رۇقىيەمنىڭ ئارزۇيى
ھىكايە
روھچىن
كىريېيىۋاتقان رازىيە مۇھەممەدنىڭ قاتتىق چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قۇلىدىكى ئىشنى تاشلاپ ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى. مۇھەممەدنىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتكەن بۇلۇپ سورىغان گەپكە جاۋاپ بىرەلمەستىن «قۇلۇقۇم، قۇلۇقۇم» دەپ تىپىرلايتتى.
رازىيە تەيياربۇلۇپ كەلگەندە مۇھەممەدنىڭ بېشىدا ئۈچ ياشلىق قىزى رۇقىيە «دادا نىمە بولدى ، دادا نىمە بولدى ؟»دەپ دادىسىدىن بەكىرەك بىئارام بۇلۇپ يىغلاپ تۇراتتى.
«كىرىپ يېتىۋىرىڭ قىزىم! دادىڭىزنىڭ قۇلىقى ئاغرىپ قاپتۇ مە…
قۇلۇڭنى تۇتقۇم بار ئىدى
ھىكايە
كەينىڭدىن مېڭىپ پۈتۈن بويۇڭنى كۆزىتىۋاتاتتىم گويا تۇنجى قېتىم كۆرۋاتقاندەك. ئىككى قۇلۇڭ سەل ئىگىلگەن بۇلۇپ جەينىكىڭ بىلەن بىلىڭ ئارلىقىدىن بوشلۇق ئېچىلىپ تۇراتتى گويا مىنىڭ قۇلۇمنىڭ شۇ بوشلۇقتىن كىرىپ سىنى قولتۇقلاپ مېڭىش ئۈچۈن ساقلاۋاتقاندەك تۇرۇپلا ئۆزۈمدە قۇلۇڭنى تۇتۇپ مېڭىشقا ئوتتەك بىرقىزغىنلىقنىڭ پەيدا بولغىنىنى ھېس قىلدىم. لېكىن جۈرئەت قىلالمىدىم بۇ بەختتىن مەھرۇم ئىدىم بەلكى مەھرۇم بولغىنى سەندۇرسەن ئەمما بۇنى ھېس قىلمايۋاتات…
يوتقاندا پەيدا بولغان تۇنۇش ھىد قادىرنىڭ كۆزىنى ئاچتى . كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئايالىنىڭ ھىدىغا قانماي پۇرايتتى، باغرىغا چىڭ باساتتى، چىرايىغا تىكىلىپ قارايتتى.
-«نېمانچە ئۇزۇن يوقاپ كېتىسەن؟ مۇشۇنداقمۇ تاشلىۋىتەمسەن ؟ بىلەمسەن؟سېنى بەك سېغىندىم » دىدى .
-«مەندىمۇ نىمە ئامال، كىلەي دەپمۇ كىلەلمىسەم بولمىسا مەنمۇ سېغىندىم ،دەيتتى ئايالى قادىرغا تىكىلىپ .
-قادىرنىڭ ئايالى ياستۇق ئۈستىدە قۇيۇپ قويغان يانفۇننى كۆردى-دە«مەن يوق ۋاقىتلاردا كىملەر بىلەن تېلفۇنلاشتىڭىز…
ئائىلىنىڭ يىلتىزى نەدە ؟
ئائىلە- ئۇ بىزنىڭ جەننەتماكانىمىزدۇر. ئۇيەردە ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ بىرجۇپ پەرزەنتى يىلتىزتارتىدۇ، چىچەكلەيدۇ، مىۋە بىرىدۇ.
ئادەم بىرتۈپ گۈل بولسا ئائىلە تەشتەكتۇر، ئادەم ئۈسۈملۈك بولسا ئائىلە مۇنبەت تۇپراقتۇر.پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھى ھەدىسلىرىدىنمۇ ئائىلىنىڭ يۈكسەكلىكى ھەققىدە نۇرغۇن
بايانلارنى ئۇچۇراتقىلى بۇلىدۇ.
بىز بۇرۇندىن ئائىلىنى ئۇلۇغلاپ، ئائىلىگە تەلپۈنۈپ كەلگەن خەلق. ئاتا بۇۋىمىز ھەتتا ئائىلىدە بولمىغان ئادەملەرنى ئادەم قا…
ناھايىتى نامرات بىرئادەمدىن دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نەرسە نىمە؟- دەپ سورىسىڭىز ئۇ دەرھال نامراتلىق، دىيشى مۇمكىن. دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەر مۆتلەق بولمايدۇ، بىرئادەملەرگە ئاچچىق بولغىنى باشقىلارغا تاتلىق بۇلىدۇ. ئەمما بۇ يازمىدىكى «ئەڭ»لەر دۇنيادىكى نۇرغۇن دەۋىردە، كۆپ قىسىم ئادەملەرگە توغرا كىلىدۇ. ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ دەۋرىمىزدىكى كىشىلەر تامامەن توغرا كىلىدۇ.
ئىشىنىمەنكى مۇشۇ يازمىدىكى «ئەڭ ياخشى»دەپ تەرىپلەنگەن نەرسىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئەڭ يامان» دىيىلگەن نەرسىل…
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم