دېرىزىنى تاقاڭ ℃957
دېرىزىنى تاقاڭ ! . . .
يانفۇننى ئىتىڭ ! . . .
كاللىڭىزدىكى باش-ئايىغى يوق خىياللارنى چۆرۋېتىپ گىپىمگە قۇلاق سېلىڭ ! . . .
باشقا ئىش يوق. سىزگە ئازراق پاراڭ سېلىپ بىرەي . . . ھاياتلىق كېمىسىدە پالاقشىپ يۈرۈپ كۆرگەن كۈنلىرىمنىڭ خاتىرسىگە ھاياتلىق ھەققىدە پىچىرلاپ بىرەي . . .
ئۇنداقتا مۇزىكىنى تىڭشىغاچ گىپىمگە قۇلاق سېلىڭ ! (مۇزىكا دىققىتىڭىزنى بۆلىۋەتسە توختىتىۋېتىش ئىختىيارلىقى سىزدە)
تۇرمۇش ئىشلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك يۈرۈشمەيۋاتامدۇ ؟ ئارزۇيىڭىز باشقا ئەمما باشقا ئىشلار بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ قېلىۋاتامسىز ؟ تۇرمۇشنىڭ ئېگىز-پەسلىكلىرى بىئارام قىلىپ تۇرامدۇ ؟
مەن سىزگە دەي : ھاياتلىقنىڭ ئۆزىنىڭ تەرتىۋى بار. ئۇ بىزنىڭ قارشى تۇرشىمىز، نارازى بۇلىشىمىز، ھەتتا تىللاپ قارغاشلىرىمىز بىلەن چاتىقى يوق ئۆز يۆلنىشى بويچە ئايلىنىۋىرىدۇ.
ھاياتلىقنى بىر ئېقىن دىسەك بىز شۇ ئېقىنغا چۈشكەن بىر يۇپۇرماق، بەزى دولقۇنلاردا كۆمتۈرۈپ، قايناملارغا شۇڭغۇتسا، بەزى تىپ- تىنىچ كۆللەرگەتاشلاپ قۇياشنىڭ ئېللىق ھارارىتىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. بىز توختىۋېلىشقا، ئارام ئېلىۋېلىشقا، باشقا ياققا بورلىۋېلىشىمىزغا ئىمكان يوق.
ئەمما ئادەمدە قەيسەرلىك دەيدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ ھەربىر ئادەمدە ئوخشىمىغان مىقداردا بۇلىدۇ. قەيسەر كىشىلەر دولقۇنلارغا يۇلۇققاندا دولقۇننىڭ چۇقۇم ئۆتۈپ كىتىدىغىنىنى بىلىپ جان جەھلى بىلەن تېرشسا، قايناملارغا شۇڭغۇتقاندا ئۇنىڭمۇ ئېلگىرى تىپ-تىنىچ ئاققان كۈنلەرنىڭ بولغىنىنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ قاينامدىن تىزراق ئۆتۈپ كىتىشىنى ساقلايدۇ.
قەيسەر بولمىغان ئادەملەر بولسا ئۇلار تۇمۇشنى كۆزيېشى،قاقشاش، تىل-ئاھانەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ . . .
ئەمما ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كىرەككى . . . ھەر بىر ئىشنىڭ ۋاقتى-سائىتى بۇلىدۇ. ۋاقتى توشمىغۇچە ئالدىراپ بېشىڭىزنى يېرىۋالسىڭىزمۇ پايدىسى يوق. شۇڭا ئىشلاردا سەۋىرچان بۇلۇشنى بىلىشىڭىز كېرەك !
تۇرمۇشتا قەيسەر بۇلىشىڭىزنى، خۇشاللىق كۈنلەردىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىشىڭىزنى، قايغۇلۇق كۈنلەردە خۇشال كۈنلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق تەسەللى تېپىپ تەبەسسۇم بىلەن ئۆتكۈزىشىڭىزنى تىلەيمەن.
دۇنياغا كەلگەندىمۇ تەنھا كەنمىز، ياشىمىقىمىز، كەتمىكىمىزمۇ تەنھا بۇلىدۇ. تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەملەرگە مۇھتاج بۇلىمىز. نۇرغۇن ئادەملەر بىزگە مۇھتاج بۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىراپىمىزدا قۇيۇق مۇناسىۋەت تورى شەكىللىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرشىمىز، نۇرغۇن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىمىز. ئەمما يەنىلا تەنھامىز. بىز ھاياتلىقنىڭ نۇرغۇن قىيىن نوقتىللىرىدا يالغۇز يۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
بەلكىم سىزنىڭمۇ ئۆزگىلەرگە ئەڭ مۇھتاج بولغان ۋاقىتلاردا ھەمراھ بولغۇدەك بىرە ئادەمنىڭ چىقمىغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغاندۇ. قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي نىشانسىز كۇچا ئايلانغان، قايسىدۇر بىر ئۇرۇندا جاھانغا چەكچەيگەن پېتى سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭىز بولغاندۇ ؟
شۇنداق بىز ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى سۆيۈشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى بىزگە بىردىن-بىر ھەمراھ بۇلىدىغان ئادەم دەل ئۆزىمىزدۇر.
كىچىكىمىزدىن يۆلەنچۈك بۇلۇپ كەلگەن ئاتا-ئانىمىز بىر ۋاقىتلاردا « ئەمدى مىنىڭ ۋاقتىم توشتى، ساڭا مۇشۇيەرگىچىلا ھەمرا بۇلالايمەن، قالغان ھاياتلىق سەپىرىڭنى ئۆزۈڭ باسقىن» دەيدۇ. كۆزىمىزدىن ياش تۆككەن پېتى تۇپراققا كۆمۈلگىنىگە قاراپ تۇرىمىز.
بىر تۇققانلىرىمىز چوڭ بولغانسىرى ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدا باشقا ئادەملەر پەيدا بۇلۇشقا باشلايدۇ. ئۇ ساڭا كۈلۈمسىرگەن پېتى باشقا بىرەيلەن بىلەن باشقا بىرياققا بۇرىلىپ كىتىدۇ. چىدىمىساڭمۇ ئايرىلماي ئامال يوق.
سەنمۇ بىرى بىلەن قول تۇتۇشىسەن، ئەمما يەنىلا سەن باشقىلارغا ئەڭ مۇھتاج بولغان ۋاقىتلارنى يالغۇز ئۆتكۈزىسەن.
شۇڭا باشقىلارغا بەك بېقىنىۋالما ! ئاتا-ئاناڭ بولغان تەقدىردىمۇ . . . مەلۇم ئارلىق ساقلاپ قوي.
ھاياتلىقتا ئاۋۋال ئۆزۈڭنى سۆي ! ساڭا بىردىن- بىر ھەمراھ بۇلىدىغىنى يەنىلا ئۆزۈڭ ! شۇڭا بۇ ئەزىز ھەمراھنى ئاسرا !
ھەر بىر ئىشتا چۇقۇم چىكىنىش يۇلى قۇيۇپ مېڭىشنى بىلىش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا يېقىلغاندا قۇلۇڭنى تارتىۋالىدىغان ئادەم چىقماي ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ نابۇت قىلىسەن! بارلىق ئۈمۈتنى ئەتىراپتىكىلەرگە باغلاش ھاياتلىقتىكى يەنە بىر خاتالىشىشتۇر. چۈنكى ياراتقۇچىدىن ئۆزگە ھەممىسى ئىشەنچىسىزدۇر، ئەمما ياراتقۇچى بىزنى تەدبىر بىلەن ياشاشقا بۇيرۇيدۇ.
ئادەم كۆزى ئۇچۇق كوردۇر. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھالاكەت يۇلىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ماڭىدۇ، زەھەرنى بىلىپ تۇرۇپ ئىچىدۇ، ئوتنى كۆرۈپ تۇرۇپ قول تىقىدۇ. ئەگەر ھەربىر قەدىمىڭدە رەببىڭگە تەۋەككەل بىلەن ماڭمىساڭ سىنىڭ كۆزۈڭ ئالدىڭدىكى ھاڭنى كۆرمەيدۇ. .ئەتە نىمە ئىش بولىدىغىنىنى بىلمەيسەن، ئىنساندا قاشنىڭ ئاستىدا پارقىراپ تۇرغان كۆزدىن باشقا يەنە بىر كۆز بۇلىشى كىرەك
كۆزۈڭنى يۇم كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل. . . جالالىدىن رۇمى
بەزى ۋاقىتلاردا ھېچ نەرسىنى كۆرمىسەم، ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمىسامكەن دەيمەن.
زامان ئايلىنىپ بىر يەرگە بارغاندا ئىنسانلار ئارسىدىن ھەقىقەت، ئادالەتنى ياقىلايدىغانلار ساناقلىقلا قېلىپ نەپسانىيەتچىلىك ۋابادەكلا يامىرايدىكەن.
بۇلاۋاتقان ئىشلارنى ۋىجدان تارازىسىغا سالغاندا يۈرۈگۈڭ ئامبۇردا قىسقاندەك مۇجىلىدىكەن.
زاماننىڭ ئاخىرقى بىرتۈركۈم كىشىلەرگە مەرھابا بولسۇنكى ئۇلار زاماننىڭ پىتنە-پاساتلىرىدىن قېچىپ تاغلاراغا چىقىپ كىتىدۇ. يەنە بىرتۈركۈم كىشىلەرگە رەھمەت بولسۇنكى ئۇلار زاماننىڭ پىتنە پاساتلىرىدىن قېچىپمۇ كەتمىگەن، ھەم شۇلارغا بەرداشلىق بىرىپ ئىمانىنى ساقلاپ قالغانلاردۇ.
ئەتىراپىڭىزدىكى مۇھىتتىن رەنجىپ يا ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قاردىر بۇلالماي يا كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرۇشقا بەرداشلىق بىرەلمەي كۆز، قۇلىقىڭىزنى ئىىتپلا تىنىچ يەرئىزدىگەندە يۆلەنگۈدەك بىرتال دەرەخىڭىزنىڭ بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ھاياتتا ئۈمۈتتىن نۇرلۇق چىراق يوق. ئىرادىدىن ئىتتىك كەتمەن يوق، جاسارەتتىن مەزمۇت ئاياغ يوق، بەلكىم سىزنىڭ ئەڭ ئامالسىز قېلىۋاتقان ۋاقتىڭىز ئۇڭۇشسىزلىقلارنىڭ ئارخىرقى بىكىتىدۇر. ئاخىرقى بىر قېتىملىق تولغاقتىن ئۈتۈپ كەتسىڭىز بىر قۇياش پارلاپ چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى چوڭ غەلبىلەر قاتتىق ئۇڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەن، ۋاز كەچمىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.
دېڭىزنىڭ ئاخىرى يوق. چۈنكى يەرشارىنىڭ 79% سۇدۇر. ئەمما سۇنماس ئىرادە بىلەن دېڭىزنىڭ چېتىنى تېپىپ چىقىش مۇمكىن. سىزنىڭ سۇقۇپ تۇرغان يۈرۈكىڭىز، ھەركەتلىنىپ تۇرغان پۇت-قۇلىڭىز، تەپەككۇردىن توختىمايدىغان كاللىڭىز سىزنى ھەرقانداق نىشانغا يەتكۈزۈدۇ. سىز ئەشۇ بايلىقلار بىلەنلا بولغانكەنسىز سىزنىڭ ئۈمۈتسىزلىنىش ھەققىڭىز يوق. چۈنكى سىزدىكى ساغلام بەدەن بەلكىم ئامىركىنىڭ زۇڭتۇڭىدىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن
لېرىك خىياللار ئادەمنى ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇرىدۇ. رومانتىك خىياللارغا بەنت قىلىدۇ، ھىسياتچانلىق ئادەملەرنى ئاجايىپ ئىلھام، تۇيغۇلارغا باشلايدۇ. يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسنى بىر ئادەمدە ئازدۇر-كۆپتۇر بۇلۇشقا تىگىشلىك ئېلمىنىتلار دەپ قارايمەن.
رومانتىك بىر ئادەم ئاسمانغا قاراپ جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلاغا قاراپ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلسا، ئۇلار بىلەن مۇڭداشسا رومانتىكىلىق كەمچىل ئادەم جىمجىت تۇرغان يۇلتۇزلاردىن بىئاراملىق، ھەتتا بىزارلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن.
ئادەم ھاياتىدا رىلىستىكى پويىزدەكلا ئۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ ئورمانلىقتىكى تۇلپاردەك ئەركىن چېپىپ بېقىشى، ھاۋادىكى لاچىندەك كائىناتتا تۇسالغۇسىز پەرۋاز قىلىپ بېقىشى كىرەك. ئەنە شۇنداق تەملىك تۇيغۇلارنى ھېس قىلىش ئۈچۈن رومانتىكىلىك، ھېسيات بۇلىشى كىرەك.
ھەممىمىزگە گۈزەل تۇيغۇلارنىڭ ھەمراھ بۇلىشىنى، يەرئاستى ئۆيگە سۇلانغاندىمۇ ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك خۇشال-خۇرام بۇلالىشىمىزنى تىلەيمەن.
تىمىسىز . . . . . . . . .
تۇرمۇشنى سايلىقتىكى بۇرانلىق يول دىسەك مۇھەببەت ئۇ يولدىكى قول چىراق بولماستىن،بەلكى لىپىلداپ يېنىپ تۇرغان شامدۇر. ئۇ سىزگە يۇرۇقلۇق بېغىشلاپ سىزنى يولدىن ئاداشتۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇنى بۇراندىن، چاڭ-تۇزاندىن قوغدىشىڭىز كىرەك، قولچىراقتەك ئالدىغا چىقىرىپ تۇتۇپ ماڭسىڭىز بىر قەدەم ئالماستىنلا ئۆچۈپ قالىدۇ.
مۇھەببەتكە يۆلنىۋېلىش تۇرمۇشتىكى ئېغىر پاراسەتسىزلىكتۇر.
بىز ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرىدىغان، ياكى ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئۇچۇراتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، پايدىلنىشقا ئالدىرايمىزيۇ ئۇنى قوغداشنى، ئاسراشنى ئويلىمايمىز.
سىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشكىنىڭىز ئالتۇن دەستەككە ئېرىشكىنىڭىز ئەمەس بەلكى بىر ئۇرۇققا ئېرىشكىنىڭىز. ئۇنى قانداق قىلىپ كۆكلىتىپ، چوڭ دەرەخكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ مىۋىسىدىن، سايىسىدىن بەھرىرلىنىشىڭىز ئۇنىڭغا قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرشىڭىزگە، قانچىلىك قوغدىشىڭىزغا باغلىق.
ھەممىمىز مۇھەببەتكە قارغۇلارچە يۆلنىۋېلىشتىن ساقلىنىپ پىلىلداپ يېنىپ تۇرغان بۇ شامنى ئاخىرغىچە ئۆچۈرۈپ قويماسلىققا، بۇ شامنىڭ ئۇتىنى نۇرغۇن شاملارغا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، تۇرمۇشنى، يۇرۇقلۇققا، ئىللىقلىققا تولدۇرۇشقا تېرشايلى.
يازمىللىرىمنى ئۇقۇپ بۇيەرگە كەلگەندە چارچىغانسىز، بەدىنىڭىز ئەمەس كاللىڭىز چارچىغاندۇ، بەزى گەپلەرنىڭ زادى نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلەلمەي كاللىڭىزنى چايقاپ قويغانچە ئۆتۈپ كەتكەنسىز . ھېچ ۋەقەسى يوق، بەزىللىرىنى دەرھال چۈشەنمەيسىز، بەزىللىرى بولسا تۇرمۇشتا سىزگە ئەسلا يۇلۇقۇپ باقمىغان، شۇڭا چۈشۈنىكسىز. ۋاقتىڭىز چىققاندا قايتا ئۇقۇپ باقسىڭىز بىر نىمىلەرنى ھېس قىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى