Muhajir

نەچچە كۈن بولدى نىمىشقىلىقىنى بىلمەيمەن,  سىنى تۇلا ئويلايدىغان بۇلۇپقالدىم.


 نىمە يەۋاتقاندۇ، نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ، زىرىككەندە ھال-مۇڭ بۇلۇشقىدەك دوسلىرى بارمىدۇ، بېرىپ ئايلىنىپ كەلگۇدەك يەرلىرى بارمىدۇ،  . . . ئىشقىلىپ ئويلايدىغان دائىرەم بەك كەڭىرى.
قۇلچىلىقنى، ئىلىمنى دەپ بۇ يولنى تاللىۋالدىڭ. نىيەتلىرىڭ دۇرۇس،  ئىخلاسىڭ خالىس ئىكەن, ياراتقۇچى يول بەردى. مانا بىر يىل بۇلاي دىدى  تۇرۇپلا قالدىڭ.

 يۇرتۇڭدىن كۆچكەن يۇلتۇزدەك، گۈدۈك چېلىپ ئۈتۈپ كەتكەن پويىزدەك، كاككۇكنى ئىزدەپ كەتكەن زەينەپتەك.

 ئىشلىرىڭ ياخشى، كۈنلىرىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتەۋاتقاندۇ.

 ئەمما، بىلىمەن قەلبىڭنىڭ بىر يەرلىرى قۇرۇق، ھەرقانداق نەرسە بىلەن تولدۇرالمايسەن.

ئايرۇپىلانغا دەسسىگەن پۇتلىرىڭ يۇرتۇڭنىڭ دىماغنى ئېچىشتۇرىدىغان تۇپىللىرىنى ئىزدەيدۇ. يۇمىشاق، ئاچچىق- چۆچۈك تۇخۇ گۆشلىرىنى چايناۋاتقان ئېغىزىڭ يۇرتۇڭنىڭ قۇتۇر زاغىرىللىرى چىلانغان شورپىللىرىنىڭ تەمىنى ئۇنۇتمايدۇ.

 قانداق قىلغۇلۇق . . .  كىندىك قېنىڭ تۈكۈلگەن يۇرت ئەنە شۇنداق سۈيۈملۈك بۇلىدىكەن. 

يۈرەكنى كۆيدۈرگەن يارنىڭ ئۇتى نەچچە يىللاردىن كىيىن ئۆچىدىكەن، يۇرتۇڭنىڭ ئۇتى ئۆچمەيدىكەن. ۋاپات قىلغان ئاتا-ئاناڭنى ئۇنتۇيسەنۇدەسسەپ چوڭ بولغان ئاناتۇپرىقىڭنى ئۇنتىيالمايسەن.
سۇلايمان پادىشاھ كاتتا بىر باغ بىناقىپتۇ ۋە بارلىق قۇشلارنى مۇشۇ باققا يىغىپتۇ. باغدا ئۇچارقۇشلارنىڭ ھەممە نەرسىسى تەل ئىكەن. يىمەكلىك ئىزدەپ يۈرمىسىمۇ،ئۇۋا راسلاپ يۈرمىسىمۇ بۇلىدىكەن.

لېكىن قۇشلارنىڭ ھېچ قايسىسى خۇشال ئەمەس،بىركۈنى ھۆپۈپ شاھتىن يۇرتىنى بەك سېغىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىجازەت بەرسە بىر كۆرۈپ كەلگۈسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ.

 شاھ كەينىگە ئادەم سېلىپ قۇيۇپتۇ «مىنىڭ بېغىمدىنمۇكاتتا قانداق يەرئىكەن كۆرۈپ كىلىڭلار» دەپ.  كەينىدىن بارغانلار ھەيران قاپتۇ. چۈنكى،نە يىمەكلىك، نە سۇ، نە سايىدىغۇدەك بىرە يېشىللىق بولمىغان، بىر كونا تاملىق ئىكەن.

ھۆپۈپ ئاشۇ كونا تاملارغا يۈزىنى يېقىپ، تۇپىلاردا ئېغىناپ يېتىپ، پىغانلىق سايراپ كۆزلىرىدىن ياش ئېقىتقان پېتى ئايرىلىپتۇ.

 پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بارلىق قۇشلارنى قۇيۋېتىپتۇ.

زامانىۋى شەھەردە يۈرۈپ بىر قەۋەتلىك يىلان كۇچىلارنى ئەسلەيدىغانسەن. داڭلىق ماركىلىق تاكسىلاردا كىتىۋېتىپ  خىھې! چوھ ! دەپ قامچا ئوينىتىپ ماڭىدىغان ئىشەك ھارۋىسى، مەپىلەرنى ئەسلەيدىغانسەن. بەش موچەنگە لايقا بىكەتكە ئەچىقىپ قۇيدىغان توكلۇق ھارۋىلارنى ئەسلەيدىغانسەن . . . .

قايتىپ كەل ئەزىزەم ! قايتىپ كەل !ھېچ بولمىغاندا بىر كىلىپ كەت ! 

ئىككى كويغا يۈزىدە قايماقلىرى پارقىراپ تۇردىغان بىر چىنە قېتىق بىرىدىغان بازارلارغا ئاپىراي شۇ يەردىن يەنەبىر كويغا بىردانە زاغرا ئېلىپ قېتىققا چىلاپ يەۋالغىن !

پاقلانلارنىڭ يۇمران گۆشلىرىنى يۇلغۇن زىخلارغا ئۆتكۈزۈپ، ئۇتان چۇغىدا پىشۇرۇپ بىرىدىغان كاۋاپخانىلارغا ئاپىراي، سايلىقىمىزدىن چىققان تاش تۇزغا مىلەپ ئولتۇرۇپ يەۋالغىن !

دەسسىسەڭ تاپىنىڭنى كۆيدۈردىغان،قۇياش نۇرىغا قانغان تۇپىلاڭ يوللارغا ئاپىراي، ئىشتىنىڭنى تىزىڭغىچە تۈرۋېتىپ، پۇتلىرىڭنى تۇپىغا كۆمۈپ، بۇخۇناق ئۆرلىتىپ مىڭىۋال !

360 كۈن سۈيى توختىمايدىغان، ئۈستىدىن قارىساڭ تىگى كۆرنىدىغان سۈزۈك سۇلار ئاقىدىغان، ئىككى تەرپى سۈگەتلەر بىلەن بوستانلىق بولغان ئۆستەڭلەرگە ئاپىراي ئۆردەك چۈجىللىرىدەك، بىلىقلاردەك ئېقىۋال !

ئۈژمىلىك باغلارغا ئاپىرىپ قۇياش نۇرىغا قېنىپ پىشقان، ئېغىزىڭغا سالساڭ ھەسەلدەك ئېرىپ كىتىدىغان ئۈژمىلەردىن ئېغىتىپ بىرەي، تۇپىسىنى پۈدەپلا ئۈژمەتۈۋىدە يىگەن ئۈژمىنىڭ قانچىلىك تەملىك بۇلىدىغىننى بىلىسەن ھەقاچان !

سەھرادىكى ئۈرۈك سايىسىغا،ئۆگزىلەرگە ياتاق سەپ بىرەي،  شاماللاريۈزۈڭنى سىپاپ تۇرغان، ساناقسىز يۇلتۇزلار جىمىرلارپ تۇرغان ئاسمانغا تىكىلىپ يېتىپ ئۇخلاپ باققىن !

يايلاقلاردا ئاتقا مىنىپ، ماياق چۇغىغا كۆمگەن قېرىن كاۋاپلارنى يەپ، تۇزلۇق دەريالارنىڭ سۈيىنى ئىچىپ،داۋغانلارنىڭ تىللاشلىرىنى ئاڭلاپ، تۈلكىلەرنى قوغلاپ،  قارغايلارنىڭ سايىسىدا سايىداپ، كېيىكلەرنى ئوۋلاپ، ئەچكۈلەرنى سېغىپ ئىچىپ  ئاناۋەتەن، ئانا تەبىئەت بىلەن بىر تەن بۇلۇپ ياشاپ باققىن !

 تاۋۇزلۇقلاردا تاۋۇزنى ئۈزۈپلائەكىلىپ يېرىپ يەۋالغىن ! كۆلدىن بىلىقنى تۇتۇپلا ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇپ تېتىپ باققىن !كۆك قۇناقنى سۇيۇپلا ئەكىرىپ چوغدا ئېتىلدۇرۇپ سومكاڭغا سېلىۋال !قارلىغاچلارنىڭ ناخشىسىغا،كاككۇكلارنىڭ داستانىغا، قۇشقاچلارنىڭ ھىكايىسىغا، ھوقسۇپىلارنىڭ ۋەزلىرىگەجۆربولغىن ! ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرنىڭ  قانداق ياشايدىغانلىقىنى قايتا ھېس قىلىپ يىتىسەن !قايتىپ كەل ئەزىزەم يوللىرىڭغاقارايمەن ! 
يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*