بولدى قىل ئەي كۆڭۈل چەكمىگىن پەريات.
بولدى قىل ئەمدى سەن تۆكمە ئۈنسىز ياش.
بۇ دۇنيا رەھىمسىز كۆڭۈل يۇگەنسىز.
خار قىلما ئۆزۈڭنى بولدى قىل بەڭۋاش.
سۆيەلمەي ئۆزگىگە ئاشىق بولۇش ھەم.
سۆيۈلمەي ئۆزگىنى سۆيۈش ھامان غەم.
ئارامسىز يىغلايدۇ يۈرىگىڭ ھەر دەم.
ئۇ ساڭا پەرۋامۇ قىلمايدۇ بىر دەم.
سۆيگەنغۇ بولسىدى سەن سۆيگەنچىلىك.
ئەرزىيتتى ئەي كۆڭۈل قلساڭ قانچىلىك.
ئەپسۇس ئۇ، سۆيمىدى سېنى قىلچىلىك.
بولدى قىل ئەي كۆڭۈل كۆيمە بۇنچىلىك.
چىقىدۇ، بىر كۈنى، ساڭا، بىر قۇرداش.
ئۆتىدۇ، سە…
«مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى» دىگەن ئەقلىيەنى بىر ئالىمنىڭ يازمىسىدىن ئۇقۇساق، يەنە بىر ئالىمنىڭ يازمىسىدىن « مۇزىكا قەلبنىڭ رىتسىپسىز دورىسى» دىگەنى ئەقلىيەنى ئۇقۇيمىز. ئەقلىمگە كەلگەندىن بىرى ناخشىلارنىڭ ياخشى يامىنى، ھالىلى، ھارىمى، ئۇيغۇرنىڭ، ئەنگىلىزنىڭ، خەنزۇنىڭ، دۆلەتنىڭ، چەتنىڭ دىگەن بىر نەچچە كاتىگورىيەگە بۆلۈنگەن لىكىنى ئاڭلىدىم ھەم كۆردۈم.
ئەمما، مۇزىكىنىڭ ياخشسىى، يامىنى دىگەن ئاتالغۇسىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ھەم بىر نىمىلەرنى سۆكۈپ، بىر نىمىلەرنى ماخ…
قۇيۇش كونوپكىسىنى بېسىپ ئاڭلاڭ
ئۆزۈمنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملىرىمگە قاراپ باقتىم، ئەڭ ياخشى كىيىملەرنى كىيىپتىمە. كۆڭلۈم خالىغان تاماقلارنى تاللاپ يەيدىكەنمەن. قانغۇچە ئۇخلايدىكەنمەن. كۆرگۈم باريەرنى كۆرۈپ، ئاڭلىغۇم بارنى ئاڭلايدىكەنمەن. تۇرۇپلا ئۆزۈمدە تۇزكورلۇق تۇيغۇسى پەيدا بۇلۇپ قالدى.
بىر زاھىت ئۆمۈر بۇيى ئىبادەت بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئۇ ھەتتا بىرەتال كۈچەتمۇ تىكمەپتۇ سەۋەبى اللە قا ئىبادەت قىلىدىغان ۋاقتىمنى ئالىدۇ دەيدىكەن. ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ناھايىتى چوڭ ئۈ…
توردۇنياسى ئادەم ئاجايىپ تۇلا نەرسە، شۇنداقلا ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ياخشى سورۇن. ئادەم جېق يەردە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان، تەقدىرداش بۇلۇپ قالغانلارمۇ كۆپ بۇلىدىكەن. نۇرغۇن ئادەملەر كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس. ھەتتا، ئۆزىنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى تىڭشىيالمايدىغانلارمۇ ئۇچۇرايدۇ. شۇنداق ۋاقىتلاردا يەنە بىر قىسمەتدېشىڭنىڭ سەنمۇ ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن كۆڭۈل سىرلىرىڭنىڭ بايانىنى كۆرگىنىڭىدە ئۆزۈڭ بىر يىنىكلەپ قالغاندەك، قىممەتلىك نەرسە تېپىۋالغاندەك خۇشال بۇلۇپ …
تىۋىشلارغا تولغان قەلبنىڭ پىچىرلاشلىرىغا قۇلاق سالغۇدەك، سۇنىڭ شىلدىرلاشلىرىدەك پىنھان بايانلارغا شامالدىكى يۇپۇرماقلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىدەك نازۇك جاۋاپ قايتۇرغۇدەك قەلب بارمۇ ؟
قىسىلىپ تېلىپ كەتكەن باشنى قۇيۇپ، چىڭقىلىپ ئېتلىپ چىققان ياشنى تۈكۈپ، جاھالەت ئۇچىقىدا كاۋاپ بولغان يۈرەكنى يارغاندا ئېقىپ چىققان قان-يىرىڭ، زەرداپنى سەسكىنمەي ئېرىتكۈدەك قول بارمۇ ؟
مۇڭدىشىشقا ئاي يىراق، قۇياش قىززىق، يۇلتۇزپىنھان، شامال ئالدىراش يەرشارىدا تەنھا قالغاندا، بىر ئۇچۇ…
بۇ بىر قەلب تىۋىشلىرى ئەلۋەتتە قۇيۇش كونوپكىسىنى باسمىسىڭىز ماڭمايدۇ
سىنى سېغىنىمەن، سىنى سېغىنىمەن، مەن لەۋلىرىڭنىڭ شىرىن تەمىنى تېتىپ باقمىغان، چاچلىرىڭنى كەينىڭگە تاراپ قۇيۇپ باقمىغانمەن، يېرىم تىزلىنىپ تۇرۇپ ئايىقىڭنىڭ بوغقۇچىنى چىگىپ قۇيۇپ باقمىغانمەن. تاللا بازىرىغا كىرگىنىمدە سىنىڭ نىمىلەرنى ياقتۇردىغىنىڭنى ئەسلەپ بىرنەرسە سېتىۋېلىپ باقمىغانمەن،
ئۈزۈم بىلىدىغان تاماقلاردىن ئوخشىتىپ ئىتىپ ئەرلەرنىڭ قۇلىدىن چىققان تاماقنىڭ قانداق بۇلىدىغىنىنى ھېس قىلدۇرۇپ باقمىغانمەن. ئىشتىن يېنىپ كىرگىنىمدە ئىشىك ئالدىدىكى تەبەسسۇملۇ…
ھېچكىمگە دېمىدىم سېغىنغىنىمنى
(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
ھازىرقى زامان شائىرلىرىدىن غۇجى مۇھەممەد مۇھەممەد بىلەن چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ شىئىرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن.
ئۇلارنىڭ شىئىرلىرىدن ھەرخىل مەنالارنى ھېس قىلىمەن. شىئىرنىڭ ھەربىر مىسراسىدىن ئاياللىق پەزىلەت، ئەرلىك جاسارەتكە قىلىنغان خىتاپ ياڭراپ تۇرىدۇ. ھەربىر ئۇقۇغۇنۇمدا ئىختىيارسىز ئۆزىمىز ۋە جەمىيەت ھەققىدە تەگسىز خىياللارغا باشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شىئىرلىرىنى كۆرگەن يەردە يىغىپ ماڭىمەن. چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ بىرنەچچ…
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم