2_165914_7

مېنىڭچە ھازىر ئىنگلىزچە love خېتىنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك ، سىز ئۇنىڭ يەنە مۇنداق چۈشەندۈرۈلۈشىنىمۇ ئاڭلاپ باققانمۇ؟ l ھەرپى Listen يەنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاشنى  ،O ھەرپىObligate يەنى بەدەل تۆلەشنى،V ھەرپىValued يەنى ھۆرمەتلەشنى E ھەرپىExcuse  يەنى كەڭ قورساقلىقنى بىلدۈردۇ ، بۇ ھەرىپلەرگە سۆيگۈنىڭ ھەقىقى مەنىلىرى يىغىنچاقلانغان، قېنى ئۇنداقتا تۆۋەندىكى قىسقا ھېكايىلەرگە قاراپ بېقىڭ ، سىزگە سۆيگىنىڭ يەنە قانداق مەنىلىرىنى ھېس قىلدۇردىكىن :


1.بۇرۇنقى ئاشىق-مەشۇقلار يەنە قايتا ئۇچرىشىپ قالدى ، گەپ ئارىلىقىدا يىگىت قىزنىڭ يانفونىدىن ئۆزى نەچچە يىل بۇرۇن ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنىڭ تېخىچىلا بارلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن قاراپلا قالدى ، قىز يانفوننى ئىتتىك تارتىۋېلىپ ، سىز مېنى تاشلىۋەتكەچكە ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرىڭىزغا قاراپ سىزنى مازاق قىلىپ دەردىمنى ئالىمەن ،شۇ-دىدى . يىگىت كېتىپ قالدى ، قىز جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۇچۇرلارنى بىر-بىرلەپ ئېچىپ ئوقۇغاچ ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق پىچىرلىدى “ ماڭا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ، گەرچە بىز ھازىر بىللە بولالمىساقمۇ بۇلار سىزنىڭ مېنى قانچىلىك سۆيگەنلىكىڭىزنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى…..
2.بىر قېتىملىق داۋالاش ھادىسىسىدە ئۇ گاس-گاچا بولۇپ قالدى ، ئۈمىدسىزلىكتىن تۈگىشەيلا دەپ قالغاندا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا تۇيۇقسىز ئۈمىدۋار ،تېتىك بىر يىگىت پەيدا بولدى ، ئۇمۇ گاس –گاچا ئىدى ، يىگىت ئۇنىڭغا قايتىدىن ئۈمىد ئاتا قىلدى ،كىيىن ئۇلار مۇھەببەتلەشتى ، ئاخىرى بىر جۈپ گاس-گاچا يىگىت-قىز توي قىلدى ، نۇرغۇن يىللار بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتتى ، بىراق نىجىس كېسەل ئاخىرى ئايالنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتتى ، ئايالىنى يەرلىككە قويغان كۈنى ئەر ئۇنىڭ رەسىمىگە قاراپ تۇرۇپ :قەدىرلىكىم مېنى تاشلاپ كېتىشكە قانداق چىدىغانسىز ؟دېدى.
3.قىز يىگىتكە ئاشىق بولغىلى 3يىل بولدى ،بىراق يىگىتنىڭ بۇيى ئېگىز 1.81مېتىر كېلەتتى ، ئۆزى ئاران 1.58مېتىر ئىدى ، شۇڭا ئۇ دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى . بىراق ئۈن-تىنسىز يىگىتكە ياردەم قىلىپ تۇردى ، توپ ئوينىغاندا چاي ئەكېلىپ بەردى ، يارىلانسا يارىسىنى تېڭىپ قويدى ….كىيىن بىر قېتىملىق يىغىلىش تۈگىگەندە يىگىت كېلىپ قىزنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى ، قىزنىڭ خۇشاللىقتىن يۈرەكلىرى تېپىرلاپ كەتسىمۇ بىراق نومۇس كۈچىدە كەينىگە تىرەجەيتتى ، يىگىت قىزنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاستاغىنە پىچىرلىدى ”سىز تاپىنىڭىزنى
كۆتۈرۈشكە پېتىنالمىسىڭىز مەن تىزىمنى ئېگىپ سىزنى قۇچاقلاي!“
4.قىز –يىگىت تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشتى ، بىر كۈنى يىگىت تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشتى ، دوختۇرلار ئۇنىڭ پەقەت يۈرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاندىلا ئاندىن ياشىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئاتا-ئانىسى ، ئۇرۇق تۇغقانلىرى ھەتتا سۆيگىنى نەسىھەت قىلسىمۇ ئۇ يۈرەك ئالماشتۇرۇشقا قەتئىي قوشۇلمىدى ، ئاخىرى يىگىت قىزغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئېلىپ بۇ دۇنيادىن ئايرىلدى ، يىگىتنىڭ ئاپىسى قىزغا ئوغلىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى بەرگەندە قىزنىڭ كۆزى يىگىت ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان مۇنۇ قۇرلارغا چۈشتى ”باشقىلارنىڭ يۈرىكى بىلەن سىزنى سۆيۈش قۇلۇمدىن كەلمەيدۇ ، مەن ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايمەن! “
5.ئاتام كېسەل بىلەن ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كىيىن ، ئايالىم ئىككىمىز ئاپام بىلەن بىر مەزگىل بىللە تۇردۇق ، بىر كۈنى ئايالىم ماڭا ”ئاپىڭىز تېخى مودا قوغلىشىدىكەن ،ھە ؟ھەر كۈنى كەچتە mp3  بىلەن ناخشا ئاڭلايدىكەن ”دېدى . دەرھال ئاپامنىڭ ماڭا ئالايىتەن mp3 ئالدۇرغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قانداق ئۈنگە ئىلىشنى ئۆگىتىپ قويغانلىقىم يادىمغا يەتتى . ئاپام يوق پۇرسەتتە ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئاڭلايدىغانلىقىغا قىزىقىپ mp3نى ئاچتىم ، ئويلىماپتىكەنمەن ئۇنىڭ ئىچىدىكىسىنىڭ ھەممىسى ئاتامنىڭ خورەك ئاۋازى ئىكەن .
6.تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا ئۇلار بىر-بىرنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالدى ، قىز ئەلاچى بولۇپ چىڭخۇاغا قوبۇل قىلىنىشىدا گەپ يوق ئىدى ، بىراق يىگىت ئويۇنچى بولۇپ ئۆگىنىشكە پەقەت قىزىقمايتتى ، تۇلۇق 3-يىللىققا چىققاندا قىز يىگىتكە بىزبەرىبىر ئايرىلىپ كېتىمىز شۇڭا ئايرىلىش سوغىسى سۈپىتىدە ماڭا بىرەر نەرسە بەرمەمسىز،دېدى. بىر پەس جىمجىتلىقتىن كىيىن يىگىت قىزغا بىر يىلدىن كىيىن بىر پارچە سۆيگۈ مەكتۇپى يېزىپ سوۋغا قىلىشقا ماقۇل بولدى . بىر يىلدىن كىيىن ئايرىلىدىغان بېكەتتە يىگىت قىزغا بىر پارچە خەتنى تۇتقۇزۇپ قويدى ، قىز خەتنى ئاچتى ، بىراق ئۇ مۇھەببەت خېتى ئەمەس بەلكى يىگىتنىڭ چىڭخۇا ئونۋىرستىتىغا قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشى ئىدى .
7.يىگىت ئۇرۇشقا ماڭدى ، قىز ئۇنى كۈتۈپ يۇرتىدا قالدى . بىر يىلدىن كىيىن يىگىت چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھالەتتە قىزنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى ۋە ”مەن پۇتۇمدىن ئايرىلدىم كېرەكسىز ئادەم بولۇپ قالدىم ….شۇڭا سىزگە بەخت تىلەيمەن ”دېدى ، قىز ئۈندىمىدى ، قايتقاندىن كىيىن يىگىتنىڭ كىرلىرىنى يۇدى ، تاماق ئېتىپ بەردى ، بىر يىلغىچە ئۇنىڭ ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالدى ، بىر يىل بولغاندا يىگىت قىزنى بۇنداق قىلىشتىن توسىدى ، بىراق قىز قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى “ سىز ماڭا بەخت تىلىگەن شۇ دەقىقىدىن باشلاپ مەن سىزنىڭ پۇتىڭىز بولۇشقا قەسەم قىلغان “
شۇنداق ھەقىقى سۆيگۈ قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئورۇن ئالغان بولىدۇ ، ئۇنى قەلب ئۆيىدىن چىقىرىۋېتىش تېلېفوندىكى ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ، سۆيۈش دېمەك شەرتسىز ،شەخسىيەتسىز ھالدا ئۆزىنى بېغىشلاش ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش دېمەكتۇر ، سۆيۈش دېمەك بىر-بىرنى ھۆرمەتلەش ، كۆيۈنۈش ، ئۆز-ئارا ئىلھام بېرىش دېگەنلىكتۇر ،سۆيۈش دېمەك قارشى تەرەپنىڭ بارلىقىنى يەنى ئارتۇقچىلىقىنىلا ئەمەس بەلكى كەمچىلىكىنىمۇ قوشۇپ سۆيۈش دېمەكتۇر …
دوستۇم ، بۇلاردىن سۆيگۈنىڭ نىمىلىكىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەن بولسىڭىز قېنى ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت ئېتىزىڭىزنى سۇغۇرۇڭ ، ئىشىنىمەنكى ئۇنىڭدىن ئاجايىپ چىرايلىق گۈللەر ئىچىلىدۇ !

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2013- يىل 19- فېۋرال 07:33 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    13-ئاي قايسى ئاينى كۆرسىتىدۇ

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*