تۇرمۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى، ئائىلىنىڭ مۇستەھكەملىكى ئۈچۈن ئەر-ئايال بىرى-بىرىگە سادىق بۇلىشى، كۆڭۈللىرىدە خىيانەت ساقلىماسلىقى، بار-يوق يىرىدە ئوخشاشلا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئەر-ئايال بىر مەقسەتكە كېلەلمىگەن ھەرقانداق ئائىلىنىڭ بۇزىلىشىنى ھېچ نەرسە تۇسۇپ قالالمايدۇ.
جەمىيتىمىزدە ئەرلەرنىڭ، بۇلۇپمۇ بىرنەچچە پەرزەنتلىك بولغان ئەرلەرنىڭ سىرتقا قارىۋېلىشى ئۇمۇم يۈزلۈك بىر ھادىسىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇنداق ئەھۋال مۇسۇلمان ئائىلىللىرى ۋە مۇسۇلمان بولمىغان ئائىلىلەردە ئوخشاشلا يۈز بېرىۋاتىدۇ.
سىرتتا «خورىزى يوق مېكىيان»دەك بۈرتۈركۈم ئاياللار پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئۇلار ئۈزىنىڭ ھېسياتى، نەپسى-خاھىشىنى دەپ ئاياللىق، بالىلىق ئەرلەرنى ئېرىققا چۈشكەن يۇپۇرماقتەك ئېقىتىپ كىتىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ كېيىملىرى، گىرىملىرى، سىرتقى يۈرۈش تۇرۇشلىرى ئىنتايىن جەلپكارلىق بۇلۇپ ئائىلىسىگە سادىق ئەرلەرمۇ ئۇلارنىڭ كۈزىگە سانچىپ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئېرىپ كىتىۋاتىدۇ.
ئەمىلىيەتتە بۇ خۇتۇنلارنىڭ قۇلىدىن كىلىدىغان بار –يوق ئىشى، قونچاقتەك ياسىنىپ يۇرۇشتۇر. ئۇلار بىر ئائىلىگە كىرگەندىن كىيىن ئائىلىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىدىن، پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيسىنىڭ ھۆددىسىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇنداق ئاياللارغا ئۆيلىنىپ قالغانلار بالاباققۇچى بىلەن ئائىلە خىزمەتچىسىنى كەم قىلىپ قۇيىدىكەن بۇنداق خۇتۇنلارنى بىركۈن تۇتۇپ تۇرالمايدۇ.
چۈنكى بىر ئائىلىنىڭ جاپاسىدا تاۋلانغان ئايال قونچاقتەك پارقىراپ تۇرمايدۇ بەلكى مىس ھەيكەلدەك تۇلۇپ تۇرغان بۇلىدۇ. سىر پارقىرغان بىلەن ئالتۇن پارقىرمايدۇ ئەمەسمۇ ؟
ئەرلەر بۇ تەرپىنى چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنى تارتالمايدۇ. ئۆز ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇتىدا چاراسلاپ كۆيۈشلىرى، پىرقىراپ يۈگۈرەشلىرى كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇنداق ئاياللار ئەرلەرگە يۇققان بىر ۋاباردۇر. بۇنىڭ دورىسى يەنىلا ئاشۇ ئايال !. ئەر كىشىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇللىرىنى، ئائىلىدىكى ئىقتىسادىنى خەجلەپ تۈگىتىپ، ئەركىشىنىڭ ئىسسىق جېنىدىن باشقا نەرسىسى قالمىغاندا ئۆزىنى يەنە بىر ئەركىشىنىڭ قوينىغا ئاتىدۇ.
ئەرلەر مۇشۇنداق ۋاقىتتىلا كىسىلىدىن ساقىيىپ ئىلگىركى ئايالىنىڭ يېنىغا قايتىپ كىلىدۇ.
مۇسۇلمان ئەرلەر سىرتقا قارىۋېلىش خاھىشىنى، ئىككىنچى ياكى ئۈچۈنچى خۇتۇن دىگەن نام بىلەن ئاتىۋېلىپ ئۈزىنى شەرىئەت ئالدىدا ئاقلىماقچى، ھەدىس، ھەتتا ئايەتلەردىن ئۈزىنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنىڭ توغۇرلىقىغا پاكت كەلتۈرمەكچى بۇلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ يولغا كىرگەندىن كىيىن شەرىئەتنىڭ تەلىپىگە چۈشەلمىگەنلىكتىن گۇناھكار بولغاننى ئاز دەپ، ئىلگىركى بىر ئۇبدان ئائىلىنىڭ پاجىئەسىگە سەۋەپ بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ئىككىنچى خۇتۇنلۇق بۇلۇش جەمىيتىمىز ئەرلىرى تاقەت كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغۇدەك دەرىجىدە بەدەل ۋە ئىمان تەلەپ قىلىدىغان قىيىن ئىشنىڭ بىرى. لېكىن ئەرلىرىمىز ئۇنىڭ اللە ئالدىدىكى جاۋاپكارلىقى بىلەن ھىساپلاشماي نەپسىنىڭ خاھىشى بىلەنلا ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكتىن ئەسلىدىنلا شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولمىغان بۇ قىلمىش ئاخىرىدا ئائىلە ماجراسى ۋە ۋەيرانچىلقى بىلەن نەتىجىلىنىۋاتىدۇ. قىلمىشى ئۈچۈن ئاخىرەتتە نىمە جاۋاپلارنى بىرىدۇ بۇنىڭغا اللە ئالىمدۇر.
ئەرلەر نىمىشقا ئاسانلا سىرتقا قارىۋالىدۇ ؟ بۇنىڭدا ئاياللارنىڭ سەۋەنلىكى بارمۇ يوق ؟
مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئەرلەرنىڭ قەلبى بىر چىلەك سۇغا ئوخشايدۇ. ئۇ يا يۇندا بۇلۇپ ئەۋرەز يۇلىغا ئاقىدۇ، يا دىللارغا ھوزۇر بەرگۈچى شەربەت بۇلۇپ لەۋلەرگە ياقىدۇ، يا خۇش پۇراق چاي بۇلۇپ تەشنالىققا باقىدۇ. بۇنى نىمە قىلىش ئاياللارنىڭ پاراسىتىگە باغلىق.
ئەمىلىيەتتە ئەركىشىنىڭ قەلبى ئاياللارنىڭكىدىن نازۇك بۇلىدۇ. ئۇلار ئايالىنىڭ بىرە خۇلقىدىن سۈيۈنسە ئايالىغا پەرھات، مەجنۇن ، تاھىرلارنىڭ كۆزى بىلەن قارايدۇ. ئاشۇ خۇلقى ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشقا رازى بۇلىدۇ.
بۇ جەھەتتە ئايال كىشى ئېرىنىڭ مىجەزىنى ، قىزىقىشلىرىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى،تۇرمۇشتىكى زوقلىنىدىغان، ھوزۇرلىنىدىغان تەرەپلىرىنى بىلىشكە تېرىشىشى، ئېرىنىڭ قايسى خىل كىينىشتىكى،قايسى خىل خۇلىقتىكى ئاياللارغا ھەۋەس قىلىدىغان تەرەپلىرىنى چۇقۇم بىلىشى كېرەك.
ئۆزى تاقەت كەلتۈرەلەيدىغان دائىرىدە ئېرىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشىشى كېرەك.
ھەر بىرئادەمنىڭ قىزىقىشى ئۈزىگە خاس بۇلىدۇ. بۇتەرەپتىن ئاياللارغا مۇنداق بولساڭ ئەرلەرگە ياقىسەن دەپ ئۆلچملىك بىر قېلىپ تۈزۈپ بەرگىلى بولمايدۇ.ئەمما، ئاياللار ئۇمۇ جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك ئالتەخىل ئەخلاقنى يىتىلدۈرگەندە ئەرلەرنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشىنى ئۈنۈملۈك تۇسۇپ قالالايدۇ ھېچ بولمىغاندا كۆپ قىسمىنى تۇسۇپ قالالايدۇ.
1- ئېرى بىلەن يۈز تۇرانە زىددىيەتلەشمەسلىك كېرەك.
تۇرمۇشتىكى ئەركىشى ماقال تەمسىللىرىمىزدە تىلغا ئالغاندەك «ئاتتىن چۈشسىمۇ،ئۆزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان» ئادەملەردۇر. بۇلۇپمۇئاياللارنىڭ ئالدىدا شۇنداق. ئاياللارئۇلارنىڭ سەۋەنلىكىنى بايقىغاندا نەقمەيداندا يۈز تۇرانە زىددىيەتلەشكەندە پاكىتى بىلەن تۇتقان تەقدىرمۇ ئەرلەر ئۈستىگە ئالمايدۇ، ھەتتا ئۆكتەملىك قىلىپ -قانداق قىلالايتتىڭ- دەپ تۇرۋېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئاياللارھەقىقەتەن چارىسىز قالىدۇ. بەكىرەك تەگەشسە زىددىيەت تېخىمۇ چۇڭىيىدۇ. بولدى قىلاي دىسە ئېرىنىڭ ئۆكتەملىكىنى سىغدۇرالمايدۇ.
ئەرلەر خاتالىقىنى بايقايدىغان ۋە تەربىيە بىرىدىغان، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان «رازۇتچىك»كەبى خۇتۇنلارنى ھەرگىزياقتۇرمايدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ كۆپۈنچىسى مەخسۇس تەربىيلەنگەن رازوتچىكلاردىنمۇ سەزگۇرراق كىلىدۇ. بۇ تەرەپتىن ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس.
نۇرغۇن ئاياللار ئەرلەرنىڭ كۈزىگە بىر قاراپلا ئەرلەر نۇرغۇن ئەقىل سەرپ قىلىپ تۇقۇغان ھىكايە، يۇشۇرغان سىرلىرىنى بايقىۋالالايدۇ. لېكىن ئەقىللىق ئاياللار بايقىغان ھامان ئوتتۇرغا تاشلاپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئىرىگە ماسلىشىپ قەستەن بىلمىگەن بۇلىۋېلىپ كىيىن ئۈزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ۋاقىتتا باشقىچە ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇنداق ئاياللارغا ئەرلەر ھەم قايىل بۇلىدۇ ھەم تېخىمۇ ئامراق بۇلۇپ كىتىدۇ.
پاراسەتلىك ئاياللار مەسىلىنى بايقىيالايدىغان ئايال ئەمەس بەلكى بايقىغان مەسىلىنى ئېرىنى قايىل قىلارلىق ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدىغان ئايالدۇر.
دىمەك:ئاياللار ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئېرى بىلەن يۈز قاتۇرشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى گەپ-سۆزدە ئېرى ئايالىدىن، ئايالى ئېرىدىن ئويىلىدىغان بىرخىل پەردىنى يىرتىپ تاشلىماسلىقى كېرەك.
2- ئېرىنىڭ تىلىغا تېتىغۇدەك تاماق ئېتىشنى بىلىشى كېرەك .
تۇرمۇشلۇق ئەرلەر ئۆيدىكى تاماقنى ناھايىتى مۇھىم بىلىدۇ. ئۇلار ئۆيدە ئايالى تۇرۇپ سرتتىن تاماق يىيىشنى بىر خىل ھاقارەت دەپ چۈشۈنىدۇ. ئايالىنىڭ قۇلىدىن چىققان بىرخىل تاماق تىلىغا تېتىغاندا ئايالنىڭ، تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىنى ھېس قىلغاندەك، ئەرلىكنىڭ يۇقۇرى پەللىسىدە تۇرغاندەك تۇيغۇدا بۇلىدۇ. بۇنداق تاماقنى ئۇلار ئۇزۇنغىچە ئۇنتۇمايدۇ. ئاداش-ئاغىنىللىرىنىڭ ئالدىدا بىرنەچچە قېتىم تىلغا ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. «بىركۈننىڭ ئىچىدە ئايالىمنىڭ تامىقىنى بىرۋاق بولسىمۇ يىيەلمىسەم بىركۈن ئاچ قالغاندەك بۇلۇپ قالىمەن» دىگەن ئەرلەرنىمۇ كۆرگەنتىم. ئايالىنىڭ تامىقى تېتىيدىغان ئەرلەر، ئۆيدىكى تاماقتىن قۇرساق تويغۇزمايدۇ بەلكى قەلب تويغۇزۇدۇ.
تاماققا ئۇستا ھېچ بولمىغاندا ئېرى ئامراق تاماقلارغا ئۇستا ئاياللارنىڭ بىركۈن ئىچىدە ئېرشىدىغان ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى ئېرىنىڭ تاماقتىن كىيىنكى رازىمەنلىكى ۋە ماختاشلىرى. ھېس قىلىشىمچە ئاياللار مۇشۇ خۇشاللىققا ئېرشەلىسە تاماقنىڭ ھاردۇقلىرى، ھەتتا ياغ چاچىراپ،ئوتقا تىگىپ كۈيۈپ قالغان يەرلىرىنىڭ ئېچىشىشلىرىمۇ پاك-پاكىز ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.
تاماققا ھۇرۇن ياكى تاماقنى ئوخشىتالمايدىغان ئاياللارئا ئېلىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن خۇشاللىقلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ھەتتا مۇشۇ سەۋەپتىن ئائىلىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، ھېرىپ-ئېچىپ كىرگەن ئەركىشىنىڭ ھاردۇقىنى ئۆيگە كىرىپ تۇنجى كۆرىدىغان ئايالىنىڭ تەبەسسۇمى بىلەن ئوخشىغان بىر قاچا تامىقى، ئىسسىق بىر پىيالە چېيى پاكىز چىقىرىپ تاشلىيالايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار تاماققا ھۇرۇنلۇق قىلماسلىقى، تاماققا ئۇستا بولمىسا ئۆگىنىشى كېرەك. ئېرى تاماققا ھازىر بۇلالىسۇن، بولالمىسۇن ئائىلىدە چۇقۇم بىر-ئىككى ۋاقىت تاماق قىلىش ئادىتى يىتىلدۈرىشى كېرەك.
3- كىر-قات يۇيۇشقا ھورۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك
كونىلاردا«تاقىغا قاراپ ئات بىل، ياقىغا قاراپ خۇتۇن بىل» دەيدىغان تەمسىل بار. خۇتۇنلۇق بىرە ئەركىشىنىڭ ياقىسى كىركۆينەك كىيىپ سالغىنىنى كۆرسەك دەرھال خۇتۇنىنىڭ چاغلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. نۇرغۇن ئەرلەر تويدىن كىيىن كىيم كىيىش ۋە ئالماشتۇرۇشتا ئاياللارغا يۆلنىۋېلىشتەك ئادەتنى يىتىلدۈرۋالىدۇ، ئايالى دىققەت قىلىپ تۇرمىسا پايپاقلىرى پۇراپ كەتسىمۇ كىيىپ يۇرىۋىرىدۇ.
ھەتتا ئالماشتۇرۋېلىڭ دەپ پاكىز كىيىم ئەكىلىپ بەرسىمۇ نېزىيقاپ «تېخى تۈنۈگۈن ئالماشتۇردۇمغۇ» دەپ قاقشاپمۇ قۇيىدۇ.لېكىن دائىم سېسىق پايپاق، كىر-قۇلاش كىيىم كىيىپ يۈرىدىغان ئەرلەرنى ئەتىراپىدىكىلەر مەنسىتمەس بۇلىۋالىدۇ. ھەتتا ئاغىنىللىرى كۆزئالدىدىلا مەسخىرە قىلىدۇ.
بۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنىۋەرسە ئەركىشى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئايال كىشىگە ئارتىپ باش گۇناھكار قىلىپ قۇيىدۇ. ئايالىم ھۇرۇن، ئىشقىلماس دەپ قاقشايدىغان بۇلىۋالىدۇ. يېقىنلىرى پۈدەپ قۇرسىقىنى تېخىمۇ ئېسىدۇ.
ھازىر خېلى نامرات ئائىللەردىمۇ ئاپتۇماتىك كىرئالغۇلارتۇلۇقلىنىپ بولدى. كىريۇيۇش بۇرۇنقىدەك جاپالىق ئىش ئەمەس، كىرنى سېلىپ، سۇپۇننى قۇيۇپ ماڭدۇرۇپ قويسىلا سۇنى ئۈزى قۇيۇپ پاكىز يۇيۇپ سۇسىزلاندۇرۇپ تەييارقىلىپ بىرىدۇ.
گەپنىڭ يېغىندىسى شۇكى: ھېچقانداق ئەركىشى مەينەت ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە ئەتىۋارلىمايدۇ.
4-ئائىلىنى رەتلىك، پاكىز تۇتۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.
بىركۈنلۈك ئىشتىن ھېرىپ كىرگەن ئەركىشىنىڭ ئالدىدا تەبەسسۇمى بىلەن تۇرغان ئايالى، خۇشپۇراقلار تاراپ تۇرغان، رەتلىك، پاكىزە ئۆي قۇچاق ئېچىپ تۇرسا سىرتتىكى بارلىق جاپا-مۇشەققەت، خاپچىلىقلارنى تامامەن ئۇنتۇيدۇ.
ئىشىكتىن كىرشىگە بىرنىمىلەر پۇتىغا پۇتلاشسا، دېرىزىنىڭ ئالدىغا كەلسە قاسماق پەردە، دۇغلىشىپ كەتكەن ئەينەك تۇسىۋېلىپ سىرتتىن يىراقلارغا نەزەر تاشلىيالمىسا، تېۋىزورنى ئاچاي دىسە تىزگىنەكنى تاپالمىسا، يېتىپ ئارام ئالاي دىسە كۆرپىلەر شىۋە پۇراپ ياستۇققا بېشىنى قۇيالمىسا، چىراقنى ياندۇراي دىسە ئۈزچاتنىڭ تانىسىنى تاپالمىسا، تاماقنىڭ ئالدىغا كەلسە داستىخانلار قاسماق، قۇشۇقلارمايماق تۇرسا، ئۆيگە تۇيۇقسىز مىھمان كىلىپ قالسا ئىشىك ئالدىدا قارىتىپ قۇيۇپ ئۆي يىغىشتۇرسىڭىز، كەلگەن مىھمان يولدىشىڭىزنىڭ ئاغىنىللىرى بۇلۇپ قالسا ئىش تېخىمۇ چاتاق . . . قېنى سىز ئېيتىپ بېقىڭە بۇنداق ئەركىشى سىرتتىكى ۋە ئۆي ئىچىدىكى ئاچچىقىنى كىمدىن چىقىرار؟
ئىللىق ئائىلە ھوزۇرماكاندۇر. بۇنىڭ ھوزۇرىنى رەتلىك،پاكىزلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئائىلىنى بۇنچىلىك تۇتۇش تەس ئىش ئەمەس، تەس بولغىنى ئادەتلىنىش. ئەگەر سىز ئىككى-ئۈچ كۈن ھۇرۇنلۇق قىلسىڭىزلا پارچە-پۇرات ئىشلار سىزنى قورقۇتۇپلا قۇيىدۇ. سىز ھەربىر ئىشنى ۋاقتىدا بىجىرىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۋالسىڭىز ئائىلىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش پەقەت بىر-ئىككى مىنۇتلۇقلا ئىش.
تاماقنى يەپ بۇلۇپ قاچىنى قازانغا دۈۋلەپ قويماي يۇيۋەتسىڭىز ئۈچ مىنۇتتىلا تۈگۈتەلەيسىز ئەمما ئىككى-ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ قاچىسى يىغىلىپ قالغاندا بۇنداق ئاسان تۈگۈتەلىشىڭىز ناتايىن .ھەربىرئىشنى ۋاقتىدا بىجىرمىگەندە «قىل يىغىلىپ ئارقان بولغىنىدەك»سىز كۈزىڭىزگە ئىلمىگەن پارچە-پۇرات ئىشلار سىزنى ھادۇرۇپ قۇيىدۇ.
5- ئېرىڭىزنى ماختاپ تۇرۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭ !
دۇنيادىكى ئىچى بوش، يەل ماڭىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئارسىدا ئەركىشىنىڭ ئالدىغا ئۈتىدىغىنى بولمىسا كېرەك.
ئۇلارئايالىنىڭ ئالدىدا ھەرتەرەپتىن بىلىملىك، قابىلىيەتلىك سۈپەتتە زاھىر بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۈزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرلىشىنى، ماختاشقا، رىغبەتلەندۈرلۈشكە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنداق مۇھتاجلىققا ئايال ئەڭ ياخشى ياردەمچى بۇلالايدۇ.
ئەركىشىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى مۇۋاپىق ماختاپ، بەزى ئىشلىرىغا قايىللىقىنى، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرغاندا ئەركىشى سىرتتىكى ھەرقانداق ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېيتىپ بىرىدىغان. خوش بولغانلارنىڭ تەرپىنى، رەنجىگەنلەرنىڭ ئەسكىلىكىنى چىن ھېسياتى بىلەن سۆزلەپ بىرىدىغان بۇلىدۇ. ئايالىنىڭ ياخشى قىلغان ئىشلىرىنى ماختىشىنى، قاملاشتۇرالمىغان ئىشلىرىنى توغرا چۈشۈنىشىنى، ئۈزىگە يۇقۇرى باھا بىرىشنى ئۈمۈت قىلىدۇ.
ئەگەر سىز مۇۋاپىق ماختاشنى، باھا بىرىشنى، مىننەتدارلىقىڭىزنى ئىپادىلەشنى بىلمەيدىغان ئايال بولسىڭىز ئۇنداقتا تىزلا ئېرىڭىزنىڭ سىرداشلىقىدىن مەھرۇم قالىسىز . . .
6- ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
ئاياللارنىڭ سەتى بولمايدۇ. بەزى ئاياللار ئۆزىنىڭ چىراي، بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ كىيىم كىيەلمەيدىغان، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرەلمەيدىغانلىقتىنلا كۆرۈمسىز كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
ئەگەر ئېرىڭىز قارشى تۇرمىسا ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدىلا (ياتلارنىڭ ئالدىدا گىرىم بىلەن يۈرۈش ھارام)مۇۋاپىق گىرىم قىلىشنى ئۈگۈنىۋېلىشىڭىز كېرەك. كۆزدىگەن گول نەرسە ماھىيەتنى كۆرمەيدۇ، زاھىرنەرسىلەرنىلا باھالايدۇ. قەلبىڭىز قانچە چىرايلىق بولغان بىلەنمۇ كۆزنىڭ ئىھتىياجىنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ.
ئەرلەر ئايالىنىڭ ئاۋۋال ئىللىق تەبەسسۇمىدىن، رەتلىك، پاكىزە كىيىم-كېچەكلىرىن، ھەتتا ئايالىنىڭ پۇرقىدىنمۇ ھوزۇرلىنىدۇ. ئەگەر سىزدە ئېغىزىڭىز ياكى تىنىڭىز پۇرايدىغان كىسەللىك بولسا قەتئى سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئېرىڭىزيېنىڭىزغا كەلگەندىمۇ مەجبۇر كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىختىيارسىز كەينىڭىزدىن قۇچاقلىغىنىنى، ھىدىڭىزدىن كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ھېدلىغىنىنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز .
كىيىملىرىڭىزدە كىرداغلىرى، غەيرى پۇراقلارنىڭ پەيدا بۇلۇپ قېلىشىغا ئالاھىدە ئىھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. بۇلۇپمۇ ئىچ كىيىملەردە .
يەنە ئائىلىدە كەيپىياتىڭىزنىمۇ كونتىرول قىلىپ تۇرشىڭىز كېرەك. ئەرلەر ئايالىنىڭ كۈلكىسىدىن قانچىلىك ھوزۇلانسا غەلۋىسىدىن، جىدىلىدىن شۇنچىلىك بىزار بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە تۇرمۇشتا ھەمىشە خۇشال ئۆتكىلى بولمايدۇ. كەيپىياتنىڭ بۇزۇلىشى، غەلۋە-جىدەلنىڭ بۇلۇپ قېلىشىن تۇلۇق ساقلانغىلى بولمايدۇ، سىز پەقەت ئېرىڭىز باريەردىلا ئېھتىيات قىلسىڭىز كۇپايە.
يۇقارقىلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىزدە چۇقۇم ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يىيىش. سەي-كۆكتات، مىۋە-چىۋە يەپ تۇرۇش ئادىتى بۇلىشى كېرەك. گۆش-تۇخۇم قاتارلىق ئاقسىل تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى ئازراق يىگىنىڭىز ياخشى .چۈنكى مىنرال ماددىلار تېرىنى ئاسراپ بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرسا ئاقسىللىق يىمەكلىكلەر ئاسانلا تېرىنى بۇزۇپ قۇيىدۇ.
مىنىڭ نەزىرىمدىكى ياخشى ئايال، ئەركىشىنىڭ ئەبەدىيلىك سۆيگۈسىگە ئېرىشىشكە، ئائىلىنىڭ پاراسەتلىك ئانىسى بۇلۇشقا لايىق ئايال، يۇقۇرقىدەك سۈپەتكە ئىگە بولغان ئاياللاردۇ.
بۇنداق ئاياللارنىڭ ئېرى قۇمدەك ئېقىپ، ئۇماچتەك چاچىراپ يۈرىدىغان ئەرلەر بولسىمۇ ئائىلىسىدىن سىرتقا ئاقمايدۇ ۋە خۇرازسىز مېكىيانلارغا چاچىرمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىنى بىجىرىش بەزى ئاياللارغا تەس كىلىشى مۇمكىن لېكىن بىزمەزگىل بەرداشلىق بىرىپ ئادەتلىنىپ كەتكەندە بۇلارمۇ نۇرمال ئىشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئائىلىنىڭ مۇستەھكەملىكى، ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببەتلىك بۇلىشى ئۈچۈن يەنە باشقا شەرتلەرمۇ بۇلىشى مۇمكىن . . . مىنىڭ بۇھەقتە ئويلىيالىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك. باشقىلارنىڭمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ئارقىلىق يازمىنىڭ كەم يەرلىرىنى تۇلۇقلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: باشقائۇرۇندامەنبەۋەئادېرسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلىتىلسە بۇلىدۇ.
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم