېشى پارقىراپ كىتىۋاتىدۇ.

مۇشۇ كىسەللەر نەدىن كىلىدۇ ؟ ھاۋا ئارقىلىق ئۇچۇپ كىلىپ تىنىمىزغا كىرۋالغانمىدۇ؟ يا كەينىمىزدىن ئېسىلىپ يۇقىۋالغانمۇ؟ ياق بىز زورلاپ مەجبۇرلاپ تىنىمىزگە تىقىۋاتىمىز. بىچارە تىنىمىز ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرنى قاملاشتۇرۇپ بۇلالماي مۇددەتتىن بۇرۇن ئىستىپا سوراپ تۇرۋالىدۇ. 5- قەۋەتكە ئەپچىقالماي قۇناق خېمىرىدەك يۇمشاپ كىتىۋاتىدۇ. نىمىشقا ئويلىنىپ باقمايمىز؟ نىمىشقا ئىنسان تىنىگە قىلىنغان بۇ ئېغىر ھاقارەتلىك دەۋىرگە نىسبەتەن چارە ئىزدەپ باقمايمىز  بۇنداق دىگىنىم ھېچكىم ئويلانمىدى دىمەكچى ئەمەس. ئويلاندى. لېكىن، مەن دەيمەن ئېغىزى ئۇچۇق، ئاشقازىنى ھەزىم قىلىپ كىلىۋاتقان ھەربىر ئادەم ئويلىنىشى كىرەك. چۈنكى بىز باشقىلارغا ۋاكالىتەن يەپ بەرمەيمىز ئۆزىمىزگە يەيمىز.

تەم بىلەن پۇراققا ئاساسەن ئىستىمال قىلىش ھايۋاننىڭ ئىشى. ئاۋۋال پۇراپ باقىدۇ، ئاندىن تېتىپ باقىدۇ تېتىسا يەيدۇ بولمىسا يىمەيدۇ. نىمىلىكىنى نەدىن كەلگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ ئەجەبا بىز ئادەم ئەمەسمۇ. بىزمۇ تىلىمىزغا تېتىسىلا يەۋىرمىزمۇ؟

نىمىلىكنى ، نەدىن كەلگەنلىكىنى، قانداق نەرسىلەردىن ياسالغانلىقىنى، سۈرۈشتۈرمەيمىزمۇ ؟  ئەجەبا يىمەك-ئىچمىكىز تەرەققى قىلىپ ھايۋانلاردىن ئۆگۈنۈش باسقۇچىغا بېرىپ يەتتىمۇ ؟ ئەسلى دىيارىمىزغا كىرگەن نەرسىلەرنى تەكشۈرۈش، سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ ئىشى ئىدى. ئەمما، تىجارەتچىللىرىمىز قالتىس ئەقىللىق بۇلۇپ كەتتى،  ئىچىدىغان نەرسە دەپلا تۆكۈپ بەرسە ئىچىۋەرگەندىن ئىچىملىك ئىشلەش تىللا تۆكۈلۈدىغان دەرەخكە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن يانچۇقىدا 1000 سوم پۇلى بار ئادەم ئىچىملىك ئىشلىتىپ ساتىدىغان بۇلۇپ قالدى. سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىللىرى ھەربىر ئادەمنىڭ كەينىدىن نەگە بېرىپ نېمە ئىش قىلىدۇ، دەپ يۈرۈپ بۇلمايدۇ-دە. ھەربىر تاللابازىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا بىر ئادەمنى تۇرغۇزۇپ بۇلالمايدۇ.

يىمىك-ئىچمەكتە ئەخلاقىنى، ئىتىقادىنى يۇقاتقان ئادەمنى قانۇن تۇتۇپ بۇلالمايدۇ. ئەگەر ئۇنى تۇسۇيمەن دەپ قانۇن ئارقىلىق كىشەنلەپ قويسا ئۆزىنىڭ پۇقىنى يەيدۇ.

ئەھۋال شۇنداق بولغان ئىگەن، يەۋەتقان-ئىچىۋاتقان نەرسىلەرنى بەكىرەك سۈرۈشتۈرۈش ئىستىمالچى ئاممىنىڭ گەدىنىگە پەرىز بۇلۇپ قالدى.

ئاتا- بۇۋېمىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئىشلەش، ئىستىمال قىلىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ياراتقان، بەدەننى داۋالاش خۇسۇسىيتىگە ئېگە ئۇزۇقلۇقلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن خەلق ئىدى. ھەرخىل مىۋە كۆتاتلاردىن مۇراببا ياساشنى ئۈگەنگەن. مىۋىلەرنى قاينىتىش ئارقىلىق شەربەت ئىشلىگەن، تىبابەت دورىللىرى ئارقىلىق ئەرەق قايناتقان ، دۇنيا ئەھلىگە «ھاياتلىق بۇلىقى» دەپ سۇنغۇدەك قىممەتلىك ئىجادىيەتلىرىمىز بارئىدى. ئاتا بۇۋىمىز ئىچىملىك ئىشلىسە %60 دىن يۇقىرى مىۋە قالغىنىغا سۇ بىلەن شىكەر ئىشلىتىپلا ياساپتىكەن. ساقلاش ئۈچۈن ئاتايەن دورا قاتمىسىۇ ئەرەق ئىشلىتىش ۋە قازاندا قاينىتىش ئارقىلىق ساقلاش ۋاقتىنى نەچچە يىلغا ئۇزارتىپتىكەن. شۇنداقلا بۇ خىل ئۇسۇللارنى ئۇلۇغلاپ شۇخىل يىمەك-ئىچمەك ئىشلەش ئۇسۇلىغا خاس ئىتىقاد شەكىللەندۈرۈپتىكەن.

 ئىشلەش جەريانىدا پاكىزلىققا، ئەسلى رىتسىپىغا ئەمەل قىلىشنى ئىتىقاد بىلىپتىكەن.

بىز شۇ خەلقنىڭ ئەۋلاتلىرىغۇ؟  «يىراقتىكى داموللام يېقىندىكى جا موللام» دەپ ئۆزىمىزنىڭ نەرسىللىرىنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمايلا سىرتنىڭ ھېچقانداق ئىتىقاد قارشى ئاستىدا ئىشلەنمەي پۇل تېپىش ۋاستىسى قىلىۋالغان مەھسۇلاتلارنى تۈركۈملەپ ئەكىردۇق. ھەتتا ئەكىرىپلا قالماي سىرتنىڭ ساختا مەھسۇلات ئىشلەش تېخنىكىللىرىنى ئۈگۈنۈپ ئۆزىمىزنىڭ تەبئى نەرسىللىرىنىمۇ ساختىلاشتۇرۇپ «قېپى ھەسەل- ئىچى زەھەر» نەرسىلەرنى ياساۋاتىمىز.

بۇنىڭ بىلەن ئىستىمالچى خەلقنى ئالدىساق، ئۆزىمىزنىڭ نەچچەمىڭ يىللىق ئىجادى ئەنئەنىلىرىمىزنى تۇنجۇقتۇرۇپ قۇياۋاتىمىز.

سىرتتىن توختىماي ئىمپورت نەرسىلەرنى تۇشۇۋاتقانلارغا مۇنداق ئۈچ ئېغىز گەپنى ئەسكەرتىپ قويغۇم بار

بىرىنچى: سىز توختىماي نەرسە ئەكىرشىڭىز بىر تۈركۈم قارا قۇرساقلارغا پۇرسەت ياراتتى شۇنىڭ بىلەن نىمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىسىملارنى قوللىنىپ پالانى ئىسلام دۆلەتنىڭ پۇكۇنى مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ دەپ ئىچكىردە قاراڭغۇ بازاردا ئىچىملىك، يىمەكلىك ياسىتىپ  ئەكىرىپ سېتىپ يانچۇق توملايدىغانغا يول ئېچىپ بەردىڭىز. دىيارىمىزدىكىك %50 دىن يۇقۇرى ئىمپورت نامىدىكى مەھسۇلاتلار ئىچكىرنىڭ قاراڭغۇ بازىرىدا ئىشلەنگەن چەتئەل، مۇسۇلمان دۆلەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئەڭ خەتەرلىك تەرپى بۇنداق بۇيۇملار قانۇنسىز، قاراڭغۇ بازارلاردا ئىشلەنگەنلىكتىن ھېچقانداق سۈپەت ئۆلچىمى يوق.  سىرتىدىكى بىرتۈركۈم خەت ۋە چۈشەندۈرۈشلەر پەقەت باسما زاۋۇتلىرىنىڭ مەھسۇلى خالاس.

ئىككىنچى: سىزنىڭ دىيارىمىزغا چەتئەل مەھسۇلاتلىرىنى يىتەرلىك تەمىنلىشىڭىز يۇرتىمىزدىكى ئوخشاش كەسىپتىكى كارخانىلارغا ئېغىر زەربە بۇلاۋاتىدۇ. دىيارىمىز كارخانىللىرىنىڭ ئىستىمالچىللىرىنى تارتىپ كىتىۋاتىسىز. ئەمدى بىخ سۈرۋاتقان كارخانىلارنى تاشقا باستۇرۇپ قۇياۋاتىسز.  بېشىغا يەنچىۋاتىسىز. بۇقا بىلەن قۇزىنى دوئىلغا سالغاندەك ئىش قىلىۋاتىسىز. چۈنكى،  سىرتنىڭ كارخانىللىرىنىڭ ئالدىغا 100 يىل بولغان كارخانىلار دىيارىمىزدا ئەمدى 10- يىلغا قەدەم قويغان كارخانىلاردىنمۇ نەچچە تاللا بار. ئۇلار قوللاشقا مۇھتاج ، تەرەققى قىلىشقا مۇھتاج، كارخانىلارغا نىسبەتەن ۋاقىت ئەڭ چوڭ سىناق ئۇلارنى ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكۈزمەيۋاتىسىز. سىزنىڭ مەقسىتىڭىز بىرلا يەنى پۇل تېپىش، سىزنىڭ تاپقان پۇلىڭىزدىن تىلەمچىنىڭ پۇلى ياخشىراق چۈنكى تىلەمچى تاپقان پۇلىدا ھېچكىمگە زىيان سالمايدۇ.

ئۈچۈنچى: يۇرتىمىزنىڭ ئىختىزادىنى سىرتقا تۇشىۋاتىسىز، سىز ئەركىرگەن مەھسۇلاتلار ئىشلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن  ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ %10 پايدا يەتكۈزىدۇ. يىلىغا نەچچە مىليۇنلۇق مەھسۇلات ئەكىرىپ  يۇرتىمىزنىڭ ھەققى بولغان نەچچە يۈزمىڭ پايدىنى سىرتقا تۇشۇپ بىرۋاتىسىز.  ئاشۇ پايدىغا يۇرتىمىز كارخانچىللىرى ئېرشەلىسە نىمە ئىشلارنى قىلار ھە ؟ قانداق تەرەققى قىلىش، يىڭىلىق يارتىش پۇرسىتىگە ئېرىشە ؟ ئۇيغۇرىمىزنىڭ كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، مەرد-سىخى خەلق، ئۇلار ئىككى موچەن تاپسا بىر موچىننى سەدىقە، خەيرى ئىھسان قىلغۇسى كىلىدۇ. ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ئاجىزلارنى يۆلەيدۇ. سىزسىرتقا توختىماي تۇشۇپ بەرگەن پايدىنىڭ بەدىلىگە بىرە قېرىندىشىڭىزنىڭ كىسىلىگە پۇل ئىئانە قىلدىمۇ ؟ ھەرقانچە تۇشۇپ بەرسىڭىزمۇ سىز يەنىلا ئۆلگەندە شىنجاڭنىڭ قەبرىستانلىقىغا كۆمۈلىسىز، سىز ئالدىنى تۇسۇپ قويغان كارخانچى قېرىنداشلىرىڭىز بېشىڭىزدا پاتىھە ئۇقۇيدۇ.

سىرتنىڭ مەھسۇلاتلىرى نوچى ئەمما ئۇنى يىمىگەنگە ھېچكىم ئۆلۈپ قالمايدۇ. مۇھىمى مەۋجۇتلىقىزمىنى ساقلاش مەسىلى بار.

كارخانىللىرى تەرەققى قىلالمىغان مىللەت مەڭگۈ مەدىكارچىلىقتىن باش ئالالمايدۇ.

يۇقارقى مەسىلىلەرنى ئويلاشقاندا،  سىرتتىن مەھسۇلات تۇشۇغۇچىلار  يۇرتىمىز كارخانچىللىرىنىڭ ساتقىن، خائىنلىرىدۇ.

يۈسۈپجان ساۋۇت-خوتەن شەھەرمۇسلىم سودا چەكلىك شىركىتىدىن

يازما ئاپتورى:

ھېچكىمنىڭ قۇرت-قوڭغۇزدەك نام-شىانسىز ياشاپ ئۆلۈپ كەتكۈسى بولمىسا كېرەك. يازغانلىرىم قەلبداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلالىسىكەن دەيمەن. . . يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىن كۆرەلەيسىز. ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

دىۋان يوق,سافادا ئولتۇرامسىز؟!

  1. ۋاقىت: 2013- يىل 27- مارت 06:13 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئېسىل يېزىلىپتۇ،بۇ ھەربىر ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلايدىغان ئادەمنىڭ ئەستايىدىل،سۇغۇق قانلىق بىلەن ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مەسىىلە.ھارام يىگەن بىر لوقما ئادەمنىڭ 40 كۈنلۈك ئىبادىتىنى مەقبۇل قىلمايدۇ،ئاللاھ ھەر بەندىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!داۋاملىق تىرىشىڭ قېرىندىشىم،سىزنى قوللايمىز،ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن! ئامىن..

جاۋاب سەمىرە

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*