قىسمەت ℃361

قىسمەت

 بىركۈنى بىر ئىستاكان خوجايىنغا دەپتۇ: غېرىپمەن، سۇغا مۇھتاجمەن، ئازراق سۇ بەرسىڭىز قانداق ؟

خوجايىن دەپتۇ: ماقۇل، سۇغا ئېرىشسەڭ بەلكىم غېرىپلىق ھېس قىلماسسەن …

ئىستاكان دەپتۇ: چۇقۇم شۇنداق.

 شۇنىڭ بىلەن خۇجايىن ئىستاكانغا قايناق سۇ قۇيۇپتۇ. قىززىق قايناق سۇدا ئىستاكان خۇددى ئېرىپ كەتكەندەكلا ھېسياتتا بۇپتۇ.«بەلكىم بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان.

ئاستا-ئاستا سۇ يىلمان بۇپتۇ، ئىستاكان ناھايىتى راھەتلىنىپتۇ« مانا بۇ ھەقىقى تۇرمۇش بولسا كېرەك »دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان.

ئاخىردا سۇ سۇۋۇپتۇ، نىمىشقىدۇر ئىستاكان قورقۇشقا باشلاپتۇ، « بۇ رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان يۇقىتىش بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان.

ئەڭ ئاخىرىدا سۇ مۇزلاپ كىتىپتۇ، ئىستاكان قاتتىق ئۈمۈتسىزلىنىپ ئويلاپتۇ« بۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىمۇ ؟»

ئىستاكان قاتتىق ۋارقىراپتۇ:« خوجايىن، سۇنى تۆكىۋەتسىڭىز، ماڭا ئەمدى كىرىكى يوق سۇنىڭ » ئەپسوس خوجايىن يوقكەن.

«ئەبلەخ، سۇ نىمە دىگەن سۇغۇق، بەكلا بىئارام قىلىۋەتتى» دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان. ئاخىرى سۇغۇققا چىدىمىغان ئىستاكان قاتتىق بىر تەرۋىنىپتۇ، سۇ چاچراپ تۆكۈلۈپتۇ، ئىستاكان قاتتىق شادلىنىپتۇ.

ئەمما، ئىستاكانمۇ يەرگە يېقىلىپ چۇل-چۇل بۇلۇپ كىتىپتۇ . . .   شۇندىلا ئىستاكان شۇنى بايقاپتۇكى ئۇنىڭ جىسمىنىڭ ھەممىلا يىرىدە سۇنىڭ ئىزناسى بارئىكەن . . .

ئەڭ ئاخىرىدا ئىستاكان ئۆزىنىڭ سۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ناھايىتى كىچىككەنلىكىنى، ئىككىنچىلەپ ھەرگىزمۇ سۇغا ئېرشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىپتۇ . . .

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*