رۇقىيەمنىڭ ئارزۇيى

ھىكايە

روھچىن

كىريېيىۋاتقان رازىيە مۇھەممەدنىڭ قاتتىق چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قۇلىدىكى ئىشنى تاشلاپ ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى. مۇھەممەدنىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتكەن بۇلۇپ سورىغان گەپكە جاۋاپ بىرەلمەستىن «قۇلۇقۇم، قۇلۇقۇم» دەپ تىپىرلايتتى.

 رازىيە تەيياربۇلۇپ  كەلگەندە مۇھەممەدنىڭ بېشىدا ئۈچ ياشلىق قىزى رۇقىيە «دادا نىمە بولدى ، دادا نىمە بولدى ؟»دەپ دادىسىدىن بەكىرەك بىئارام بۇلۇپ يىغلاپ تۇراتتى.

«كىرىپ يېتىۋىرىڭ قىزىم! دادىڭىزنىڭ قۇلىقى ئاغرىپ قاپتۇ مەن دۇختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئەكىلەي» دىدى. « مەنمۇ دادام بىلەن بارىمەن» دەپ يىغلاپ تۇردى رۇقىيە.

  رازىيە جېق كەژلەشمەي مۇھەممەدنى دۇختۇخانىغا ئېلىپ كەلدى. دۇختۇر مۇھەممەدنىڭ تەكشۈرگەندىن كىيىن «سۈۋەرەك كىرۋاپتۇ» دېدى ۋە بىرخىل سۇيۇقلۇق تېمىتىپ بەش مىنۇتلاردىن كىيىن ئۇچلۇق جۇپتەك بىلەن خېلى يۇغان سۈۋەرەكتىن بىرنى قىسىپ ئالدى.

 يەردە تىپىرلاپ تۇرغان سۈۋەرەكنى رازىيە دەسسەپ مىجىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن رۇقىيە « نىمىشقا ئۆلتۈرىسەن ؟» دەپ سورىدى «ئۆلتۈرۋەتسەك دادىڭىزنىڭ قۇلىقىغا كىرۋالالمايدۇ قىزىم » دىدى رازىيە.

 ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ بۇلۇپمۇ سۈۋەرەكنىڭ ئۈلىكىگە دەسسەپ قالغان رۇقىيەنى بىردەم ساقلىدى.

 ماڭار ۋاقتىدا دۇختۇر « قىزىم دادىڭىزغا بەك ئامراقكەنسىز. كەچلىكتە دادىڭىز پوسما كىيىپ قۇلىقىنى يۆگەپ ياتسۇن! بولمىسا سۇۋەرەك كىرىۋالسا دادىڭىزنىڭ قۇلىقى ئاڭلىماس بۇلۇپ قالدۇ، سۈۋەرەكنى كۆرگەن يەردە ئۆلتۈر ۋېتىڭ !» دېدى. رۇقىيە بۇگەپلەرنى تۇلۇق چۈشەنگەندەك دۇختۇرنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇردى.

ئۆيگە كىلىپلا رۇقىيە ئۆزىنىڭ پوسمىسىنى دادىسىغا كېيگۈزۈپ قۇلىقىنى مەھكەم يۆگەپ قۇيۇپ « پوسمىنى ئېلىۋەتمە !بولمىسا قۇلىقىڭغا سۈۋەرەك كىرۋالىدۇ» دېدى. ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ تىلىنىڭ قانچىلىك چۈرۈك، تاتلىق بۇلىدىغىنىنى ھەربىر ئاتا-ئانا بىلىدۇ، مۇھەممەدنىڭ قىزىغا مەسلىگى كىلىپ چىڭ قۇچاقلاپ نەچچىنى سۆيۈپ كەتتى.

ئۇلارنىڭ كۆزى ئەمدىلا ئۇيقۇغا بېرشىغا رۇقىيە ياتىقىدا يۈگۈرۈشكە باشلىدى. مۇھەممەد بىلەن رازىيە ئالدىراپ چىقىۋىدى، رۇقىيە قۇلىغا بىردانە كاۋاپ زىخىنى ئېلىۋېلىپ گىلەمنىڭ قېتىدىكى سۈۋەرەكلەرنى قوغلاپ يۈرەتتى، كاۋاپ زىخىنىڭ ئۇچچىغا بىردانە سۈۋەرەك سانچىغلىق تۇراتتى، «قىزىم يېتىپ ئۇخلاڭ ئەمدى» دىدى رازىيە، « سۈۋەرەكنى ئۆلتۈرۋالاي، بولمىسا دادامنىڭ قۇلىقىغا كىرۋالىدۇ» دېدى رۇقىيە.

بىر كېچىسى مۇھەممەد ياتار ۋاقىتتا ئۆچۈرۋەتكەن چىراقنىڭ يۇرۇپ قالغىنىدىن ئويغىنىپ  بېشىدا قاراپ ئولتۇرغان رۇقىيەنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ۋە « قىزىم نىمە بولدىڭىز قورققۇڭىز كەلدىمۇ؟» دىدى، « قورققۇم كەلمىدى ئويغىنىپ قارىسام  ئۆيدە سۈۋەرەك تۇرۇپتىكەن، سىزنىڭ قۇلىقىڭىزغا كىرۋالمىسۇن دەپ قاراپ ئولتۇردۇم» دىدى. مۇھەممەد بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قىزىنى باغرىغا چىڭ باستى ۋە كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى.

شۇندىن كىيىن رۇقىيە ئۆيدە سۈۋەرەكنى كۆرسىلا قۇلىدىكى ھەرقانداق ئىشنى تاشلاپ قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرمىگۈچە بولدى قىلمىدى، بارا-بارا چىۋىن، پاشا دىگەندەك كۆزگە كۆرۈنگەنلا ھاشاراتنى كۆرسىلا ئۆلتۈرۋىتىدىغان بۇلىۋالدى. «نىمە ئىش قىلىسەن» دېسە بىرلا گەپنى تەكرارلايتتى« ئۆلتۈرۋەتمىسەم دادامنىڭ قۇلىقىغا كىرۋالىدۇ»

بەزەن تاماق ۋاقتىدا، ئۆيدە مىھمان بار ۋاقىتلاردىمۇ ھېچكىمنىڭ گىپنى ئاڭلىماي قۇلىغا پالاقنى ئېلىۋېلىپ يۈگۈرەپ يۈرىيتتى. ئۆيدىكىلەر بالىغا گەپ ئاڭلىتالمىغاندىن كىيىن ئۆينى تازىلاپ، دورا قۇيۇپ يۈرۈپ ئۆيدە ھېچقانداق ھاشارات قويمىدى. لېكىن، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، چوڭ ئۆيلەردە ، باغچىلارغا بارسا رۇقىيەنىڭ قۇلى باشقا ئىشقا بارمىدى. چىۋىن، كىپىنەك، چۈمۈلە قاتارلىق جانلىقلارنى كۆرگەنلا يەردە ئۆلتۈرۋىتەتتى.

بىر قېتىم چوڭ ئۆيدە بىر سېرىق چاشقاننى « دادامنىڭ قۇلىقىغا كىرۋالىدۇ ئۆلتۈرۋىتىمەن» دەپ يۈگۈرەپ يۈرۈپ چوڭلارنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۋەتكەنتى.

مۇماي «دادىسىغا نىمانچە ئامراق بۇقىز» دېدى ھەيران بۇلۇپ، رازىيە « ئۇنى بىر دىمەڭ قىز بالىنى دادىسىغا ئامراق كىلىدۇ دەيتتى لېكىن ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنىڭدەك ئامراق بولماس ، بۇنىڭ كاللىسىدا دادىدىن باشقا خىيال يوقمىكىن دەيمەن » دەيتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا مۇھەممەت چوڭقۇر پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن رۇقىيەنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كىتەتتى

رۇقىيە ئەنە شۇنداق ھاشارات يۇقىتىدىغان قەھرىمان بۇلىۋالدى، رۇقىيەنىڭ قىلغانلىرى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈرەتتى، رۇقىيەنىڭ گىپى چىقسىلا دادىنىڭ مىھرى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بۇ مىجەز تىلغا ئېلىنماي قالمايتتى.

رۇقىيە ئاستا-ئاستا چوڭ بولدى ئەمما ئاشۇ قېتىملىق ئىشتىن يىتىلدۈرۋالغان ئادەتنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ بار يەردە ھاشاراتلارغا قىيامەت بۇلاتتى.

مەكتەپتىمۇ ئۇنىڭ پاكىزلىققا ئالاھىدە قارايدىغان مىجەزى تىزلا مەكتەپكە تۇنۇلدى ۋە پۈتۈن مەكتەپنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بولدى.

رۇقىيە چوڭ بۇلۇپ تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ كەسىپ تاللايدىغان ۋاقىت كەلدى.  مۇھەممەد بىلەن رازىيە ئۆزىنىڭ تاللىشىغا قۇيۇپ قويدى. ئەمما، رازىيەنىڭ كومپىيوتىر بىلەن ئەقلى يانفۇن قاتارلىق نەرسىلەرگە زىيادە قىززىقىشىغا قاراپ چۇقۇم كومپىيوتىرغا ئالاقىدار كەسىپنى تاللايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما تاللىغان كەسپىنى ئۇققاندا ھەممەيلەن ھەيران قالدى. بۇلۇپمۇ مۇھەممەد قىزىنىڭ ئەسلا قىزىقىشى بولمىغان بىر كەسىپنى تاللىغىنىدىن ھەيران بۇلۇپ قىزىنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ سورىدى. رۇقىيە « ئاشۇ كىچىدىكى سىزنىڭ قۇلىقىڭىزنى تۇتۇپ تولغىنىپ كەتكەن ھالىتىڭىز مىڭەمدە ئۇيۇپلا قاپتۇ. خېمىيە كەسپىدە تىرىشىپ ئۇقۇپ ئۈنۈملۈك دورىلارنى ئىجات قىلىپ دادىلارنىڭ قۇلىقىغا كىرۋالدىغان ھاشاراتلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرتىۋىتىمەن» دىدى.

مۇھەممەد ھۆل بۇلۇپ كەتكەن مەڭزىنى رۇقىيەنىڭ مەڭزىگە چىڭ يېقىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. لاچىن
    ۋاقىت: 2012- يىل 19- ماي 07:26 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ماشاءالله
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھيكايلىرى شۇنداق مەزمۇنلۇك ئكەن قىزلار شۇنداق دادمىز غا ئامراقكىلدىكەنمىز
    دادامنى ئويلىسام ئۇزۇمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئنساندەك ھىس قىلمەن
    ئاللاھ نىڭ ماڭا بەرگەن نىيمىتىنىڭ ئەڭ كاتتىسى يۇلەنسەم تاغ بۇلدىغان كىچە كۇندۇز بىز ئۇچۇن تەر ئاققۇزدىغان دادام دەپ ئويلايمەن سوزلەپلا كەتتىم . روقيەنىڭ ئەقىيدىسكە قايىل بولدۇم.
    ئاللاھىم ھەممە ئائيلىگە بەخىت ۋە ئىناقلىق بەرسۇن تىيمالىرى ئۇزلۇپ قالمىسۇن 

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*