ئەڭ ياخشى سوۋغات-گۈل ℃327
ززجىسمانىيتىمىز ھەرخىل ئۇزۇقلارغا مۇھتاج بولغىنىدەك، مەنىۋىيتىمىزمۇ تۈرلۈك ئۇزۇقلارغا مۇھتاج بولىدۇ.
قۇش، بىلىق، گۈل، مۇزىكا، كىتاپ، كىنو-فىلىم قاتارلىق نەرسىلەر بىزنىڭ مەنىۋىيتىمىزنى تۇلۇقلايدىغان، روھى تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇشتا ياردىمى بۇلىدىغان نەرسىلەردۇر.
بۇلاردىن گۈل گۈزەللىكى ئارقىلىق كۆزلەرنى خۇرسەن قىلسا، خوش پۇرىقى كۆڭۈللەرنى ئاچىدۇ. گۈلنىڭ يەنە تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدىغان تەسىرلىرى بۇلۇپ ئادەم بىراۋلاردىن چىرايلىق بىر دەستە گۈل تاپشۇرۋالغىنىدا قەلبنىڭ قانداق تۇيغۇلارغا شۇڭغۇپ كەتكىنىنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگىلى بولمايدۇ.
دۇرۇس ! نۇرغۇن كۆڭۈل ئاغىرىقنى، ئاداۋەتنى، زىددىيەتنى سەمىمى تىلەك بېلەن گۈل ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىشى مۇمكىن! جۈملىدىن ئۈزۈممۇ گۈلنى زىيادە ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭدىكى گۈزەللىك ئىختىيارسىز قەلبىمگە سىڭىپ كىرۋاتقاندەك، جەمىيەتتىكى چاڭ تۇزانلارنى تازىلاۋاتقاندەق ھېس قىلىمەن. ئۈۈمنىڭ بىر گۈللۈك بېشى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. گۈلگە مۇھتاج كىشىلەرگە گۈلنى ھەقسىز سوۋغا قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن. دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر ھەقسىز بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ؟
ئاخىرىدا بىر كىشىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئېيتقان بىر جۈملە سۆزىنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى« ئەگەر ماڭا قايتا يارىلىش پۇرسىتى بىرىلسە بىر كېچىدىلا تۇزۇپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ئەلچىسى گۈل بۇلۇشقا رازى ئېدىم»
ئەمدى پاراڭلىرىمدىن ئاتلاپ ينىك مۇزىكا ئاڭلىغاچ مىنىڭ كۆزۈمنى قاماشتۇرغان گۈلنىڭ رەسىملىرىدىن ھوزۇرلىنايلى
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم