بارمۇ ؟ ℃532
تىۋىشلارغا تولغان قەلبنىڭ پىچىرلاشلىرىغا قۇلاق سالغۇدەك، سۇنىڭ شىلدىرلاشلىرىدەك پىنھان بايانلارغا شامالدىكى يۇپۇرماقلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىدەك نازۇك جاۋاپ قايتۇرغۇدەك قەلب بارمۇ ؟
قىسىلىپ تېلىپ كەتكەن باشنى قۇيۇپ، چىڭقىلىپ ئېتلىپ چىققان ياشنى تۈكۈپ، جاھالەت ئۇچىقىدا كاۋاپ بولغان يۈرەكنى يارغاندا ئېقىپ چىققان قان-يىرىڭ، زەرداپنى سەسكىنمەي ئېرىتكۈدەك قول بارمۇ ؟
مۇڭدىشىشقا ئاي يىراق، قۇياش قىززىق، يۇلتۇزپىنھان، شامال ئالدىراش يەرشارىدا تەنھا قالغاندا، بىر ئۇچۇم تۇپراقتا قونچاق ياساپ ھىكايە سۆزلەپ ئولتۇرغاندا، ساراڭ كۆرمەي قەلب تەشنالىقىنى كۆرەلەيدىغان كۆز بارمۇ ؟
دوستۇم دەپ يۈرەكنى بەرگەندە پىتەك كەبى دەسسىمەيدىغان، تىجارىتىگە دەسمايە قىلمايدىغان، تول خۇتۇننىڭ غەيۋىتىگە ناشتلىق بەرمەيدىغان، پاشا چىۋىن كەبى ئادەملەرگە تالاتمايدىغان، لالما ئىتلارغا يالاتمايدىغان ۋىجدان ئىگىسى دوست بارمۇ ؟
قەدىرلىكىم دەپ قەدىرلىسەڭ قەدرىڭنى بىلىدىغان، قۇلىنى يۇيساڭ پۇتۇڭنى يۇيالايدىغان، ئەركەبى ئىززىتىڭنى بىرەلەيدىغان، خۇتۇن كەبى ھۆرمىتڭنى قىلالايدىغان، ئىگىلسەڭ، ئۈستۈڭگە مىنمەستىن سەندىن بەكىرەك ئىگىلەلەيدىغان، ئالمىچىلىك يۈرەككە ئالەمچە سۆيگۈڭنى سىغدۇرالايدىغان قەدىرلىك بارمۇ ؟
ئازغاندا ئەسلىڭنى ئەسلىتەلەيدىغان، تايغاندا نىشانىڭنى كۆرسىتەلەيدىغان، يۇمشاقتا سىلكىپ ئويغىتالايدىغان، قاتتىقتا مۆرىنى تىرەلەيدىغان، پاراغەتتە سەن بىلەن كۈلەلەيدىغان، ھارارەتتە ئارخىرغىچە يۈرەلەيدىغان سەپەرداش بارمۇ ؟
يېقىلغىنىڭغا پىخىلداپ كۈلمەيدىغان، يۆتەلسەڭ چاۋىڭنى چىتقا يايمايدىغان، كەچلىكلىرى تېمىڭدىن مارىمايدىغان، پايداڭغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىمايدىغان، ھەققىڭگە قارا سانىمايدىغان ئالتۇنغا تىگىشكىلى بولمايدىغان ئالى جاناب خوشنا بارمۇ ؟
يىغلايمەن يېشىمنى سۈرىتەلەيدۇ كىم،
مۇزلىغان يۈرەكنى ئىرىتەلەيدۇ كىم،
بۇ خازان قەلبنى گۈللىتەلەيدۇ كىم،
سۆيگۈمگە داۋانى بىرۋىتەلەيدۇ كىم،
قەلبىمكە قەلبىنى ياقالايدۇ كىم،
بۇ ھىجران جامىنى چاقالايدۇ كىم،
نەپرەتكە تەبەسسۇم ياپالايدۇ كىم،
كەتكەندە كەينىمدىن باقالايدۇ كىم
…………………………………………………………………………………………..
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى