قۇياشنى قوغلاپ ℃451
ئادەم ھاياتقا تۆرىلىپ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك بولغاندىن باشلاپ تۇرمۇشنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا باشلايدىكەن.
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەسئۇلىيەتمۇ ئېشىپ بارىدىكەن. ھەتتا مەنىۋىيتىنىڭ زارىنى تىڭشاپ باققۇدەكمۇ ۋاقىتقا ئىگە بولالماي قالىدىكەن.
مەسئۇلىيەتلىرى ئېشىپ بېرىپلا قالماستىن تۇرمۇشنىڭ زەربىللىرىگىمۇ يۇلۇقۇپ تۇرىدىكەن.
بەزەن ۋاقىتتا ئۆزىنى خۇددى بۇلۇتقا مىنىپ قالغاندەك، مىڭىش-تۇرۇش ئىختىيارلىقىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپمۇ قالىدىكەن.
تۇرمۇش ئۈستۈمدە قارا بۇلۇتتەك قۇياش نۇرىنى تۇسۇپ تۇرىۋاتىدۇ. مەن بولسام توختىماي ئالدىمغا يۈگۈرىمەن. ئالدىمدا كۆرۈنگەن ھەربىر يۇرۇقلۇققا تەلمۈرۈپ باقىمەن. ئەمما، قۇياشنىڭ جامالىنى كۆرۈپ بولغىچە بۇيەرنىمۇ قارا بۇلۇتلار بېسىپ بۇلىدۇ.
ھېيتنىڭ 3- كۈنى ئاغىنىلەرنى يوقلايمىز دەپ كىتىۋاتقاندا سەككىز ئادەم سېلىپ ماڭغان بىر موتسىكىلىتنى سۇقىۋەتتىم. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە چىرايىم تاتىرىپ، پۇت-قۇلۇم لەيلەپ، مەس بۇلۇپ قالغاندەك تۇرۇپ قالدىم. ماشىنىنىڭ ئىزىلىپ، تۆكۈلگەن سۇ، مايلىرى موتسىكىلىتتىن ئېشىپ چۈشكەن ئادەملەرنىڭ قىيا-چىيالىرى، يىغىلىپ كەتكەن ئادەملەر، ئېچىنىشلىق بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ئاشۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنىڭ ئاپتۇرى مەن ئىدىم.
بۇنىڭ بىر چۈش بۇلىشىنى بىر سىلكىنىپ ئويغىنىپ كەتسەملا ئىشلارنىڭ بۇرۇنقىدەك بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئىدىم. ئەمما، ئۇ بىر رىئاللىق بولدى. شۇ ۋاقىتتا شۇ ھادىسە چىقىشتىن ئىلگىركى ۋاقىتنىڭ نەقەدەر بەخىتلىك ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
يارىدارلارنى دۇختۇرخانىغا يۆتكەش، ماشىنى رىمونىت قىلدۇرۇش، سۇغۇرتا شىركىتى، تاشيول قاتناش ساقچىللىرىنىڭ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلرىغا ماسلىشىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن نەچچە كۈننى بۇيرۇق، بېسىم بىلەن ماشىنا ئادەمدەك ئۆتكۈزدۈم.
بۇ ئىشلارنى تۈگەتمەي تۇرۇپ رامىزاندا يەتتە مىڭ يۈەنگە ئالغان موتسىكىلىتنى ئوغىرى ئالدى، بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە ماشىنا، موتسىكىلىتتىن ئايرىلىپ پىيادىلا قالدىم.
مۇشۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقىلى سەككىز يىل بولغان ئىدى. ئەمما، ئايرىلىشقا سەككىز كۈن كەتمىدى.
ھېچقىسى يوق دىدىم ئۈزۈمگە مەن ئەركىشى، ئۇغۇل بالا بۇنىڭدىن ئېغىر كۈنلەر كەلسىمۇ كۆتۈرۈپ كىتەلەيمەن.
بۇ ۋەقەدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ئوغلۇمنى مەكتەپنىڭ مەيدانىدا قاتناش سۇقۇۋەتكەن خەۋەرنى ئاڭلىدىم.
ساراڭدەك يۈگۈرەپ مەكتەپكە چىقىپ،دۇختۇخانىلارنى ئارىلاپ ھېچ يەردىن تاپالماي بىر سائەتنىڭ ئىچىدە ئەقلىمدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالدىم.
جان دىگەن نىمە دىسە بالا دىسەڭ بولىدىكەن. ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقالمىغان شۇ مىنۇتتا مەندىكى ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى تاپالمىدىم.
اللەقا شۇكىرىلەر بولسۇنكى ئۇنچىۋىلا ئېغىر ئەمەسكەن. بېشىنى ئۈچ يىپ بىلەن تىكىپ ئوڭشالدى. ئەمما، بېشىمدىكى قارا بۇلۇتلار تارقالمىدى.
مىنىڭ قۇياش نۇرىنى كۆرىشىم ئۈچۈن بەك جېق بوشلۇق كىتىدۇ. مەن بىر سەرالىقنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى قىلمىغان ئادەممەن.
زاۋۇت قۇرۇپ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارماقچى بولدۇم. كەينىدىن زاۋۇتقا شىركەتنى يانداشتۇردۇق. مەندەك بىر دىھقان ئوغلىنىڭ قۇلىدا قانچىلىك دەسمى، قانچىلىك يول، قانچىلىك ئىناۋەت بولسۇن. ھالبۇكى، ئەنە شۇ نەرسىلەرنىڭ قاتمۇ-قات سېلىنجا قىلنىشى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدىغان ئىشلار ئىدى.
ئادەم بالىسىنىڭ بېشىغا كىلىدىغان كۈنلەرنىڭ ھەممىس كەلدى. ئوغۇرنىڭ، ھاراقكەشنىڭ، قەلەندەرنىڭ، جىنايەتچىنىڭ، ئىتنىڭ، ئىشەكنىڭ ھەممىنىڭ كۈنىنى كۆردىم.
ئىنسانيەتكە ئۆلگە بولغۇدەك ۋاپادار، ئاق كۈڭۈل ئادەملەرنى كۆردۈم. يەنە ئىنسانىيەتكە ئىبرەت بولغۇدەك ساختىپەر، ۋىجدانسىز تىگى پەسلەرنى كۆردۈم.
قېرىنداشلىرىمدىن ئايرىلدىم، سۆيگەن كىشىلىرىمدىن ئايرىلدىم، يۇرتۇمدىن ئايرىلدىم، شوخ مىجەزىمدىن ئايرىلدىم، زىھنىمدىن ئايرىلدىم.
نەچچە يىللاپ بىر تېلفۇن ۋە بىر كومپىيوتىرنى قۇچاقلاپ يالغۇز ئۆتتۈم. مىجەزىم ئۆزگەردى. ئادەملەردىن قاچىدىغان، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە قېتىلمايدىغان بۇلۇپ قالدىم. بارا-بارا باشقىلارنىڭ دۇنياسىغىمۇ كىرمەيدىغان، ئۆز دۇنيايىمغىمۇ باشقىلارنى باشلىمايدىغان بۇلۇپ قالدىم.
تۇرمۇشتىن قورقىدىغان، مۇھەببەتتىن قورقىدىغان، دوستتىن قورقىدىغان، ياخشى كىشىلەردىن، يامان كىشىلەردىن قورقىدىغان، ھەتتا ئۆزۈمدىنمۇ قورقۇپ ئەينەككىمۇ قارىيالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم.
ئاتا-ئانامنى ئۇنتۇپ كەتتىم، يۇرتۇمنى ئۇنتۇپ كەتتىم، ئۆزۈمنىڭ كىملكىنى ئۇنتۇپ كەتتىم.
ئاتا-ئانامنىڭ مەندەك پارازىتنى تېپىپ قويغىنىدىن نەپرەتلەندىم.
ئەمما. ۋاز كىچەلمەيتتىم. ۋاز كىچىشنىڭ بىرلا يۇلى بارئىدى ئۇ بولسىمۇ ئۈلۈۋېلىش. لېكىن، ھاياتلا بولىدىكەنمەن بۇ يولدىن ۋاز كىچەلمەيتتىم. چۈنكى زاۋۇت قۇرىمەن دەپ نەچچە ئون تۈمەن، شىركەت قۇرىمەن دەپ نەچچە ئون تۈمەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەنمەن. پۇللارنىڭ بىرقىسمى نەچچە يىللىق تىجارىتىمنىڭ تاپاۋىتى بولسا، بىرقىسمى ماڭا ئىشىنىپ ھەمكارلىشىشقا، ئۆتنىگە بەرگەن پۇللار ئىدى، بۇ پۇللارنىڭ جاۋابىنى بىرىشىم، قايتۇرۇشۇم كىرەك ئىدى.
بوينۇمدا بىر ئارغامچا، كاردىن چىققان تىنىمنى ئالدىمغا قاراپ سۆرەيتتى. مەن بولسام ئارغامچىغا ئېسىلغان پېتى ئۆزۈمنى تاشلاپ بەرگەن ئىدىم.
ئۆزۈمنى ئوڭشىغۇم، بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغۇم، خىيالىمدىكىدەك پارلاق بىر يولغا قەدەم باسقۇم بارئىدى. ئەمما، تىجارەت، تۇرمۇش، ئىختىزات، قابىلىيەت، جەمىيەتنىڭ كەينى كەينىدىن ئاتقان مۇشلىرى ھالسىزلاندۇرۋاتاتتى.
ئۈستىدىكى ھادىسىلەرمۇ قازايى مۆتلەقنىڭ ماڭا ئاتقان مۇشى ئىدى.
شۇتاپتا قۇياش نۇرىنى بىر كۆرگۈم، قۇياشقا يۈزلەنگۈم بار. ئەمما، ئۈستى-بېشىمدىكى قات-قات قارا بۇلۇتلار يىڭنىچىلىك نۇر ئۆتكۈزمەيۋاتىدۇ.
قۇياشنى قوغلاپ بىر قەدەم ئالسام قارا بۇلۇتلار ئون قەدەم سۈرلۈپ مېڭىۋاتىدۇ . . .
رەببىم . . . ئاسىي بەندەڭنى ئەپۇ قىل . . . روھچىن
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم