ھەسەن دەرۋىش ھېكايە قىلىدۇ:

يۇرت كېزىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە،  شام دىيارىدا بىر تۆمۈرچىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭغا زىخ، قىسقۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىنى، ئوتتا تاۋلىغان نەرسىلەرنى قۇلى بىلەن تۇتۇپ ئېلىۋېرىدىغانلىقىنى، قۇلىنى ئەسلا  ئوت كۆيدۈرمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم . بۇ ۋەقەگە قىزىقىپ قالدىم ۋە سىرىنى بىلمەك بۇلۇپ شام دىيارىغا سەپەر قىلدىم .

بۇ تۈمۈرچىنىڭ داڭقى بارئىكەن  سۈرۈشتۈرۈپ ئاسانلا تېپىۋالدىم .ئاڭلىغانلىرىم يالغان ئەمەسكەن ھەقىقەتەن قىپ-قىزىل چوغ ئارسىدىن ،لاۋىلداپ كۈيۈۋاتقان ئوتتىن قىزىرىپ چوغدەك بۇلۇپ قالغان تۈمۈرلەرنى ئالاتتى ، باشقا نەرسىلەرگە تىگىپ كەتسە پاژىلداپ كۈيۈپ كىتەتتىيۇ تۈمۈرچىنىڭ قۇلى ھېچنىمە بولمايتتى .

تۈمۈرچىنىڭ ھۈنۈرىنى بىردەم تاماششا قىلىپ تۇرغاندىن كىيىن يېنىغا بېرىپ كىلىشتىىكى مەقسىدىمنى ئېيتتىم ، تۈمۈرچى قۇلىدىكى ئىشنى يىغىشتۇرۇپ مىنى ئۈيىگە باشلىدى ،ئالدىمغا تاماق تارتتى ،مەن تاماقنى يەپ داستىخاندىن پارىغ بولغۇچە بىرئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ، قاچانىكى قۇرسۇقۇمنى تويغۇزۇپ تاماقتىن قۇلۇمنى تارتىۋىدىم قۇلۇمغا سۇبەردى ،داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ يۈلىنىشىم ئۈچۈن تەكىيدىن بىرنى بىرىپ ھىكايىسىنى باشلىدى .

قىرانلىق چاغلىرىم ئىدى،  كاتتا بايلارنىڭ قاتارىدىن ئىدىم، مال-مۈلكۈم، ئاشلىقىم ساناقسىز ئىدى، شۇۋاقىتتىمۇ ھۈنۈرۈم تۈمۈرچىلىك ئىدى.  اللە نىڭ ئىرادىسى بىلەن دىيارىمىزدا قۇرغاقچىلىق يۈزبىرىپ ، ئېغىر ئاچارچىلىق بولدى. كىشىلەر قوللىرىدا بار ئاشلىق،مال-چارۋىلارنى يەپ بولدى، ئاچارچىلىق داۋاملىشىۋەردى نۇرغۇن ئادەملەر يۇرتىنى تاشلاپ مۇساپىر بۇلۇپ چىقىپ كىتىشتى ، يۇرتىدا قالغانلىرىمۇ قۇرسىقىنى تويغۇزۇش ،ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن بايلارغا ياللىنىپ ئىشلىدى .

اللە نىڭ رەھمىتى بىلەن مىنىڭ دۇنيارىم يىتەرلىك ئىدى ، نامراتلارنىڭ ھالىدىن خەۋەرئالدىم ، ئاچلارغا تاماق بەردىم ، يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلىدىم ، شۇنىڭ بىلەن ھەريەرگە داڭقىم تارالدى ، نۇرغۇن كىشىلەر ياردەم سوراپ كىلىشتى قۇرۇق ياندۇرمىدىم .

مەھەللىمىزدە نامرات بىر ئائىلىنىڭ ئايدەك بىر قىزى بارئىدى ، قىز چىرايلىقلىقى بىلەن داڭلىق ئىدى، نۇرغۇن يىگىتلەر قىزنىڭ ئىشقىدا ئاھ  ئۇرارئىدى ، مەنمۇ شۇ قىزنىڭ ئىشقى – پىراقىدا كۆيەرئىدىم .

ئاچارچىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىمۇ قىيناپتۇ ، قۇلىدا يىگۈدەك ئاشلىق،ساتقۇدەك بىرنەرسە قالمىغاندا ئالدىمغا ياردەم سوراپ كىرىپتۇ ، قىزنى كۈرۈپلا شەيتىنىم قۇرسۇقۇمنى ئەستى «ۋەسلىگە يىتىدىغان پۇرسەت كەلدى، مىنى مۇرادىمغا يەتكۈز سىنى ئاشلىق، مال-دۇنياغا كۈمۈۋىتىمەن دىگىن . ئەخمەقلىق قىلىپ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويساڭ مەڭگۈ ئېرشەلمەيسەن» دەيتتى ، مەنمۇ شەيتىنىمنىڭ كەينىگە كىرىپ قىزغا مەقسىدىمنى ئېيتتىم ، قىز ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى .

نەچچە كۈندىن كىيىن يەنە كىردى قىزنىڭ چىرايى سارغايغان ، پۇتلىرى ماغدۇرسىزلىقتىن تىتىرەپلا تۇراتتى ،ئۇنىڭ تۇرقىدىن ئېغىزىغا لوقما سالمىغىلى نەچچەكۈن بولغانلىقىنى بىلگىلى بۇلاتتى ، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغىردى  رەھىم قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ شەيتىنىم يول قويمىدى «ئەخمەق بولما پۇرسەت دىگەن مۇشۇنداق بۇلىدۇ ، ئالدىڭغا كەلگەندە گىپىڭنى ئاڭلىمىسا  سەن يالۋۇرۇپ بارغاندا تېخىمۇ ئاڭلىمايدۇ»دەيتتى. مەن يەنە مەقسىدىمنى  ئېيتتىم  قىز تاراملاپ ياش تۆككەن ھالدا چىقىپ كەتتى .

قىز ئۈچۈنچى قېتىم كىردى  ئۈرە بولغۇچىلىك ماغدۇرى بولمىغانلىتىن ئىشىكىمدىن ئۆمۈلەپ كىرگەن ئىدى. مەن يەنە شەيتىنىمنىڭ كەينىگە كىردىم ، ئاچلىقتىن يېقىلىپ قالغان بىچارىگە ھايۋانى تەلىپىمنى قاندۇرۇشنى ئېيتتىم، قىز يىغلاپ كەتتى  ۋە «ئەي اللەنىڭ بەندىسى سىنى ياراتقان ھازىر ئۈستۈڭدە قاراپ تۇرۋاتقان رەببىڭدىن قورقمىساڭ نىمىنى خالىساڭ شۇنى قىلغىن» دىدى . قىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇرغان ئورنۇمدا تۇرۇپ قالدىم، قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن بىرۋاقىتتا ئىسىمگە كەلدىم ، قەلبىمدە كۈچلۈك بىر سادا پەيدا بولدى«ئەي نەسىر!  ئەمدى بالاغەت يېشىغا يەتكەن كىچىك بىر قىز رەببىدىن شۇنچىلىك قورقۇدىيۇ سەن قورقمامسەن ؟ مۇشۇ قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن ھامان بىركۈنى رەببىڭ سەندىن ھىساپ ئالىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن »

قىزنى ئۆيگە باشلىدىم ، ئالدىغا نۇرغۇن نازۇ-نىمەتلەرنى تىزدىم، ئۈزۈم خىزمىتىدە بولدۇم  قىز يانار ۋاقىتتا «ئەي نەسىر تۈمۈرچى  بىرەر ھاجىتىڭ بولسا ئېيتىن اللەقا دۇئا قىلاي  ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ  سەۋەبىدىن اللە دۇئايىمنى قۇبۇل قىلغاي» دىدى مەن «ئۇنداقتا اللەنىڭ مىنى ئىككى دۇنيادا ئوتتا كۆيدۈرمەسلىكىگە دۇئا قىلغىن» دىدىم . قىز «دۇئا» قىلدى مەن «ئامىن» دىدىم .

ئەتىسى دۇكاندا ھۆنەر قىلىۋېتىپ قۇلۇمنىڭ كۆيمىگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم، ئوت ئىچىدىكى قىززىق تۈمۈلەرنى تۇتۇپ باقتىم راسلا كۆيمىدى . ناھايىتى خۇشال بولدۇم اللە نىڭ بۇ رەھمىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن بارلىق دۇنيالىرىمنى سەدىقە قىلىۋەتتىم ، لېكىن ئازراقمۇ جاپا تارتمىدىم، اللە يۇلىدا قىلىنغان بىر ياخشىلىق 10 بۇلۇپ قايتىپ كىلىدىكەن ھېلىمۇ بايلارنىڭ قاتارىدىنمەن.

شۇندىن  بىرى ئەسلا گۇناھلىق ئىشقا يېقىن يۇلىمىدىم، رەببىمنىڭ ئىتائىتىدىن چىقمىدىم، ھەرۋاقىت رەببىمنىڭ ئۈستۈمدە كۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى  ئۇنۇتۇپ قالمىدىم . كىشىلەر ئارسىدا نامىم چىقتى، ئىلگىركى «نەسىر تۈمۈرچى»دىگەن ئىسمىم «ئوتتا كۆيمەس تۈمۈرچى»دەپ ئالمىشىپ كەتتى .

ھىكەيە مۇشۇ يەردە تامام بولدى ، ئەمما ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى :«اللە ئۈستىڭىزدە  قىلىۋاتقان ھەربىر  ئىشىڭىزنى كۈرۈپ تۇرىدۇ ، سىزدىن ھامان بىركۈنى بىر-بىرلەپ ھىساپ ئالىدۇ »

ئاپتۇرى ۋە مەنسى ئەسكەرتىلگەن باشقا ئۇرۇنلاردا ئېلان قىلىنسا بۇلىدۇ

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 6 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2011- يىل 18- فېۋرال 15:12 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    توردا ئەسەر يازىدىغان يەنە بىر يازغۇچى كۆپىيىپتۇدە yaxshi

  2. ۋاقىت: 2011- يىل 18- فېۋرال 10:21 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    راسىت….. بەندىدىن قورقىمەن دىگۈچە رەببىمىزدىن قورقۇشنى بىلىشىمىز كېرەك. باشلىقتىت قورقۇپ نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلىپ سالىمىزيۇ بىراق مۇشۇ ۋاقىتتا اللاھ نىڭ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز……. yaxshi

  3. سامپۇل
    ۋاقىت: 2011- يىل 16- فېۋرال 10:01 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    گەرچە ھىكايە تۇقۇلما بولسىمۇ لىكىن چو ھەقىقەت ،،،،ئاللاھ ھەمىدىن خەۋەردار.ئاللاھ تىن لايىقىدا قورقايلى …..

    • ۋاقىت: 2011- يىل 16- فېۋرال 11:25 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      بىلوگىمنى يوقلاپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت . . . داۋاملىق كىلىپ تۇرغايسىز . پىكىر-تەكلىپلىرڭىزگىمۇ مۇھتاجمەن salam

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*