جۈمە كۈنى قىز-كېلىنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرشىدىغان، ئائىلىسىدىن دەم ئالىدىغان خۇشاللىق كۈن ئىدى. لېكىن، قەلبىنۇر بۈگۈن خۇشاللىق ئەمەس تۇرمۇشقا چىققان تۆت يىلدىن بىرى تارتمىغان ئەڭ قاتتىق ئازاپنى تارتىۋالدى.
باققا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئاۋازىنى قۇيۋېتىپ تازا يىغلىۋالغاندىن كىيىن قىزلىرىنى تەييارقىلىپ چوڭ ئۆيگە ماڭماقچى بولدىيۇ لېكىن ئەينەك ئالدىدا چىرايىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى. نۇرمەمەتنىڭ تۆت بارمىقى سۇرۇخقا باسقاندەكلا چىققاننى ئازدەپ، كۆزلىرى ئىششىپ چىرايى نەشىكەشكى…
ھاياتلىق ھەربىر ئادەمگە بىرلا قېتىملىق بىرلىدىغان پۇرسەت. ھەربىرىمىز ھاياتلىق سەپىرىدە باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىمايمىز. ئەمما، ھەممىدىن بۇرۇن ئاخىرقى نوقتىغا بېرۋېلىشنىمۇ خالىمايمىز . . .
بىر ۋاقىتتا سۆگەت چىۋىقلىرىدا تاج ئىتىپ تاقاپ يۈرگەن، يول بۇيىدىكى ئېرىقلارغا بۇدۇكلىرىمىزنى چىلاپ يۈرگەن بالا ئىدۇق. بۈگۈنكى قورۇق باسقان چىرايلاردا ھېلىمۇ بالىلىقتىكى نىپىز، سۈزۈك تېرىلەرنى ئەسلىيەلەيمىز . . . قانداق ھايات بەك تىز ئۆتەمدىكەن ؟ «ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان تو…
نەچچە كۈن بولدى نىمىشقىلىقىنى بىلمەيمەن, سىنى تۇلا ئويلايدىغان بۇلۇپقالدىم.
نىمە يەۋاتقاندۇ، نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ، زىرىككەندە ھال-مۇڭ بۇلۇشقىدەك دوسلىرى بارمىدۇ، بېرىپ ئايلىنىپ كەلگۇدەك يەرلىرى بارمىدۇ، . . . ئىشقىلىپ ئويلايدىغان دائىرەم بەك كەڭىرى.
قۇلچىلىقنى، ئىلىمنى دەپ بۇ يولنى تاللىۋالدىڭ. نىيەتلىرىڭ دۇرۇس، ئىخلاسىڭ خالىس ئىكەن, ياراتقۇچى يول بەردى. مانا بىر يىل بۇلاي دىدى تۇرۇپلا قالدىڭ.
يۇرتۇڭدىن كۆچكەن يۇلتۇزدەك، گۈدۈك چېلىپ ئۈتۈپ كەتكەن پويىزد…
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم