ھاياتلىقنىڭ بىرتەرپى ℃672
ھاياتلىق ھەربىر ئادەمگە بىرلا قېتىملىق بىرلىدىغان پۇرسەت. ھەربىرىمىز ھاياتلىق سەپىرىدە باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىمايمىز. ئەمما، ھەممىدىن بۇرۇن ئاخىرقى نوقتىغا بېرۋېلىشنىمۇ خالىمايمىز . . .
بىر ۋاقىتتا سۆگەت چىۋىقلىرىدا تاج ئىتىپ تاقاپ يۈرگەن، يول بۇيىدىكى ئېرىقلارغا بۇدۇكلىرىمىزنى چىلاپ يۈرگەن بالا ئىدۇق. بۈگۈنكى قورۇق باسقان چىرايلاردا ھېلىمۇ بالىلىقتىكى نىپىز، سۈزۈك تېرىلەرنى ئەسلىيەلەيمىز . . . قانداق ھايات بەك تىز ئۆتەمدىكەن ؟ «ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان توختاپ قالغان يامان» دىگەن گەپ بار. ھاياتلىق قارىماققا بەك ئاستا ماڭغان ئەمما زادى توختاپ قالمىغان . . .
بۈگۈن ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ يىغلىۋەتتىم ؟ نىمىشقا دەمسىز ؟ مەن ھلىغىچە ئۆزۈمنى كىچىك، ياش چاغلايتتىم ئەمما قورۇقلاشقان يۈز تىرىللىرىم، بۇيان، زاڭاق، قۇلاقلىرىمغىچە باسقان ساقاللار «ئويغان ئەخمەق !»دەۋەتاتتى . . . مەن نەگە كىتىۋەتىمەن . . . بىلەمسىز ؟ مەن ئۆلۈمنىڭ ئالدىغا كىتىۋاتىمەن. ماۋۇ دەسسەپ ئۆتكەن ھەربىر قەدەم، تىنىپ ئۆتكەن ھەربىر تىنىق، كۆرۈپ ئۆتكەن ھەربىر زەررىنىڭ ھىسابىنى بەرگىلى كىتىۋاتىمەن. . . ئەمما مەن شەيتانغا ئەگىشىپ كەتكەن . . . نىمە دەيمەن زادى نىمە دەيمەن ؟
قەغەزدىن موللا قوپقاپ ياساپ پارتىنىڭ ئىچىگە تىقىۋېلىپ تازا ئويناۋاتسام كاپپىدە قۇلۇقۇمدىن تۇتۇپ « ۋۇ كەپسىز ، ئۇيۇن قېپى، تۇرە ئورنۇڭدىن » دەپ سۆرەيدىغان خانىمىمنى بۈگۈن ئۇچۇرتىپ قالدىم. قۇلۇقۇمنى يۇلىدىغان قوللىرى تىتىرەپ تۇرىدۇ، پەرزىمچە بىرتال تۇخۇمنى ساق تۇتالمايدۇ، پارقىراپ تۇردىغان يۈزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچۈپتۇ، يول،يول قورۇقلار، چىكىت،چىكىت داغلار، قومچاقنىڭ تىرىسىدەك قۇلىشىپ كەتكەن تىرىلەر ئەي مۇئەللىمە تىرەڭنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، نۆۋەت تىنىقىڭغا كەلدى دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
1200 كويغا بىر قۇتا ماي ئېلىپ ئاسرىغان چىرايلار، بۇغداي ئۆڭلۈك تىرىلىك ئاياللارنىڭ ئىرىنى تارتىپ كىتەلىگەن ئاپئاق چىرايلار مىڭ ئەپسوس . . . ئۆزگىلەرنىڭ كۆزيېشىنى شاراپ قىلىپ قاقاھلىغان كۈلكىلەر بىلەن ھوزۇر سۈرگەن نازىنىنلار نەق ۋاقىتتىكى نەچچە مىنۇتلۇق ھوزۇرنى قۇيۇپ تۇرۇپ ئاز ۋاقىتتىن كىيىنكى نەتىجىنى ئويلىغان بولسىچۇ ؟ دەۋزەخ ئۇتىنى نىمە تۇسۇپ قالار ؟
ئۆمەر بىر ئادەمگە كۈنلۈكى مىنىڭ ئۆيۈمگە كىلىپ «ئەي ئۆمەر ئالدىڭدا ئۆلۈم بار » دەپ ئەسكەرتىپ قويساڭ مەن ساڭا بىر دىنار بىرىمەن دەپتۇ، دىگەندەك ئۇ ئادەم ھەركۈنى كىلىپ بىر ئېغىز گەپ بىلەن بىر دىناردىن پۇلنى ئېلىپ مىڭىۋىرىپتۇ.
بىركۈنى ئۆمەر «ئەمدى كەلمىگىن دەپتۇ»، «نىمىشقا» دەپتۇ ئۇ ئادەم ھەيران بۇلۇپ «ئەتتىگەن تاھارەت ئېلىۋاتقاندا بىرنەچچە تال ئاق چاچنى بايقاپ قالدىم، ئەمدى سەن ئەسكەرتمىسەڭمۇ بۇلىدۇ »دەپتۇ ئۆمەر جاۋابەن. ئەزىزلىرىم ئاقارغان چاچلار، قارىدىغان تېرىلەر، تۈكۈلگەن چىشلار، تىتىرگەن قوللار ئۇلار پەقەت بىرلا ئېغىز گەپ قىلماقچى «بىز سىنى ئاخىرەتكە ئەكەتكىلى كەلدۇق»
بالىلىقىدا ئات ئويناپتۇ، ياشلىقىدا شەدە ئويناپتۇ، ئوتتۇرا ياشلىقىدا قاۋاقخانا، مىھمانخانىلاردا ئويناپتۇ، قېرلىقىدا شاھمات، تاختىسىدا ئويناپتۇ. ئۆلگەندە دەۋزەخكە ھۈكۈم قىلنىپتۇ، بىرى قاقشاپتۇ« ئەي رەببىم بىخۇتلىشىپتۇق، ئۆلۈمنى ئۇنتۇپتۇق بىرە ئەلچى، خەۋەرلەندۈرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەڭ بولماسمىدى» پەرىشتىلەر ئېيتىپتۇ. « ئاقارغان چاچ-ساقاللار ئەلچى ئەمەسمىدى ؟ سۇلاشقان تېرىلەر، تۆكۈلگەن چىشلار ، خەۋەرلەندۈرگۈچى ئەمەسمىدى ؟ بۇشاشقان پۇت-قوللار، ئىگىلگەن قەددىڭ ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەمەسمىدى ؟ كۆمۈلۈۋاتقان قېرىنداشلىرىڭ ! ئۆلۈۋاتقان ئەل-جامائەت ئېبرەت ئەمەسمىدى ؟
مۇسكۇللۇق بەدىنىڭىزگە، ئەقىللىق كاللىڭىزغا، پۇلاتتەك قەددى-قامىتىڭىزگە، ئايدەك ھۆسۈن-جامالىڭىزغا ئىشەنمەڭ ! بۇ لارنىڭ ھەممىسى سىزنى بىخۇتلاشتۇرغۇچى، مەس قىلغۇچىلار، ئاخىرەتنى، ئۆلۈمنى، ئاللەنى ئۇنۇتتۇرغۇچىلاردۇر، بۇلارنىڭ ھەممىسى پانىيدۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە، ھەممە پانىيدۇر
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى