بىر يۈرۈش تۈرۈكچە مۇزىكىلار ℃1,760
«مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى» دىگەن ئەقلىيەنى بىر ئالىمنىڭ يازمىسىدىن ئۇقۇساق، يەنە بىر ئالىمنىڭ يازمىسىدىن « مۇزىكا قەلبنىڭ رىتسىپسىز دورىسى» دىگەنى ئەقلىيەنى ئۇقۇيمىز. ئەقلىمگە كەلگەندىن بىرى ناخشىلارنىڭ ياخشى يامىنى، ھالىلى، ھارىمى، ئۇيغۇرنىڭ، ئەنگىلىزنىڭ، خەنزۇنىڭ، دۆلەتنىڭ، چەتنىڭ دىگەن بىر نەچچە كاتىگورىيەگە بۆلۈنگەن لىكىنى ئاڭلىدىم ھەم كۆردۈم.
ئەمما، مۇزىكىنىڭ ياخشسىى، يامىنى دىگەن ئاتالغۇسىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ھەم بىر نىمىلەرنى سۆكۈپ، بىر نىمىلەرنى ماختايدىغان مۇزىكىنىمۇ ئاڭلىمىدىم. ئىش قىلىپ مۇزىكىلا بولسا ياخشى بولامدىكىن يا مەن يامان مۇزىكىنى ئۇچۇرىتىپ باقمىدىممۇ بىلمەيمەن. قاچاندىن باشلانغانلىقىنى بىلمەيمەن ئەمما ماڭا مۇزىكا ھەمراھ ئىكەن. ناخشىنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمەيدىكەنمەن ئەمما مۇڭ مۇزىكىلا بولسا تاپىدىكەنمەن.
بۈگۈنمۇ ئۇزۇندىن بىرى ئاڭلاپ كىلىۋاتقان تۈرۈكچە بىر يۈرۈش مۇزىكىلارنى بلوگىمغا ئورتاقلاشماقچى بۇلىۋاتىمەن. ياقسا كىرىپ ئاڭلاپ قويسىڭىز بۇلىدۇ ناۋادا چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز ئېلخەتنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز چۈشۈرۈش ئادىرسىنى يوللاپ بىرىمەن
ئەمسە قۇيۇش كونوپكىسنى بېسىپ تىڭشاپ بېقىڭ ! auto-playnext file دىگەننىڭ ئالدىدى كاتەككە توغرا بەلگىسى ئۇرۋەتسىڭىز داۋامىنى سىزدىن سورىمايلا قۇيۇپ بىرىدۇ
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم