قارار قىلىش ھۇقۇقى سىزدە

بىركۈنى بوتىلەن ئايرودۇرۇمىدا دوستۇمنى ساقلاۋاتاتتىم، ئايروپىلاندىن چۈشكەن كىشىلەرتوپى ئارىسىدىن ئىككى چوڭ ساندۇق يۈك كۈتۈرۋالغان بىرئەرمەن تەرەپكە قاراپ كەلدى. ئۇ مىنىڭ يېنىمدا توختاپ كۈتۈۋېلىشقا چىققان ئۈيدىكىللىرى بىلەن قىزغىن سالاملاشتى.

 ئۇ يۈك-تاقىللىرىنى قۇيۇپ، كىچىك ئوغلىنى باغرىغابېسىپ، ئۇزاققىچە چىڭ قۇچاقلىدى. ئاندىن ئوغلىنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ:

-سىنى كۆرگىنىمدىن تۇلىمۇ خۇشالمەن، بالام، سىنى بەكمۇ سېغىندىم! –دىدى.

 ئوغلى ئازراق خىجىللىق ئارلاش كۈلۈمسىرەپ، كۆزلىرىنى دادىسىدىن قاچۇرۇپ، بوش ئاۋازدا:

-مەنمۇ سىنى بەك سېغىندىم، دادا، -دىدى.

ئاندىن كىيىن ئۇئەرئورنىدىن تۇرۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، ئوغلىنىڭ يۈزىنى ئالقانلىرى ئارسىغا ئېلىپ:

-چوپچوڭلا يىگىت بۇلۇپ كىتىپسەن، جاك، -دىدى. بۇچاغدا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىكى بىريېرىم ياشلاردىكى قىزچاق جىم تۇرالمايلا قالدى، ئۇكۆزلىرىنى دادىسىدىن ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. ئۇئەرقىزىنى «قوزام»دىگىنىچە ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئاۋايلاپ ئېلىپ، مەڭزىلىرىگە سۈيۈپ باغرىغا مەھكەم باستى. قىزچاق باشلىرىنى دادىسىنىڭ مۆرىسىگە قۇيۇپ، بۇخىل قانائەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىدى.

بىرئازدىن كىيىن ئۇقىزىنى چوڭ ئوغلىغا بىرىپ، يۇقۇرى ئاۋازدا:

-مەن ئەڭ ياخشىسىنى ئەڭ ئاخىرىغا ئېلىپ قويغان، -دىدى-دە، خۇتۇنىنى ئۇزاققىچە سۆيدى. ئۇلاقوللىرىنى تۇتۇشقىنىچە بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مىھىرلىك بېقىشتى. دەماللىققا مەن ئۇلارنى يىڭىلا توي قىلغان ئەر-خۇتۇنلارمىكىن دەپ قالدىم، بىراق بالىلارنىڭ يېشىغا قارىغاندا بۇنداق بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

-توي قىلغىنىڭلارغاقانچە ئۇزاق بولدى؟-سورىدىم مەن سەل گۇمانلىنىپ.

-12يىل،-دىدى ئۇ كۆزلىرىنى خۇتۇنىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ.

-ئۇنداقتا ئۆيدىن ئايرىلغىنىڭىزغا قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟

ئۇ ئەر مەن تەرەپكە قايرىلىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

-توپتوغرا ئىككى كۈن بولدى،-دىدى.

ئىككىن كۈن؟ خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن. بۇنداق قىزغىن كۈرۈشۈشكە قاراپ، مەن ئازبولغاندىمۇ بىرقانچە ھەپتە ياكى بىرقانچە ئاي بولغانمىكىن دەپ قاپتىمەن.

-مىنىڭ 12 يىلدىن كىيىنكى نىكاھ تۇرمۇشۇمنىڭمۇ مۇشۇنداق قىزغىن بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،-دىدىم مەن دەررۇ.

ئۇ ئەر تۇيۇقسىز كۈلۈمسىرەشتىن توختىدى-دە، ماڭا قاراپ تۇرۇپ:

-ئۈمىد قىلىمەن دىمەڭ، دوستۇم. قارار قىلىش ھۇقۇقى سىزدە !-دىدى.

ئەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرئاستا-ئاستا يىراقلاپ كىتىۋاتاتتى. مەن تاكى دوستۇم كەلگۈچە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇردۇم.

-نىمىگە قاراۋاتىسەن؟- سورىدى دوستۇم.

- كەلگۈسۈمگە، -دىدىم مەن قىلچە ئىككىلەنمەي كەسكىنلىك بىلەن.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 3 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. چىچەك
    ۋاقىت: 2011- يىل 22- ئۆكتەبىر 07:14 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    لىكىن تەقدىر ئالدىدا ئىنسان يەنىلا ئاجىز-دە!

  2. ۋاقىت: 2011- يىل 18- ئۆكتەبىر 19:20 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    مەن ئۇيغۇربەگ! ;-)
    بۇ ھەقىقىي ۋەقەمۇ ئۆزى؟

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*