تۇرمۇش ℃431

1_121107134909_1

ھەممىمىز تۇرمۇشقا باغلانغان. كەسىپ، مۇھەببەت، ئالاقە، نىشانلىرىمىزدا قانداق ئىشلارنى قىلىشىمىزدىن قەتئى نەزەر بىزنىڭ

بىر تەرپىمىز تۇرمۇشقا باغلانغان. بىز يىتىلىۋاتقان بىر كۆچەت بولساق تۇرمۇش دەل يىلتىزىمىز ياكى تۇپراقتۇر. سىرتىمىزدا

قانداق ئۆزگىرىشلەربۇلۇشتىن قەتئى نەزەر بىز تۇپراقتىن ئايرىلالمايمىز. مۇھىمى تۇپراق بىزنى قۇرتۇپ قويمىغۇدەك مۇنبەت

بولىشى كېرەك.

سىزنى كۆكلىتىدىغان تۇپراقنىڭ قانداق بولىشى سىز تاللىغان ھەمراھىڭىزغا باغلىق ئەلۋەتتە. ھەمراھىڭىزنىڭ قانداق بولىشى،

تاللاپ بېرىشكە، تەلەيگە، سىناشقا باغلىق بولىدۇ. مەيلى سىز ھەمراھىڭىزنى قانچىلىك تاللىشىڭىزدىن، قانچىلىك مۇنبە تۇپراققا

ئېرىشىشىڭىزدىن قەتئى نەزەرتۇرمۇشىڭىزدا ئۇنداق، ياكى مۇنداق سەۋەنلىكلەرنىڭ بولىشى نۇرمال ئەھۋال. ھەمراھىڭىزنىڭ

ساپاسى ئاشۇ ئۇششاق-چۈششەك سەۋەنلىكلەرنى بىرتەرەپ قىلىشتا سىنىلىدۇ.

ھەمراھىڭىز ساپالىق بولسا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى چىۋىننى پالاق بىلەن ئۆلتۈرگەندەكلا بىر تەرەپ قىلىدۇ-دە مۇناسىۋىتىڭلارغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ساپا سى تۆۋەن بولسا چىۋىننى بېقىپ چوڭىتىپ، زەھەرلىك نەشتەرگە

ئايلاندۇرىدۇ-دە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككىڭلارنى چېقىپ ئۆلتۈرۈپ قۇيىدۇ. ئەلۋەتتە باللىرىڭلار يىتىم بولىدۇ.

​ئەر-ئايال بۈگۈنكى سورۇندىن كەيپى ئۇچقان، ئاچ قۇرساق ھالدا قايتىپ كەلدى. شوتۇنىنىڭ تاماققا تۇتۇش قىلغۇدەك مادارى

قالمىغان ئېدى، ئېرىنىڭ بىرە پىيالە چاي بېلەن نان بولسىمۇ ئەكەلىپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىپ ئولتۇردى. ئىرى بولسا ئايالىنىڭ

تۇخۇم بولسىمۇ قورىمىغىنىغا كەيپى ئۇچۇپ تېلفۇننىڭ زەررەتلىگۈچىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.

سەۋىر قىلىپ بولالمىغان ئايالى

- نىم قىلىۋاتىسىز

- تول قاچىلىغۇچنى ئىزدەۋاتىمەن

-ھازىر تاپمىسڭىز بولمامدۇ؟

-تېلفۇن ئۆچۈپ قالاي دېدى، ئەتە ئىشلىتىشم كېرەك.

- بولدى قېلىڭە، قۇرسۇقۇم ئېچىپ ئۆلەي دېدىم، بىرە نەرسە قىلىپ بەرسىڭىز بولمامدۇ ؟

-مىنىڭ ھالىم سىزدىن يامان، سىز نىمىشقا قىلمايسىز؟

-ئۆرە تۇرغۇدەك ھالىم يوق،

ئە پۇششاڭشىپ تام جاۋەنگە كاللىسىنى تىقىپ ماتىلاشقا باشلىدى، سەۋىر قېلالمىغان ئايالى، بېرىپ ئېرىنى تارتتى. ئېرى

سىلكىۋېتىپ ئىشىنى قىلىۋەردى. ئايالى ياتاق ئۆيدىن يوتقاننى ئەچىقىپ كىرىسلوغا چىقىپ ياتتى. ئېرى بىر نىمىلەرنى دەپ

غودوڭشىغىنىچە ئىشنى قىلىۋەردى.

مانا بۇ ھەرقانداق تۇرمۇشتا يۈزبىرىدىغان ھېچ قانداق ئەر-ئايال ساقلىنىپ بولالمايدىغان زىددىيەت. ئەر-ئاياللار بۇنداق زېددىيەتنى چىقارمايمىز دېگەندىن كۆرە، بۇنداق زىددىيەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلشقا ماھىر بۇلۇشقا باش

قاتتۇرغىنى ئەۋزەل.   خوش بۇ ئەر-خۇرتۇنلارغا داۋاملىق دېققەت قىلايلى، چىۋىننى ئۆلتۈرۋېتىپ تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرامدۇ

ياكى، باقامدۇ.

بىرە سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئەر ئايالنىڭ يېنغا كىلىپ دىققەت قىلدى، ئايال ئۇخلىمىغان ئېدى. ئەمما، كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ

ئۇخلىغان قياپەتتە ياتاتتى. سىز قارىسىڭىز ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز. ئەمما، ئۇخلىسا قانداق

ئۇخلايدىغىنىنى، كۆزىنى يۇمىۋالسا قانداق ياتىدىغىنى بىر ئۆيدە ياشىغان، ئۇخلىغىننى، كۆزىنى يۇمۇپ ياتقىننى كۆرەپ باققان ئېرى بىلەلەيدۇ.

-ھەي … كەچۈرۈڭ ! بايا كەيپىياتىمنى كونترول قىلالماي قالدىم.

- ھە

- ھەي تۇرىڭە سىزگە تۇخۇم قورۇپ بېرەي.

- يىگۈم يوق ئۇخلايمەن

- بىلىمەن ئۇخلىيالمايسىز، تۇرىڭە

ئەر ئايالىنىڭ قۇلىنى تارتىپ سۆيدى- مەن سىزنى سۆيىمەن، تۇرىڭە

ئايال-مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن دېمىدى. ئەمما، ئورنىدىن تۇردى، ئورنىدىن تۇرغىنى ئۇنى كەچۈرگىنى، مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن

دېگىنى ئېدى.

قاراڭ « مىنى كەچۈرۈڭ»، « سىزنى سۆيىمەن»بۇ ئىككى جۈملە نېمە دىگەن ئۇلۇغ سۆز ھە ؟ يۈرىكىىزدىن چىققان بۇ ئىككى

جۈملە نەچچە قۇر كىيىم، نەچچە گىرام ئالتۇننىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. بەلكىم بۇ گەپلەرنى تويدىن بۇرۇنمۇ دېگەن بۇلىشىڭىز

مۇمكىن. ئەمما، تويدىن بۇرۇن قىز بالىنى تەسىرلەندۈرەلىشى مۇمكىن. ئەمما، تويدىن كىيىن بۇ ئىككى ئېغىز گەپ ئايالىڭىزنى

ھەرقانداق قۇربانلىق بەگۈزەلەيدۇ. ئەگەر تويدىن بۇرۇن بۇ ئىككى ئېغىز گەپنى بەك كۆپ دەۋەتكەن بولسىڭىز، تويدىن كىيىن

«بىسى يېنىپ كەتكەن كەتمەندەك ئۆتمەس بۇلۇپ قالىدۇ». ئەخمەق بولمىسىڭىز تۈگمىنى تۈگىگە تىگىشىۋەتمەيسىز.

بەلكىم، تاماق تەييارلاش ئايال كىشىنىڭ ئىشى، بۇ ئىشتا خاتالىق ئايال كىشىدە تۇرۇپ، يەنە ئەر كىشى كەچۈرۈم سورىدى. بۇ

ئادىللىق ئەمەس، دىيشىڭىز مۇمكىن.

قېرىندىشىم، تۇرمۇشقا پىرىنسىپ ئاقمايدۇ. ئەر-خۇتۇن ئوتتۇرسىدا، توغرا-خاتالىق ئۇقۇم مەۋجۇت بولمايدۇ، ھەق-ناھەق مەسىلى بولمايدۇ. مىنىڭ توغرا ئىدى، خاتالىقىنى تۇنىتىمەن، ھەق-ناھەقنى ئايرىيمەن، دېسىڭىز بىھۇدە جىدەل، جورىڭىزنىڭ يۈرەك زېدىسى، ماجرادىن باشقا ھېچنىمىگە ئېرشەلمەيسىز.

ئەكسىچە ماجرانى قايسى بۇرۇن، قايسى ئەپچىللىك بېلەن بىر تەرەپ قىلسا بىز شۇنى پاراسەتلىك ئېكەن، مۇنبەت تۇپراق ئېكەن

دەيمىز.

ھېكايىمىزگە قايتىپ كېلەيلى

ئەر، ئايالنىڭ ئېرەنچەكلىك بېلەن، سالپىيىپ تۇرۋاتقان ھالىتىگە سۆيۈنۈش، زوقلىنىش بېلەن قاراپ تۇردى ۋە ئايالغا ئۇرۇندۇقتىن بىرنى ئەكىلىپ بىرىپ تۇخۇم قورۇشقا باشلىدى.

-نېمە ئىچىسىز دېدى ئايالى، توڭلاتقنى ئاختۇرۇپ،- سىز ئېچكەننى- دېدى ئېرى بېشىنى كۆتۈرمەي- خۇشامەت قىلماڭە، سىزگە

ياراشمايدېكەن، مۇتەھەملىككە ماسلىشىپ قاپسىز-، ئىككىسى تەڭ كۈلۈشۈپ كەتتى.

ئايالى يېنىدا يوتقانغا يۈزىنى يېقىپ ئۇخلاۋاتقان ئېرىگە قاراپ، ئۇنىڭ مۈشۈكتەك پۇشۇلداپ ئۇخلىشىغا زوقلىنىپ كەتتى.

شۇنداق ئەر كىشى جاھاننىڭ تۈۋرۈكى، ئاياللارنىڭ كۈنلۈكى دەيمىز. ئەمما، تۇرمۇشتا، ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ بالىسى،

ئايالىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا ئەركىلەشنى، قەيداشنى، باتناشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئايالىنىڭ، بېشىنى سىلاپ قۇيشىنى، «ئىشتىنىڭىز

كىر بۇلۇپ كىتىپتۇ ئالماشتۇرۋېلىڭ دېسە- بولدىلا ئەتە ئالماشتۇراي كىيىپ بۇپتىمە» دەپ تۇرۋېلىپ ئايالىنىڭ زورلاپ

ئالماشتۇرۇپ قويىشىنى ئىزدەيدۇ. ئۇ ئانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئانىغا بولغان سېغىنىشنى ئايالىدىن ئىزدەيدۇ. ئانىلىق

خىسلەتنى ئايالىدىن كۆرۈدۇ. ئانىغا بولغان مەنىۋى تەشنالىقنى ئايالىدىن تاپىدۇ.

ھەقىقى مۇھەببەت دېگەن مانا مۇشۇنچىلىك نەرسە. ئۇ سىزگە نەچچە مىڭ يۈەنلىك نەرسە ئېلىپ بەرگىنى سىزنى ياخشى

كۆرگىنىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. بەلكى، چاچلىرىڭىز چۇۋلۇقم قاپاقلىرىڭىز ئىششىق ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا، ئۇنىڭ كۈزىگە ئۇماق،

تاتلىق كۆرۈنۈپ زوقلىنالىسا، چالا ئۇيقىدا لەيلەپ مېڭىشلىرىڭىزدىن ئامراقلىقى كېلىپ ،-ھوي كالۋا مانا ھاجەتخانا -دەپ يىتىلەپ ئەكىلىپ قۇيالىسا، مانا بۇ ھەقىقى ياخشى كۆرۈش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ياسىنىپ يۈرىشىڭىز ھاجەتسىز،

گىرىم قىلسىڭىز گۆزەللىكىڭىزنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقىنىدىن سۆيۈنسە، گىرىم قىلمىسىڭىز تەبئى گۈزەللىكىڭىزدىن زوقلىنىدۇ.

خوش يەنىلا ھىكايىمىزگە قايتىپ كېلەيلى

- ھەي بۇرتىڭىز مايماق بۇپ قاپتىغۇ- دېدى ئايالى، ئىرىنىڭ ئۇخلىشىغا قااپ ئولتۇرۇپ

- ئىرى كۆزنىمۇ ئاچماي، بۇ يىل مايماق بۇرۇت مودا بۇپتىكەن.

ئايالى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قاقاقلاپ كۆلۈپ كەتتى. ئېرى ھېچنىەم ئاڭلىمىغاندەك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاش بېلەن ئېدى

ھەيران قالغانسىز، كۈلگۈدەك گەپ ئەمەسقۇ، دەپ. شۇنداق. لېكىن، كۆڭلىڭىزدىكى ئادىمىزنىڭ كىچىككىنە يۇمۇرلۇق گىپىمۇ

سىزنى كۈلدۈرەلەيدۇ. كۈلدۈرگىنى گەپ ئەمەس، مۇھەببەت !

 

بۇ تىمىنىڭ تىلغا ئالماقچى بولغان مەزمۇن خېلى بارئىدى. داۋامىنى تۇلۇق يېزىۋېتىشقا ۋاقىت ياتمىدى، ئىنشا اللە داۋامىنى

يەنە بىر تۇلۇقلاي. ۋاقتىنچە خوشلىشىپ تۇرايلى.

 

 

 

 

 

يازما ئاپتورى:

ھېچكىمنىڭ قۇرت-قوڭغۇزدەك نام-شىانسىز ياشاپ ئۆلۈپ كەتكۈسى بولمىسا كېرەك. يازغانلىرىم قەلبداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلالىسىكەن دەيمەن. . . يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىن كۆرەلەيسىز. ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 3 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2013- يىل 23- ئىيۇن 09:12 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ياخشى يازما ئىكەن

  2. مەرۋەرى
    ۋاقىت: 2013- يىل 9- ئىيۇن 04:52 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    مۇنبەردىن رەنجىپ قالغان ئوخشىمامسىز ئۇكام، قارىسام ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەردە ئىزىڭىزنى كۆرمىگىلى، يازما ، ئىنكاستىن گەپ ئاچماي :grin:

  3. ۋاقىت: 2013- يىل 29- ماي 10:39 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئېسىل يازمىكەن. سالامەت بولغايسىز.

جاۋاب مەرۋەرى

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*